مۇخبىر 25يىل سوقۇشماي ، ئىناق ئۆتكەن بىر جۇپلەرنى زىيارەت قىپىتۇ :
- سىلەر شۇنچە ئۇزاق يىل ئۆي تۇتۇپ ، بىر قېتىممۇ قىزىرىشىپ باقماپسىلەر ، بۇنىڭدىكى سىر نەدە ؟
ئەر بايان قىلشىقا باشلىدى :
- سەۋەبى مۇنداق، توي قىلىپ شېرىن ئاي ئۆتكۇزۇشكە بارغىنىمىزدا، ئىككىمز ئاتقا مىندۇق. بىز ئاتلىق ئۇزاق ماڭمايلا خوتۇنۇم مىنگەن ئات ئۇنى يىقىتۋەتتى. خوتۇنۇم ئورنىدىن تۇرۇپ، ئاتقا : « بۇ بىرىنچى قېتىملىقىڭ! »دەپ قۇيۇپ ئاتقا يەنە مىندى. بىر ئازدىن كېيىن ئات خوتۇنۇمنى يەنە يىقىتىۋەتتى. ئۇ ئاتقا :«بۇ ئىككىنچى قېتىملىقىڭ!»دەپ قۇيۇپ، ئاتقا يەنە مىندى. كىم بىلسىۇن، ئۇ ئات خوتۇنۇم مىنىشىگىلا يەنە سەكرەپ، ئۇنى يەنە يىقىتۋەتتى. خوتۇنۇم جان ئاچچىقىدا : «بۇ ئۈچىنىچى قېتىملىقىڭ!» دەپلا سومكىسىدىن پىچاقنى چىقىرىپ ئاتنى بوغۇزلىۋەتتى. خوتۇنۇمىنىڭ بۇ ئىشىدىن چۆچۈپ كەتتىم ۋە خوتۇنۇمغا :«ئالجىپ قالدىڭىزىمۇ ؟ ئۇنىڭ جېنىغا زامىن بولدىڭىز ! » دەپ ۋايسىدىم. بۇ چاغدا خوتۇنۇم ماڭا شاققىدە قاراپ : « بۇ بىرىنچى قېتىملىقىڭىز! » دېدى . شۇنىڭدىن كېيىن بىز ئىناق ئۆتتۇق..
| 2026 قېتىم كۆرۈلدى | yumurchi | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-3-7 13:58:05 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
| 2016-10-3 1:27:21 | لالە |
| بەك ياختۇردۇم رەخمەت جاپا چەكتىڭىزلە | |
| 2016-5-19 16:54:05 | تۇنىياز قارى. |
| مەن بۇ مەزمۇنلارنى بەك ياقتۇرىمەن. | |
| 2016-3-28 14:26:33 | ياسىن مەمەت |
| ياخشى سالۇنكەن | |
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|