تېلېۋىزوردا ئالاھىدە ئۈنۈملۈك چاشقان دورىسىنىڭ ئېلانى بېرىلىۋاتاتتى : « بۇ چاشقان دورىسىنى ئىشلەتسىڭىز ، ئۆيىڭىزدىكىلا ئەمەس ، مەھەللىڭىزدىكى، ھەتتا شەھىرىڭىزدىكى چاشقاننىڭ نەسلىنى قۇرۇتىۋېتىدۇ » . 
 ئېلان بېرىلىپ بىر نەچچە كۈندىن كېيىن بىر كىشى بۇ شىركەتكە ئاچچىقلاپ تېلېفون قىلدى :
-قانداق گەپ بۇ، ئادەمنى شۇنداقمۇ ئەخمەق قىلامسىلەر ؟...
تېلېفونىست :
-نېمە ئىش بولدى ئەپەندىم ؟
-سىلەرنىڭ چاشقاننىڭ نەسلىنى قۇرۇتىۋېتىدىغان دوراڭلارنى يېگەن چاشقان ھازىرغىچە ئۆيۈمنى قالايمىقان قىلىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ دوراڭلارنى يېگەنلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ئىدىم.
-كەچۈرۈڭ ئەپەندىم، چاشقاننىڭ دورا يېگەندىن كېيىن قايناقسۇ ئىچكەنلىكىگە جەزم قىلالامسىز ؟
-شۇمۇ گەپ بولدىمۇ ؟ قارىغاندا مەن يەنىلا جەزملەشتۈرۈپ بولۇپ سىز بىلەن قايتا ئالاقىلاشسام بولغۇدەك .
ئىككى كۈندىن كېيىن ھېلىقى ئادەم يەنە شىركەتكە تېلېفون قىلدى.
-ئەمدى شىركىتىڭلارنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىدىغان ۋاقىت بولۇپ قالدى، چاشقاننى تۇتۇۋېلىپ ئۆز قولۇم بىلەن دورىنىمۇ يىگۈزدۈم، ئارقىدىن قايناقسۇمۇ ئىچكۈزدۈم... چاشقاندا ھېچقانداق ئىنكاس يوق، تېخى بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك جانلىنىپ كەتكەندەك كۆرۈنىۋاتىدۇ . 
تېلېفونىست ناھايىتى تەمكىن ھالدا جاۋاپ قايتۇردى : 
-چېچىلماڭ ئەپەندىم، بۇنداق بولۇشى نورمال ، دورىنىڭ بىر باسقۇچى ئالتە ئاي... 
| 680 قېتىم كۆرۈلدى | ئەسەر يوللىغۇچى : | ||
| 2015-8-9 15:03:42 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
| 2015-8-13 22:11:58 | amragul | 
| bak kizzih kan | |
| 
 تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
 
  	www.yazghuqilar.com 
  	新ICP备15002323号 
  	
    
 |