ئەي دوستۇم ئاق كۆڭۈللىكىمنى دۆتمىكىن دېمە

 ئاقكۆڭۈللۈكۈمنى  كۆرۈپ دۆتمىكىن دىمە ، ھۆرمەت قىلىپ ساڭا باققان تەبەسسۇمۇمدىن ماڭا خوشامەت قىلدى دىمە ، تەكەببۇرلۇق ناداننىڭ ئىشى ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتكىنىم ئۈچۈن كەمتەر بولدۇم، يۇۋاش دىمە ،          ‏ مەيلى يىغلاي مەيلى كۈلەي ، مەيلى گاداي بۇلاي مەيلى باي بۇلاي ھەرۋاقىت  ، بىر ياخشىلىقىڭغا ئوننى قايتۇرالايدىغان ،ھەر كىم ئالدىدا بېشىمنى تىك تۇتالايدىغان ……مانا بۇ مەندىكى خاراكتىر ،مانا بۇ مەن !!!

 

دۈشمەنلىرىم پۇتلاپ تۇرسىمۇ،  يېقىنلىرىم ئالداپ تۇرسىمۇ،    دوسلىرىم سۆكۈپ تۇرسىمۇ. ئىشقىلىپ چىن مۇئامىلە قىلغانلىرىم ماڭا قانچىلىك ساختىلىق قىلسىمۇ مەن يەنىلا كۈلۈپ ياشاۋاتمەن،  تاۋلاندىم،  كۆندۈم، ھەممىنى بىلدىم.....

 

ھاياتنىڭ ئىسسىق-سوغوقىنى باشتىن كەچۈرگىنىڭدە،ئەڭ يېقىنلىرىڭدىن ئازار يىگەندە  ھېچكىمگە ئىشەنمەس،ھېچكىمنى خالىماس بولىدىكەنسەن!خوددى يالغۇزلۇق سەن ئۈچۈن بېرىلگەن ئەڭ ياخشى تەسەللىيدەك…

 

كۆڭلۈمدە يامانلىقىم يوق  .قايسى سەۋەپلەر تۈپەيلى كۆڭلۈمنى ئاغرىتقانلا بولسىمۇ ھىچ بىر ئىنسانغا ئاداۋىتىم ئەسلا يوق  . شەيتاننىڭ ئىشى بولغان ھەسەتلەر بىلەنمۇ كۆڭلۈمنىڭ چىگرىسى ئىنتايىن يىراق  .چۈنكى مەندە بەخىت،   كەڭ قورساقلىق ، ئاقكۆڭۈللۈك، خۇشخۇيلۇق بار.  ئىزدىسە ئېشىۋالدىغان ، ئىزدىمىسە يامانلايدىغان خۇيۇم يوق. ئوخشاش ماڭا قەلىپ تۆرىدىن ئورۇن بەرگەنلەرگە مىنىڭ قەلبىمدىمۇ ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئورۇن بار ، بولممىسا ئۆزگىلەرنىڭ قەلبىگە موھتاجىم يوق ....





1567 قېتىم كۆرۈلدى Katipim ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-10-7 3:43:21  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ