قىز يولدىن چىقىپتۇ، ئۇ پەقەت تۇنجى قېتىمدىلا ئاچچىقلاپتۇ...
قىز ئارقا-ئارقىدىن يولدىن چىقىپتۇ، ئۇ پەقەت تۇنجى قېتىم بىلگەندىلا قوشۇمىسىنى تۈرۈپتۇ.
قىز بارغانسىرى يۈرەكلىك بولۇپ كېتىپتۇ، لېكىن ئۇنىڭغا ھېچبىر ئىنكاس بولماپتۇ.
ئاخىرىدا، قىز ئايرىلىپ كېتىشنى ئېيتىپتۇ.
ئايرىلىدىغان چاغدا قىز:« مەن پەقەت سىزنىڭ مەن بىلەن كارىڭىز بولۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلاتتىم، لېكىن سىز ماڭا بەرمىدىڭىز.»
ئۇ ئەجەبلىنىپ قىزغا قاراپتۇ، ھەمدە ئەركىلەتكەن ھالدا قىزنىڭ چاچلىرىنى سىلاپ تۇرۇپ:« مەن پەقەت سىزنى باغلاپ قويماي، ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكىنى تاللىسۇن» دېدىم.
ئۇ ئۆزىنى ئۇنىڭ باغرىغا ئېتىپتۇ، كۆز ياشلىرى تامچىلاپ قويۇلۇپتۇ.
لېكىن شۇنچىلىك تاتلىق كۈلۈمسىرەپتۇ:« ئۇ مېنىڭ نەۋرە ئاكام خالاس.»
«مەن پەقەت سىزنى باغلاپ قويماي دېدىم.»
ئۇنىڭغا تەگكەندە قىز 24 ياشتا ئىدى، ئىككىسى ئىدارىدىن بەرگەن㎡ 25 ياتاقتا ئۆزلىرىنى شۇنچىلىك بەختلىك ھېس قىلاتتى.
بالا تۇغۇلغاندا ئۇ 26 ياشقا كىردى، ئۇلار ㎡ 40 ئىجارە ئۆيدە شۇنچىلىك ئالدىراش ئۆتتى.
بالا مەكتەپكە كىرگەندە 32 ياشقا كىردى، ئايال ۋارقىرىدى:« بىز ھەتتا تازىلىق ئۆيىمۇ سېتىۋالالمايمىز! ھازىرغىچە بىزنىڭ ئۆيىمىزمۇ يوق!»
ئەر كارىۋات قىرغىقىدا بېشىنى تۆۋەن سېلىپ:« مەن يارىماس، مەن ئالالمىدىم.»دېدى.
بالا ئىشىكنىڭ تۈۋىدە پەس ئاۋازدا:« دادا، ئاپا، بۇ بىزنىڭ ئۆيىمىز ئەمەسمۇ؟ ئۆينى يەنە سېتىۋالامدۇق؟»
«سىلەر بار يەرنىڭ ئۆزى ئۆي»
دۇنياغا داڭلىق بىشارەتچى ئۆزى سۆيگەن ئايال تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋىتىلدى، ئۆلۈش ئالدىدا، ھېلىقى ئايال كۆرەڭلىگەن ھالدا:« بىشارەتچىمىش تېخى، سەن دۇنيادىن بىشارەت بەرگىنىڭ بىلەن ئۆزەڭنىڭ قاچان ئۆلىدىغىنىڭنى بىلمەيدىكەنسەن»
بىشارەتچى سوغۇق كۈلۈپ تۇرۇپ:« سېنى تۇنجى كۆرگىنىمدىلا بۇ ئاقىۋەتنى بىلەتتىم، پەقەت شۇ پەيتتە، مەن سېنى كەچۈرۈشنى قارار قىلدىم.»
ئەسلىدە، تەقدىردىن قېچىپ قۇتۇلغان بىلەن، تاللاشتىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىكەن.
«بىز ئاخىرى تەقدىر تەرىپىدىن مەغلۇب قىلىندۇق.»
2235 قېتىم كۆرۈلدى | مىھىر سالۇنى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-25 5:38:43 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-4-8 16:58:28 | AzatGul |
hakikaTan Bak Yahxi yizliPtu TurmuXka Birilgan izhatlar xunQa Yapsili .......... |
2016-2-7 17:18:18 | سۇلتان |
بۇ ئەسەر ھەقىقەتەن ناھايىتى تاخشى يىزىلىپتۇ |
2016-1-19 0:44:12 | ali |
rahmat siZ lar ga muxun dakasar lar ni kaplaptakiti xigiz ni umu d kili man |
2016-1-2 10:09:24 | UzGiQa KuGuL |
bak.. yahxe ka rahmat selagga biz ga muxun dak yahxe asar larni huzurmiz ha cun huniglgga...japa qak tig la har mihay sela tinig la salamat busun |
2015-10-15 8:57:51 | nurali |
hakikatan bak yahxikan. rahmat selaga |
2015-10-12 12:53:46 | روزاخۇن ئوسمان |
بەك ياخشىى يېزىلىپتۇ |
2015-10-7 0:23:40 | qimangul |
adamga huzur bahx atti |
2015-10-5 15:10:45 | ئەكرەم |
ناھايىتىمۇ ياخشى ئەسەركەن ،خۇدا رەھمەت قىلسۇن |
2015-10-4 10:24:42 | zaytuna |
bak yahxi boptu rahmat silarga |
2015-10-2 9:52:42 | emran dudi (awlat yazguqila uyux misidin) |
bu xier yahxi qikip tu |
2015-9-28 10:11:21 | gulistan |
bak obdadan yezliptu |
2015-9-28 10:11:20 | gulistan |
bak obdadan yezliptu |
2015-9-27 0:33:01 | ئابدۇراخمان |
بەك ياخشىكەن |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|