يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: ARKZAT

«جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى(ئۇيغۇرچە) تەھرىراتىغا تەكلىپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-7-24 18:29:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن «جۇڭگو مىللەتلىرى»نىڭ ئىلگىرىكى ھەر سانىدا ئۆزىنى ماختىغانلارغا ئاجراتقان نەچچە بەت تەشەككۈرلىرىدىن، ژورنالدا سۈرىتىنى كۈرۈشنى ئارزۇ قىلغان پوداقچىلارنىڭ بۇ ژورنالنى مۇبالىغىلەشتۈرۈپ ماختاپ، ئۇچۇرۇشلىرىدىن، ھەزىل سۇئال جاۋاپ دەيدىغان بىنورمال، پەلەپەتۈش سەھىپىسىدىن تولىمۇ بىزار ئىدىم. يەنە كېلىپ 4-بەتتىكى رەسىملىك شېئىرلار بىر ئوبدان باشلىنىپ ئاخىرى ئاجايىپ لاۋزا بىرنىمىگە، مۇشۇ ژورنالدىن باشقا بىرەر مەتبۇئاتتا ئىككىلىك نەرسە ئېلان قىلدۇرالمايدىغان تەھرىر بۈلۈمدىكىلەرنىڭ مەشىق بېتىگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. ھەتتا يازگىلى گەپ تاپالماي ئاجايىپ كۈلكىلىك نەرسىلەرنىمۇ ئۇيغۇر دىگەن تونغا يۆگەپ مۇشتىرىلەرنى ئەخمەق قىلغان ئىدى. بۇ بەتنى بۇرۇنلا ئىسلاھ قىلىش زۈرۈر بولغان. شۇ چاغلاردىكى ئەڭ ياخشى تاللاش بۇ ژورنالغا مۇشتىرى بولماسلىق ئىدى. ئەمدى بۇ ژورنال ئىسلاھ قىلىنغان بولسا قانچىلىك ئىسلاھ قىلىندى، مەن كۈرۈپ بېقىپ بىرنەرسە دەي.

ۋاقتى: 2013-7-25 09:49:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
558،ئىنكاس يازغاندا ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىڭ.يوق يەردىن پۇتاق تېپىشقا ئۇرۇنۇش -ئاجىزلىقتۇر.نۇرغۇن ئوقۇرمەنگە ئىستېتىك تۇيغۇ بەرگەن مۇقاۋىدىكى سۈرەتلىك شېئىرلار سىزگە ئەجەپ ياقماي قاپتۇ. قارىغاندا سىزنىڭ ‹‹ئاشنىڭ تۈزى ››نى تېتىغۇدەك‹‹ دېت›› ىڭىز يوق ئوخشايدۇ.بۇنى ژۇرنالدىن ئەمەس، تېتىش سىزىمىنى يوقاتقان تىلىڭىزدىن كۆرۈڭ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىلكەش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-25 09:51  


ۋاقتى: 2013-7-25 21:44:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بەتنى بۇرۇنلا ئىسلاھ قىلىش زۈرۈر بولغان. شۇ چاغلاردىكى ئەڭ ياخشى تاللاش بۇ ژورنالغا مۇشتىرى بولماسلىق ئىدى. ئەمدى بۇ ژورنال ئىسلاھ قىلىنغان بولسا قانچىلىك ئىسلاھ قىلىندى، مەن كۈرۈپ بېقىپ بىرنەرسە دەي.

ئىسلاھات قىلدىم دەپ بەك ناچارلاشتۇرىۋېتىپتۇ، تېما ئىگىسىمۇ بىرنېمىنى بىلىپ سۆزلەپتۇ، كىتاپخانىدىن بىر نەچچە ساننى ياندۇرۇپ كېلىپ ئوقۇپ باقتىم، تەنقىت كېرەك...

ۋاقتى: 2013-7-26 02:01:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا؟؟؟!!!!

ۋاقتى: 2013-7-26 02:34:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك.
سەممىيلىك بولغان ھەر ئىشتا چوقۇم ياخشى نەتىجە بولىدۇ.
ئورۇنلۇق پىكىرنى قوبۇل قىلغان مۇھەممەد سالىھ مەتروزى ئەپەندىدىن سۆيۈندۈم.
دادىللىق بىلەن پىكىر بايان قىلغان ئەركزاتقا ئاپىرىن!
مېنىڭمۇ نەزىرىمدە ھەرقانداق مەتبۇئاتتا چوقۇم ئىملا ئۆز ئەينى بولۇش كېرەك.
ھازىرقى ئۇيغۇر مەتبۇئات، تاراتقۇلىرىدا بۇ ئەھۋالغا كۆز يۇمالمايمىز.
ئۆز قەدىرىمىزنى ساقلاش ئۈچۈن ياتلارغا نۇقسانىمىزنى كۆرسەتمەسلىكىمىز لازىم.

ۋاقتى: 2013-7-26 03:07:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە گورۇھۋازلار سوقۇشى بوپتۇ بۇ يەردە،ئەرىكزات تېما بىلەن توختاپ قالغان بولسا، باش مۇھەررىر ئەپەندىمۇ بىرىنچى ئىنكاسى بىلەن توختاپ قالغان بولسا ياخشى بولاتتىكەن، شۇندىلا ياندىكىلەر دوس تارتىپ ئىككى قاش بولمايىتتى. « جۇڭگو مىللەتلىرى» بۇرۇنقى خاسلىقىنى يوقاتقىنى راس،  پىكىر مۇۋاپىق بىرىلگەن، مىنىڭچە ئەرىكزاتنىڭ بۇ ژۇرنالنى چۆكۈرىۋىتىپ ئۆزى شەخسى باشقا ژۇرنال چىقىرىش ئويى يوق، ئۇ پەقەت كۆزىنى ئېچىشتۇرۇپ ئولتۇرۇپ، تۆت بەتلىك پىكىر تەييارلاپتۇ، ئۆزىگە پايدىلىق بولغانلىرىنى ئۈنسىز قوبۇل قىلسا، قوبۇل كۆرمىگەنلىرىنى، تۆھمەتلىرىنى رەت قىلسىلا بولىدۇ. نوپۇز، كۈچ سىنىشىش، دوس تارتىشىش، جەڭگى-جىدەلنى ئۆزىگە ئىپادە قىلغان مۇنبەر ئونۋىرسال كېسىلى بۇ يەردىمۇ ئۇچىراپ تۇرىدۇ. بولۇپمۇ ساپاسى تۆۋەنئىنكاسچىلار ھەممىنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ. ئەرىكزاتقا ھىسداشلىق قىلىمەن، « ساۋاپنىڭ كۆتىگە ئۇي مۈڭگۈزى» دىگەندەك ئىش بوپتۇ. ھەربىرەيلەن مۇشۇ ۋىجدان دىموكىراتىيسىنى يولغا قويالىغان بولساق، ھىچ ئىش بولمايىتتى. سوغۇققان بولايلى جاناپلار! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۈركەش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-26 03:07  


ۋاقتى: 2013-7-26 17:42:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ژورنالنى باشقۇرۇدىغان ئورۇننىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدا ئۆزگۈرۈش بولغان بولغىيمىدى؟
ئەركزات ئەپەندىدەك ھەق سۆزلەيدىغان كىشىللىرىمىز بولمىسا بۇنداق ياخشى ژورناللار نەشىردىن توختاپ كىتىشىمۇ مۇمكىن .

ۋاقتى: 2013-7-26 18:38:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىنى ئەمەلىيەت بەلگىلەيدۇ... قاراپ باقايلى قېنى...

ۋاقتى: 2013-7-29 17:06:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىنى كىچىكىپ كۆرۈپ ھەيران قالدىم،

ژۇرنال ھەممىمىزنىڭ ژۇرنىلى بولغانلىقى ئۈچۈن پىكىر ،تەكلىپنىڭ بولغىنى ياخشى،گەپ ئۇنى قانداق چۈشىنىشتە،

تور ئەھلىنىڭ بىرسى ،بىرسى بىلەن تالىشىشى مېنىڭچە ھاجەتسىز ئىدى،بولسا تۈزەتسەك،بولمىسا ساقلانساق بولۇدۇ ئەمەسمۇ.

ۋاقتى: 2013-7-29 17:32:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەدسالىھ يوللىغان ۋاقتى  2013-7-22 18:43
«تەڭرىقۇت» ئىسىملىك تورداش ئىنىمىز مۇھەممەتئېلى:
   ...

ئالدى بىلەن سىلىنىڭ سەمىمىي مۇئامىلىلىرىگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. بۇندىن 5 يىل بۇرۇن ئاشۇ كونۋېرىتنى ئەۋەتكەن ئىدىم. نەچچە قېتىم ئورۇن يۆتكەلگەن بولساڭلارمۇ يەنىلا كونۋېرىتلارنىڭ ساقلىنىپ قالىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقماپتىمەن.

ۋاقتى: 2013-7-29 17:39:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
558 يوللىغان ۋاقتى  2013-7-24 18:29
مەن «جۇڭگو مىللەتلىرى»نىڭ ئىلگىرىكى ھەر سانىدا ئۆزىنى ...

سىزگە بىر تەلىپىم بار: ئىنكاس يازغاندا ئىلمىي بولسىڭىز قانداق؟ بولسا گېپىڭىزنى پاكىت بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇڭ. شۇنداقلا، ژۇرنالدىكىلەر ئۆزىنىڭ مەشىق بېتىگە ئايلاندۇرۇۋالغان ئاشۇ بەتلەرنى سىز ئۆزىڭىزنىڭ نادىر ئەسەرلىرى بىلەن ئۆزگەرتىڭ. مەن شەخسەن بۇ ژۇرنالنى بۇرۇنقىدىن ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ دەپ قارايمەن.

ۋاقتى: 2013-7-29 18:08:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹جۇڭگو مىللەتلىرى››- ھەممىمىزنىڭ ژۇرنىلى.ئۇنى قوللاش،ئۇنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن باش قاتۇرۇش ھەممىمىزنىڭ مەسئولىيىتى.شۇڭا تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرىش،ئۇنىڭغا تۇغرا پوزىتسىيە تۇتۇش ئاقىلانىلىك ھېساپلىنىدۇ.

ۋاقتى: 2013-7-29 18:51:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلكەشنىڭ دىگىنى توغرا،تەكلىپ بەرگەنلىك ئاسىرىغانلىقتۇر.

ۋاقتى: 2013-8-11 16:02:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەقمۇ ژورنالغا كۆيۈنگەنلىكى ئۈچۈن تەكلىپ بىرىپتۇغۇ، قاچانغىچە تەنقىدتىن قورقۇپ يۈرىيسىلەر، مۇھەممەد سالىھ مەتروزىمۇ ناھايىتى ئىلمىي قىلىپ جاۋابىنى بىرىپتۇ. بۇلارنى كۆرۈپ تۇرۇپ يەنە چاپانچىلىق قىلىپ ياخشىچاق بولغىلى يۈزۈڭلار قىزىشمىدىمۇ بەزىلەرنىڭ؟ مۇۋاپىق تەكلىپ-پىكىر، ئىلمىي تەنقىد بولمىسا ژورناللىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىدىن سۆز ئاچقىلى بولامدۇ؟!

ۋاقتى: 2013-8-20 18:16:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹جۇڭگو مىللەتلىرى››نىڭ ‹‹سەلتەنەت››  تور بېتى ھازىرغىچە ئېچىلمايدىغۇ؟ مۇھەممەت سالىھ مەترۇزى: پات يېقىندا ئېچىۋىتىمىز -دەپ جاۋاپ بەرگەن.يەنە قاچانغىچە كۇتەمىز.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش