قىزلار كۆزى بىلەن ئەمەس يۈرىكى بىلەن يىغلايدۇ

قىزلار ئۇ كۆزى بىلەن ئەمەس يۈرىكى بىلەن يىغلايدۇ، ئۇ ئاشۇ ئۆزىنى چۈشەنمەيدىغانلار ئارىسىدا ئۆزى بىلەن ئۆزى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ئىچىدە ئاچچىق كەچمىشلەرگە ھەمراھ بولۇپ ئۆز يۈرىكىنى بەزلەيدۇ...


قىز تەنھالىقتىن يىغلايدۇ... ئۇ ئۆز يىنىدا ئادەم يوقلۇقى ياكى ئۆز سۆيگۈسىدىن ئايرىلغىنىغا ئەمەس، ئۆز ئەتراپىدىكى شۇنچە ئادەملەر ئىچىدىكى يەنىلا تەنھالىق، سىڭمەسلىك ۋە قەلبىدىكى ناتونۇشلۇققا يىغلايدۇ...

قىز ئۆز قەلبىدىكى قارشىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز قالغاندا يىغلايدۇ، ئۇ ئۆزى ئويلغان ھەقىقەت ۋە تۇرمۇش قاراشلىرىنى ئىپادىلەشكە، ئورتاقلىشىشقا، پىكىرلىشىشكە ئامالسىز قالغاندا ئۈنسىز سۈكۈت بىلەن ياشسىز يىغا ئۇنىڭغا ھەمراھ بولىدۇ . قىز ئۆز قىرىنداشلىرىدىن مېھىرگە ئىرىشەلمىگەن، توغرىسى خاتا ھالدا مۇئامىلىگە ئۇچرىغان، يۈرىكى زىمىستاندىكى شىۋىرغان كەبى ئازارغا ئۇچرىغان ۋاقىتتا يىغلايدۇ . قىز قارشىلىق كۆرسەتمىگىنىگە ئەمەس كۆرسىتەلمىگىنىگە، ناھەقچىلىققا كۆكرەك كىرىپ چىقالمىغىنىغا ئەمەس، ئۈستىدىن بىسىم تۇرغان زۇلمەت تېغىنى بىرگە ئاغدۇرۇشقا ئادەم تاپالمىغاندا يىغلايدۇ .


قىز ئۆز سۆيگۈسىدىن ۋاقىتسىز، سەۋەبسىز، مەجبۇرلارچە ئايرىلغاندا ياش تۆكىدۇ، ئۇ ئۆز قەلبىدىكى مەشۇقىنىڭ ئۆزىنىڭ مەقسەتسىز سۆيگۈسىن قوبۇل قىلمىغانلىقىدىن ئەمەس بەلكى كەمسىتىلگەنلىكىدىن ياش تۆكىدۇ، ئۆز سۆيگۈسىدىن ئايرىلىپ قالغىنىغا ئەمەس، ئۆز قەلبىنىڭ دەپسەندە قىلىنغىنىغا يىغلايدۇ. قىز بىرەر ئىشقا ئامالسىز قالغانلىقتىن ئەمەس بەلكى ئامال تاپالىغان تەقدىردىمۇ يەنە ياردەم قىلالمىغانلىقىدىن، مەجبۇرلانغانلىقتىن ئەمەس بەلكى ئالدانغانلىقتىن، بىسىمغا قارشى تۇرغانلىقىدىن ئەمەس، قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان بىسىمغا ئۇچرىغانلىقىدىن يىغلايدۇ...


قىز دىگەن بۇ سۆز ناھايىتى ئاددى ، ئەمما بۇنىڭدىكى مەنا شۇنچىلىك چوڭقۇر، شۇنچىلىك ۋەزنىلىك، شۇنچىلىك يىقىملىق ، ئەمەلىيەتتە قىز دىگەن سۆز مەسئۇلىيەت دىمەكتۇر، قىز دىگەن سۆز ۋىجدان دەۋىتىدۇر ، قىز دىگەن سۆز غۇرۇر دەرسىدۇر . لىكىن نۇرغۇن كىشىلەر شۇنى بىلمەيدۇكى ھەقىقى قىز ئۆزى ئۈچۈن ئەمەس مىللەت ئۈچۈن ياش تۆكىدۇ، ئۆزى ئۈچۈن ئەمەس خەلقى ئۈچۈن باش قاتۇرىدۇ، ئۆزى ئۈچۈن ئەمەس ئائىلىسى ئۈچۈن جاپا چىكىدۇ. ئەنە شۇنداق يۈكسەك مەسئۇلىيەت، قاتتىق تەلەپچانلىق، چوڭقۇر مېھىر مۇجەسسەملەنگەن «قىز»مۇ ياش تۆكىدۇ...





1934 قېتىم كۆرۈلدى Azghun-Studio ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-10-7 3:41:40  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-3-22 1:36:31 ئامىنە
بەك ياخشى يىزلىپتۇ
2016-2-22 15:28:19 man aksudin turabiyam
san kattig amlik bu asar bak yahxi yeziliptu huddi minig yvrak svumdak yazguqiga knp rahmat alla turmuxugliga hatirjamlik ata kilsun dadamni segindim rahmatlik dadamnig yatkan yeri jannattabolsun
2016-1-20 19:48:48 مەن قومۇلدىن رابىگۈل
بۇ نەسىر بەك ياخشىى
2016-1-20 13:08:09 يۇلتۇز
دادامنى سىغىنغان يۇرۇكۇمگە دەت ئ‍ۇستىگە دەت قوشتى، دادامنى بەك سىغىندىم ،جىنىم دادا
2016-1-16 13:39:54 ئابلىكىم
مەن دادامنىڭ قەدرىگە دادا بولۇپ ئاندىن يەتتىم
2016-1-12 23:22:18 ئ‍ىھسىنە
سەنمۇ كەتتىڭ دادا ئ‍ازاپلارغا قىزىڭنى يالغۇز قويۇپ كەتتىڭ
2015-10-14 9:03:24 مەن ئەخمەتچان مەھەممەت غۇلجىدىن
سەن كەتتىڭ دادا ناملىق ئەسەر ياخشى يىزىلىپتۇ. مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلەرنى يىزىپ .. ھەم يۇللاپ بىرۋاتقان .. جاپاكەش تىرىشچان يازغۇچى .. ئاكا ھەدىلىرىمىزگە ئىنى سىڭىللىرىمىزغا يۇللۇغۇچى سالۇنداشلارغا .. كۇپ رەخمەت .. سىلەرنىڭ ئىشلىرىڭلارغا بەركەت .. ئۇتۇق تىلەيمەن .. سىلەرگە بەخىت ئامەت يار بۇلسۇن جاپا چەكتىڭلا قىرىنداشلار .. سىلەرگە تەشەككۇر .. . ..
2015-10-8 23:00:11 vultuz.qolpan
bak.vahxi.viziliptu.
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ