نېمىنى بىلەتتىڭلار - 3يۇمۇر

نېمىنى بىلەتتىڭلار


چاشقاننىڭ لايىقى بولمىغاچقا ئۇنىڭغا كۆڭلىنى ئىزھار قىپتۇ، بۇنىڭغا توي تەكلىپى قويۇپتۇ، ھېچقايسىسى ئۇنىماپتۇ. شۇنداق كۈنلەردە بىر شەپەرەڭ ئۇنىڭغا ياتلىق بولۇشقا ماقۇل بوپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان باشقىلار ئۇنى مەسخىرە قىپتۇ. چاشقان ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دەپتۇ:
-سىلەر نېمىنى بىلەتتىڭلار، قانداقلا بولمىسۇن، ئۇ دگەن ئايروخانقىز.


ئاتا-بالىنىڭ دىئالوگى


ئاتا ئوغلىنىڭ تېلېفوندىكى زەئىپ ئاۋازىنى ئاڭلاپ سوراپتۇ:
- بالام، بەك چارچاپ كېتىۋاتامسەن نېمە؟ ئاۋازىڭ بوشقۇ.
ئوغلى ئۇھ تارتقىنىچە جاۋاب بېرىپتۇ:
-ھازىر تېخى كىر-قاتلارنى يۇيۇپ بولۇپ تۇرۇشۇم.
-نېمە دەۋاتىسەن؟ خوتۇنۇڭچۇ؟
-بۇ...شۇ...
-بىز سېنى خوتۇنىنىڭ كىرىنى يۇيۇپ بەرسۇن، دەپ باققانمىدۇق.
-ۋاي، ئاتا، بۇ... شۇ ...
-سېنى بۇنداق يارىماس بولۇپ قالا دەپ ئويلىماپتىكەنمەن. توختاپ تۇر، خېمىرنى يۇغۇرۇپ بولۇپ، ساڭا تېلېفون بېرىمەن، شۇ چاغدا دېيىشەيلى...


كاتتا مۇكاپات


بىر ئادەم ئاشخانىدا غىزالىنىۋاتسا، تامىقىدىن چىۋىن چىقىپ قاپتۇ. ئەرۋاھى ئۇچقان مېھمان دەرھال مۇلازىمنى چاقىرىپ، بۇ ئىشنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى سوراپتۇ.
-مۇبارەك بولسۇن ئەپەندى،-دەپتۇ مۇلازىم قىزغىنلىق بىلەن، - سىزگە يەنە بىر كىشىلىك تاماق سوۋغا قىلىش كاتتا مۇكاپاتى چىقىپتۇ.
مەنبەسى: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى.





1431 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-17 1:05:07  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-10-7 0:01:18 nazera
way bak kizzekkan yumurlar rahmat hamma salunqelar muxtak kisa hakiki ho ni alatte
2015-10-6 21:35:10
xundak yahxikan turmux yomurliri yaki ........rahmat silaga rahmat
2015-10-5 15:40:55 Xugkar
Bak.kzkkarlkkan.kulup.jenm.kalmidi.kanunga..hilp bolmaykuplapaw
2015-9-4 1:22:39 ruzgul
bak yahxkan rahmat
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ