مەن مۇنۇلارنى ئۈگىنىۋالدىم


ئازاپلانغاندا يېنىمدا ھېچكىم يوق ، ‏شۇ سەۋەپلىك بەرداشلىق بېرىشنى ئۆگىنىۋالدىم .

‏‏‏يېغلىغان چېغىمدا ھېچكىم مېنى بەزلىمىدى ، ‏شۇ سەۋەپلىك قەيسەر بولىشنى ئۆگىنىۋالدىم .

 ‏قورققان ۋاقتىمدا ھېچكىم ماڭا ھەمراھ بولممىدى ، ‏‏شۇ سەۋەپلىك باتۇر بولىشنى ئۆگىنىۋالدىم .

 ‏‏‏چارچىغان ۋاقتىمدا ماڭا ھېچكىم يۆلەنچۈك بولممىدى ، ‏شۇ سەۋەپلىك ئۆزۈمگە تايىنىشنى ئۇگىنىۋالدىم ...

‏بەزى كۇنلەردە گاچا بولىۋالىمەن - سۆزلەش ئارقىلىق مەن سۆيگەن ۋە مىنى سۆيگەنلەرنىڭ دىلىنى ئاغرىتىپ قويماي دەپ ، يەنە بەزى كۈنلەردە كۆرمەس بولىۋالىمەن - مۇھەببەتلىك دىللارغا سوغوق نەزىرىم بىلەن قاراپ سالماي دەپ ، يەنە بىركۇنلەردە ماڭالماس بولىۋالىمەن.


خاتا ئىزلىرىنى كۆرۇپ قالماي دەپ ! بەزى كۈنلەردە ئاڭلىماس بولىۋالىمەن ، يامان گەپلىرىنى ئاڭلاپ قالماي دەپ ! بۇ ھىچنىمىنى بىلمەيدىغانلىقىمدىن دېرەك بەرمەيدۇ!

‏كىملەر تەقدىرگە قويدى.... كىملەر تەلەيگە... يەنە كىملەر ۋاقىتقا .... مەن پەقەت ۋە پەقەت ياراتقۇچۇمغا قويدۇم ...





1145 قېتىم كۆرۈلدى Yurtum ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-10-7 3:39:01  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-1-24 14:34:19 Alma
Bakyahiximazmonikan
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ