سىزنىڭ باغرىڭىز يۇمشاق، لېكىن ئۇلار بۇنى بىلەمدۇ

بەزىدە

ئېھتىياتسىزلىقتىن بەزى ئىشلارنى بىلىپ قالىمىز،

شۇنىڭ بىلەن بىز شۇنچىلىك چوڭ بىلگەن ئىشلارنىڭ

باشقىلارنىڭ نەزەرىدە شۇنچىلىك كۈلكىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىمىز.


 

بەزىدە

تۇرۇپلا بەزى ئادەملەرنى بايقايسىز

ئاندىنلا سىز ئۇلارنى قەلبىڭىزگە قويالايدىغانلىقىڭىزنى

لېكىن ئۇلارنىڭ بۇرۇلۇپلا سىزنى ئۇنتۇپ كېتىدىغانلىقىنى بىلىسىز.


 

بەزىدە

بەزى ئىشلارنى تولۇق چۈشىنىپ يەتكەندىن كېيىنلا

ئاندىن دۇنيانىڭ ئىسسىق-سوغۇقىنى بىلىمىز

ھېچقانداق نەرسە مەڭگۈلۈك ئەمەستۇر.


 

ھېلىقى سىز قويۇۋىتەلمەيمەن دەپ قارىغان ئىشلارنى

ھامان قويۇۋىتىشىڭىز كېرەك.


 

ھېلىقى سىز مەڭگۈ ئۇنتالمايمەن دەپ قارىغان ئىشلارنى

ئاخىرىدا يەنىلا ئۇنتۇپ كېتىسىز.


 

بېلىق سۇدىن ئايرىلسا ئۆلىدۇ

لېكىن سۇدا بېلىق بولمىسا

تېخىمۇ سۈزۈك بولىدۇ.

 

مەن ئاخىرى چۈشەندىم

ھېچكىممۇ ھېچكىمگە مەڭگۈلۈك ئەمەسكەن

ئۆزىڭىزنى بەك چوڭ چاغلاپ كەتمەڭ

بەزى ئىشلارنى، بەزى ئادەملەرنى ئۇنچە مۇھىم بىلىپمۇ كەتمەڭ

ئەندىشىلەرنىڭ ھەممىسى كۆڭلىڭىزنىڭ يۇمشاقلىقىدىن كېلىدۇ

سىز داۋاملىق باشقىلارنى ئويلايسىز

كىم سىزنى ئويلىسۇن؟





1261 قېتىم كۆرۈلدى PSHKA ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-10-7 3:46:15  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-2-18 15:16:42 گۇزەلنۇر
مەزمۇننى ئ‍ىچىلمىدى
2016-2-6 0:25:04 tuygu
rastnla.yahxe.asarkan
2016-1-12 14:46:22 خانقىز
ھېچقانداق نەرسە مەڭگۈلۈك ئ‍ەمەس. ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ
2015-12-21 20:27:55 kakukguli
ras,bak,tasirlikkan
2015-10-7 12:35:17 zumrat
bak.yahxekan.bu.asar..selarmo.aglap.bekeglar
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ