ئاشنا تۇتۋالغان ئەرگە ئايالىنىڭ ئېيقان سۆزلىرى

بىر كۈنى يولدىشى ئىشتىن چۈشۈپ قايتىپ كەلدى، ئايالى ئالدىراش تاماق ئىتۋاتاتتى.

يولدىشى: بىزنىڭ شىركەتنىڭ دېرىكتورى يېقىندا چىرايلىق بىر ئاشنا تۇتىۋالدى،ئاڭلىشىمچە ئايالى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ياخشى بولمىغاچقا شۇنداق قىپتۇ.

ئايالى:نىمە؟سىزنىڭمۇ شۇنداق قىلغىڭىز كەلمەيۋاتقاندۇ؟

يولدىشى:ياقەي نەدىكىنى! ئۇلارنىڭ دىگەن تۇرمۇشىدىن مەسلە چىقىپتۇ. بىز يا ئۇنداق بولمىساق...كەچلىك تاماقنى يەپ بولغاندىن كىيىن ئايالى يولدىشىنىڭ كۈتۈپخانىسىغا كىردى.

ئايالى:ئىشىڭىزنى قۇيۇپ تۇرۇڭ، بىز بىردەم پاراڭلىشايلى.

ئەگەر بىر كۈنى ،چىرايلىق بىر قىز سىزنى ئۇچۇرشىشقا تەكلىپ قىلسا، ھەمدە سىزنىڭ شۇنداق بارغىڭىز بولسا. سىز ئۇنى ئۆيىمىزگە تەكلىپ قىلىڭ. ئوغلىمىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالسۇن، ئاندىن ئۇچىرشىشقا مەن سىز بىلەن چىقاي بولامدۇ؟

يولدىشى:....

ئايالى: ئەگەر بىر كۈنلەردە ئۇ قىزنىڭ يولدا،  چىرايلىق ياسىنىپ كىتىپ بارغانلىقىنى كۈرۈپ ناھايتى زوقلانسىڭىز، ھەمدە مىنى چىرايلىق ئەمەس دەپ ھېس قىلسىڭىز. سىز بېرىپ ئۇنىڭدىن كىيگەن كىيمىنى، تاقىغان زىبۇ-زىننەتلىرىنى، ئىشلەتكەن گىرىم بۇيۇملىرىنى نەچچە پۇلغا ئالغانلىقىنى سوراپ ھېساپلاپ بېقىڭ، ئاندىن ماڭىمۇ شۇنچىلىك پۇل بىرىڭ، مىنىڭچە ، مەنمۇ شۇ قىزغا ئوخشاش بۇلالايمەن.

يولدىشى:...

ئايالى: ئەگەر سىز ئۇنى راسلا ياخشى كۈرۈپ قالسىڭىز ،ئۇنڭ بىلەن توي قىلغىڭىز بولسا. مەن ئوغلۇم بىلەن كۈچۈپ چىقىپ كىتەي،سىز ئۇ قىز بىلەن بۇ ئۆيدە ئانىڭىزنىڭ ھالىدىن 3يىل خەۋەر ئېلىڭ.(چۇقۇم مەن بىللە تۇرغان ۋاقىت بىلەن ئوخشاش بۇلىشى كېرەك).

يولدىشى:...

ئايالى:ئۇنىڭدىن كىيىن ، ھەر يىلدىكى ھېيىت بايرام، مېھمان چاقىرىشلاردا ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزۈڭ، ئاندىن ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى، تۇغۇلغان كۈننى مەن سىز بىلەن ئۆتكۈزەي. ئۆينىڭ پۈتۈن ئىشلىرىنى ئۇ ئۈستىگە ئالسۇن، كىنو كۈرۈش، ساياھەتكە بېرىشتا مەن سىزگە ھەمرا بولاي. ئەڭ مۇھىمى ئۇ بالىمىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى كېرەك، بۇنداق بولغاندا بىز پۇخادىن چىققىچە ئوينىيالايمىز. ئەگەر مەن يېنىمدىكى پۇلنى چوڭلارنىڭ،بالامنىڭ چىقىمىغا ئىشلەتمىسەم ساياھەتكە چىققاندا ئۈزەمنىڭ چىقىمىنى ئۈزەم كۈتۈرسەم بولىدۇ!

يولدىشى ئاخىرى چىداپ بولامماي:بۇنداق شارائىتقا قنداق ئايال ماقۇل دەيدۇ.

ئايالى:مانا توغرىغۇ! سىزدە ھازىر كەم بۇلۋاتقىنى ئاشنا ئەمەس، بەلكى ئۆيگە ئائىلە خىزمەتچىسى تەكلىپ قىلىپ مىنىڭ يۈكۈمنى يەڭگىللىتىش. ئۇنداق بولغاندا مەن ۋاقىت چىقىرىپ سىز بىلەن خوشال خورام ئويناپ كىلەلەيمەن. ئەگەر شۇنداق قىلالىسىڭىز. مەن بىر ئۆمۈرلۈك ئاشنىڭىز. ئۇنداق بولمايدىكەن مەن سىزنىڭ ئالدىڭىزدا مەڭگۇ ھازىرقىدەك تەلەتى سەت  ئايال خىزمەتكار خالاس.

يولدىشى:ئەگەر سىز تالاغا قاراپ قالسىڭىزچۇ؟

يولدىشىنىڭ جىددىلەشكەن چىرايىغا قاراپ،ئايالى كۈلۈپ كىتىپ بۇ نۇقتىنى مەن سىزگە ئىنىق ئېيتىپ قوياي، بىر ئۆمۈر بىر ئائىلىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئىش مۇشۇ بىر قېتىم يىتەرلىك بولدى . مىنىڭ يەنە تالاغا قاراپ، باشقىلار بىلەن توي قىلىپ بۇ جاپالارنى تارتقۇم يوق. شۇڭا سىزلا مىنى ئاسرىسىڭىز ، ماڭا كۈيۈنسىڭىز، مەن تالاغا قاراپ قالمايمەن.

يولدىشى ئايالىنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ:ياق!مەڭگۈ ئۇنداق بولمايدۇ،بىز بىر ئۆمۈر بىرگە ياشايمىز !ئايالى چىرايغا بەخىت كۈلكىسى يۈگرىتكىنچە، بۈگۈن ئەتىگەن   ھېلىقى بۇزۇق خوتۇننىڭ ئېغۋاگەرچىلىك قىلىپ ئېيتقان سېسىق گەپلىرىنى يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا كۈمىۋەتتى.





2050 قېتىم كۆرۈلدى Nusrat ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-25 5:59:14  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-4-4 20:06:43 Pazlat
bak yahxi yeziliptu koligizga dat kalmisun
2016-3-6 18:10:59 ئ‍ەلىى
ناھايىتى ياخشى يىزلغان ئەسەركەن ھەقىقەتنى يىزىپ تو
2016-2-3 21:35:50 ئابلىكىم تۇردى
راسلا ھەقىقەتنى يىزپتۇ
2016-1-19 23:20:50 مەۋلان
بەك ياخشىكەن
2016-1-7 18:14:31 kudrat
بەكتەسىرلىك يېزىپتۇ،
2015-12-14 0:53:07 خۇشخۇي
نىمىدىگەن پاساھەتلىك ۋە مەنىلىك ،يازغۇچىغا كۆپ تەشەككۈر!
2015-10-6 0:20:18 tanha
yahxi yezilptu
2015-10-5 0:05:29 ئاينۇر
بەك ياخشى يىزىپتۇ
2015-10-4 19:28:40 ئىلىجان
ناھايتىمۇ ياخشى يىزلىپتۇ
2015-10-4 0:39:48 ئ‍انارگۈل
ئ‍ىسىل ھەقىقەتەن ئ‍ىسىل
2015-10-1 0:07:33 ئ‍ىرايمجان خۇلجۇفىق
راس بەزى بالىر بۇل تىپىپ ئ‍اشۇ جاپاكەش داداسىنى تاشليدۇ ئ‍شقىلىپ ياخشى يىزىپتۇ بەك ياخشى
2015-9-29 21:54:21 Sabir
kalimigiz kuxlikkan yahxi yezip siz barikalla
2015-9-28 13:31:33 رەيھانگۇل
بۇ ئ‍ەسەر بەك ياخشى چىقىپتۇ قۇلىىڭىزغا دەرتكەلمىسۇن
2015-9-28 0:41:57 subat
tayarligan tirixqanlaga koprahmat bakyahxi qikiptu
2015-9-27 23:55:10 رابىيە
بەك ياخشى يىزىلىپتۇ.
2015-9-27 0:10:35 tanha
yah xikan
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ