ئەرلەر قانداق خوتۇندىن بەكرەك قورقىدۇ - قىزلار بىلىۋېلىڭ

ئەرلەر قانداق خوتۇندىن بەكرەك قورقىدۇ ؟

1 .ئەتىدىن كەچىكىچە ۋالاقلايدىغان ، ھەممە ئىشتا ئېرىدىن ئاغرىنىدىغان خوتۇندىن قورقىدۇ . ئەرلەرنىڭ مىجەز _خاراكتېرىدىن ئېيتىقاندا ، ئۇلارنىڭ غۇرۇرى كۈچلۈك بولىدۇ . چوڭ _چوڭ مەسىلىلەر توغرىسدا باش قاتۇرۇشىنى ياقتۇرىدۇ . كۈندىلىك ئۇششاق _چۈششەك ئىشلارغا ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيدۇ . خوتۇن بولغۇچى بىرەر ئىشقا يولۇقسلا ئاغزى بېسلىماي ۋالاقلاۋەرسە ياكى قۇسۇر چىقىرىپ ، ئېرىدىن ئاغرىنىۋەرسە ، ئەر قاتتىق بىزار بولىدۇ . سەل ئېغىر _بېسق ، تەربىيە كۆرگەن ئەرلەر بولسا قۇلىقىنى چىڭ ئېتىۋېلىپ ئولتۇرۇۋېلىشى مۇمىكىن . لېكىن . تاقەت قىلالمايدىغان ئەرلەر بولسا خوتۇنى بىلەن ئۇرشىدۇ ، ھەتتا قول تەگكۈزۈپ قويىدۇ .

 

2 .گەپ سۆزلىرى قوپال ، سوغۇت تەلەت خوتۇندىن قورقىدۇ .ئادەتتە ئەرلەر قەيسەر كەلسمۇ ، خوتۇننىڭ ئارتۇقچە كەسكىن، ھېسىياتسىز ، قاتتىق قول ، ھېچكىمىگە يول قويمايدىغان بولۇپ قېلىشىدىن قورقىدۇ . ئەرلەر خوتۇننىڭ مۇلايىم ، كۆيۈمچان ، ئەپۇچان بولۇشىنى   ئۈمىد قىلىدۇ . بۇ ئائىلىنىڭ بەخىتىلىك بولۇشىدىكى زۆرۈر شەرت .

 

3 .ھەر ۋاقىت ئۆزىنىلا ئويلايدىغان ، باشىقلارغا ھېسداشلىق قىلمايدىغان شەخسىيەتچى خوتۇندىن قورقىدۇ . ئادەتتە ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا كىچىك ئىشلارغا بەكرەك ئەھىمىيەت بېرىدۇ . لېكىن ، بۇنى شەخىسىيەتچىلىك بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويغىلى بولمايدۇ . ئەگەر خوتۇن ھەرقانداق ۋاقىتىتا ئاۋۋال ئۆزىنى ئويلىسا ، ئەرلەرنىڭ جەزمەن ئاچچىقى كېلىدۇ . خوتۇن بولغۇچى ئېرىگە نسبەتەن شەخسىيەتچىلىك قىلىماسلىقى ، ئېرى مىڭىبىر جاپادا تاپقان پۇللارنى ئۆزىنىڭ راھەت _پاراغىتى ئۈچۈنلا ئىشلەتمەسلىكى كېرەك .

 

4 .مەڭگۈ قانائەتلەنمەيدىغان خوتۇندىن قورقىدۇ . ئېرىدىن ھەر دائىم قۇسۇر چىقىرىپلا تۇرىدىغان ، كىچىككىنە سەۋەنلىكىنى تېپىۋالسا كۆپتۈرۈپ ھەممە يەرگە يايىدىغان ياكى ئېرىنى باشىقا ئەرلەرگە سېلىشتۇرۇپ پۈتۈنلەي ئىنىكار قىلىدىغان ، ئېرىنىڭ غۇرۇرىغا تېگىپ ھەدىسلا چۆكۈرىدىغان خوتۇنلار ئەرلەرنى ھەممىدىن بەك بىزار قىلىدۇ .

 

5 .ئېرىنىڭ ھەممە ئىشىغا ئارىلىشىۋېلىپ ، ئەركىنىلىكىنى چەكلەپ قويدىغان خوتۇندىن قورقىدۇ . بەزى ئەرلەرنىڭ شۇنىڭ ئۈچۈن توي قىلىغۇسى كەلمەيدۇكى ، ئۇلار توي قىلىغاندىن كېىيىن ، ئەركىنىلىكىدىن مەھرۇم قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ . ئەلۋەتتە توي قىلىغاندىن كېىيىن، ئائىلىنىڭ  مەجبۇرىيەت ۋە ھوقۇقىنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىشىقا توغرا كېلىدۇ . بۇنداق ئەھۋالدا ئەركىنىلىكتىن ئاز _تولا مەھرۇم بولۇش ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس . لېكىن ، خوتۇن بولغۇچى ئېرىنىڭ ئىشلىرىغا ھەددىن زىيادە ئارىلىشىۋالسا، ھەممە ئىشقا چات كېرىۋالسا ئەرگە ھار كېلىدۇ . ئېرىنىڭ ھەۋەسىلىرىنى خالىغانچە چەكلىسە قاتتىق ئۆچلۈكىنى قوزغاپ قويىدۇ .


 

6 .بەتبەشىرە خوتۇندىن قورقىدۇ . ئاياللار چىرايلىق   بولمسا ئەرلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىشى تەس . ئاياللارنىڭ سەت بولۇشى مەلۇم مەنىدىن ئېيتىقاندا بەخىتىسزلىك . لېكىن ، بۇنى تامامەن ئۆزگەرتىشىكە بولىدۇ . قاملاشتۇرۇپ گىرىم قىلسا ، خۇلق _مىجەزى نازاكەتلىك ، يۈرۈش تۇرۇشى سىىلىق، خۇشپېئىل . مۇلايىم بولسا چىراي _شەكىلىدىكى كەمتۈكلىكىنى تولدۇرۇپ كەتكىلى بولىدۇ . خوتۇن بولغۇچى ئېرىنىڭ ئۆزىگە قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىغا ئارتۇقچە دىققەت قىلىپ ، ئۆزىنىڭ ئېرىغا قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىغا ئېتىبار بەرمىسە ، ئەر مۇقەررەر ھالىدا خوتۇنىدىن يىراقىلىشىدۇ .

 

7 .بەتخەج خوتۇندىن قورقىدۇ . كۆپ ساندىكى ئەرلەر خوتۇننىڭ تىرىشچانلىق . ئىقىتىسادچىللىق بىلەن ئائىلە باشقۇرۇشىنى ، پۇلىنى پىلانلىق ئىشلىتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ . لېكىن ، بەزى ئاياللار بۇزۇپ _چېچىشىقا  ئامراق . ئۇلار ئۆزىگە ئېھتىياجلىق ياكى ئەمەسلىكىدىن قەتىئىينەزەر ئالدىغا ئۇچرىغانلىكى نەرسىنى سېتىۋالىدۇ . ئەرلەر بۇنداق خوتۇنلاردىن بەكمۇ بىزار .

 

8 .پۇلىنى جىندىن ئەزىز كۆرىدىغان خوتۇندىن قورقىدۇ . ئەرلەر ھەدىسلا پۇل سورايدىغان ،پۇلىنى ھېسىياتنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم قىلىۋالىدىغان خوتۇننى چىن قەلبىدىن سۆيمەيدۇ . چۈنكى ، ئۇنداق خوتۇننىڭ ماددىي جەھەتتىكى تەلىپىنى مەڭگۈ قاندۇرغىلى بولمايدۇ .

 

9 .گېپى بىر يەردىن چىقىمايدىغان خوتۇندىن قورقىدۇ .ئەرلەر بىر _بىرىنى چۈشىىندىغان ، بىر _بىرىنىڭ ھالىغا يېتىپ ، مۇڭدىشىپ ، تۇرمۇشىنىڭ ئېغىر يۈكىنى تەڭ كۆتۈرەلەيدىغان سىرداش ھەمراھ تېپىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ . ئورتاق تىل بولمسا ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرۈشتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ .





1268 قېتىم كۆرۈلدى Yurtum ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-10-7 3:35:56  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-10-11 22:33:41 xakla
yahxi
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ