يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 589|ئىنكاس: 2

زۇمرەت ئاسمان-ھېكايە-ئىۋان بونىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
زۇمرەت ئاسمان
ھېكايە
ئىۋان بۇنىن(روسىيە)

كېچىدىكى قاپقاراڭغۇ، كۆكۈش ئاسماندا ئاقۇش بۇلۇتلار لەرزان ئۈزۈپ يۈرۈشەتتى. تولۇن ئاي ئەتراپىنىمۇ كۆكۈش بۇلۇتلار ئورىۋالغان. كىشى تىكىلىپ قارىسا، گويا بۇلۇتلار ئەمەس، بەلكى تولۇنئاي ئۈزىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئەتراپتىكى يۇلتۇزلار خۇددى چېچىۋېتىلگەن بىر سىقىم جاۋاھىردەك كۆرۈنەتتى: تولۇن ئاي ئاستا-ئاستا چەكسىز ساماغا ئۆرلەپ باراتتى ۋە ئۆزى بىلەن بىرگە يۇلتۇزلارنى ئارقسىدىن ئەرگەشتۈرۈپ كېتىۋاتقاندەك ئىدى.

ئوچۇق دەرىزە ئالدىدا بېشىنى ئارقىسىغا تاشلىغىنىچە ئاسمانغا تىكىلىپ ئولتۇرغان قىز ئۆزىنى سامادىكى ئاجايىپ چاقناشلاردىن بېشى بىراز ئايلانغاندەك ھىس قىلدى. قىزنىڭ يېنىدا بىر يىگىت ئۇراتتى.

- بۇقانداق رەڭدۇ، ھېچ پەرقلەندۈرەلمەيۋاتىمەن! تاليە، سىز بىلەلىدىڭىزمۇ؟

  - كېسا،نېمىنىڭ رەڭگىنى؟

  -سىزگە نەچچە قېتىم دەيمەن، ئىسمىمنى بۇنداق ئاتىماڭ دەپ...

- كەچۈرۈڭ،كسېنيا ئاندرېئوۋنا.

-مەن بۇلۇتلارنىڭ كەينىدىكى ئاسماننىڭ رەڭگىنى دەۋاتىمەن! ھەيران قالارلىق رەڭ-ھە! كىشى ھەم قورقىدۇ، ھەم ھەيران قالىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ بۇ بىر ساماۋىي رەڭ، بۇنداق رەڭ يەر يۈزىدە يوق،خۇددى زۇمرەتكە ئوخشايدۇ.

-ئاسماندا كۆرۈنىۋاتامدۇ، دېمەك، ئۇ ساماۋىي رەڭ. قىزىق، نېمە ئۈچۈن ئۇ زۇمرەتتەك بولىدىكەن،زۇمرەت دېگەن نېمە،ئۇ رەڭلەر ئارلاشمىسىمۇ، مەن بۇنداق رەڭنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن.ئەمما زۇمرەت دېگەن بۇ سۆز ماڭا بەك ئالاھىدە تۇيۇلدى، خالاس.

-ھەئە،ئېھتىمال،بۇزۇمرەت ئەمەستۇ، بەلكىم شۇنىڭغا ئوخشاش بىر نەرسىدۇر... بۇنىڭدەك رەڭ، ئوچۇقىنى ئېيتسام،پەقەت جەننەتتىلا بولسا كېرەك. بۇ ئاجايىباتنى كۆرۈپ تۇرۇپ، جەننەت،پەرىشتىلەر، ئەرش-ئەلانىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەي بولامدۇ؟...

-بەخت دەرىخدە ساپسېرق چىكىتلەر...

-تاليا،سىزبەك ئاينىپ كېتىۋاتىسىز، ماريا سېرگېئوۋنا ئەقىلسىز قىز ھەر قانداق يىگىتتىن ياخشىراق،دەپ توغرا ئېيتقان ئىكەن.

- كېسا،ئۇ ناھايتى توغرا دەپتۇ.

قىز ئۈستىگەئالىچىپار گۈللۈك چىت كوڭلەك كىيىۋالغانىدى، پۇتىدا بولسا ئەرزان باھالىق ئاياق بارئىدى. ئۇنىڭ كاسىسى تولغان، يوتىلىرى توم، چاچلىرى كالتا قىلىپ قىرقىلغان،ئۇ بېشىنى كۆرگەننى ئۆزىگە رام قىلىدىغان نازۇك بىر تەرزدە خىيالچان قىياپەتتە كەينىگەتاشلىغانىدى... يىگىت بىر قولىنى قىزنىڭ تىزىغا قويۇپ،يەنە بىر قولى بىلەن ئۇنىڭ يەلكىسىدىن قۇچاقلىدى ۋە لىۋىگە سۆيمەكچى بولدى. قىز ئۆزىنى ئۇنىڭ قۇچىقىدىن ئاستا تارتتى-دە، قولىنى تىزىدىن چۈشۈرۋەتتى.

- نېمەبولدى، خاپا بولدۇڭمۇ؟

قىز بېشىنى دەرىزە تەكچىسىگە قويدى، شۇ چاغدا يىگىت، قىزنىڭ لىۋىنى چىشلەپ يىغلىۋېتەيلا دەپقالغانلىقىنى كۆردى.

- ساڭانېمە بولدى؟

- بولدى،مېنى ئۆز ھالىمغا قويۇڭ...

- دېگىنە،نېمە بولدى ساڭا؟

قىز شىۋىرلاپ دېدى:

          - ھېچنېمە...

ئۇ دەرىزە تەكچىسىدىن سەكرەپ چۈشتى-دە، يۈگۈرۈپ كەتتى.

يىگىت يەلكىسىنى قىسىپ قويۇپ:

- ئۇ ساراڭ بوپ قالدىمۇ نېمە؟!-دەپ قويدى.


1940-يىل،3-ئۆكتەبر


   ئۆزبېكچە «كىتاب دۇنياسى» توربېتىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى
                                                                                                                                                                                   

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-24 22:46  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-7-24 06:49:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دائىم شېئر ئوقۇپ تۇرغاچقىمۇ تاڭ بۇ ھىكايە ماڭا قالايمىقاندەكلا بىلندى،،ھەم ئىملا جاتالىقمۇ بارىكەن،بەزى سۆزلەر قوشۇلۇپ يىزىلىپ قاپتۇ...ئەمما مۇنبەرگە قۇرۇق كەلمەپسىز ,بولسا بۇنىڭدىن كىيىن ياخشى ئەسەرلەرنى ئەۋەتىپ تۇرۇڭ.....

ۋاقتى: 2013-7-24 11:39:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەگيار ئاكامنىڭ تەرجىمىلىرىنىڭ تېخىمۇ ئىزچىللىققا ئىگە بۇلۇشىغا تىلەكداشمەن.



كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش