م.ق.غەرىبى يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 17:57
-
خەنزۇ شوپۇر ئەتىمالىم مېنى خەنزۇچە بىلمەيدۇ.دەپ ئويلىغان بولسا كىرەك،يولبۇيى ماڭا گەپ قىلمىدى.مەن ماڭدىغان يولنى دەپ بەردىم.بارساق سايىتكام ئاينىڭ يۇرۇقىدا بىدە توغراۋاتقانىكەن.
-سايىتكا،ناھىيدىن باشلىق كەلدى.ئۇلار سىز بىلەن كۆرۇشمەكچى.بولۇڭ ماشىنىغا چىقىڭ.دېيشىمگە سايىتكام يالۋۇرۇپ تۇرۇپ:
-ئوبدان ئۇكام ئۇ باشلىققا مېنى يوقكەن دەپ قويۇڭ.مېنىڭ ئەھۋالىم بايقى.مەندە بىر تىيىن پۇل يوق.بالا ئوقۇتقانغا سازايى قىلدۇرۋەتمەڭلار يەنە.ئۇنىڭ گەپلىرى تىترەپ-تىترەپ چىقاتتى.
-ئەستا،سايىتكا ئۇ باشلىق سىزدىن پۇل ئالغىلى كەلمەپتۇ.بايىقى ئوغلىقىڭىزنى كادىرلار يىغىلىشىپ ئولتۇرۇپ «يەيلى» دەپ تۇرساق،دەل شۇ چاغداناھىيىدىن باشلىق كىلىپ قالدى.ئىشنىڭ تېگى تەكتىنى بىلىپ مېنى سىزنى ئېلىپ كىلىشكە ئەۋەتتى.ھېچ بولمىسا ئوغلىقىڭىزنىڭ پۇلىنىمۇ بولسا يىغىپ بىرەر.ئۇ باشلىق سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزنى ئۇقۈپ ھېسداشلىق قىلدى. بارمىسىڭىز بەك سەت تۇرىدۇ.بېرىپ دەردىڭىزنى بولسىمۇ دېيۋېلىڭ.
-بوپتۇ ئۇكام،ئۇنداق بولسا باراي.ئۇ توغراپ بولغان بىدىنى ئېشكىگە تاشلاپ بېرىپ،دەرۋازىغا قۇلۇپ سېلىپ بولۇپ ماشىنىغا چىقتى.
كەلسەك بارلىق كادىرلار سالپىيپ ئولتۇرۇشۇپتۇ.شۇجى سايىتكامنى كۆرۇپلا ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭغا سالام قىلدى؛
-كەلسىلە،ئاكا،سالامەت تۇرۋاتاملا؟باللارنىڭ ئوقۇشى قانداقراق؟قىينىلىپ قالمايۋاتقانسىز؟دەپ ئۇنىڭىدىن ئەھۋال سوراپ ئورۇندۇققا تەكلىپ قىلدى.
سايىتكام بۇ ئەھۋالنى كۆرۇپ پۇتۇنلەي مەڭدەپلا قالدى.ئۇ خۇددى نىپىز مۇز ئۇستىدە مېڭىۋاتقان ئادەمدەك ئاۋايلاپ كىلىپ شۇجىنىڭ قېشىدا ئولتۇردى.
-قېنى ئۆزىڭىزنىڭ ئوغلىقى بولغاندىكىن تارتىنماي بەھۇزۇر ئېلىڭ.ئوغلىقىڭىزنى سىزنىڭ ئۆيىڭىزدىن كىم قانداق ئېلىپ كەتكەن بولسا،شۇنداق تۆلەپ بېرىدۇ.بىز كادىرلارغا ھېچقاچان ئۇنداق بەلگىلىمە چىقىرىپ بەرگەن ئەمەس.سىز خاتىرجەم بولۇڭ.مېنىڭمۇ ئىككى بالام ئالى مەكتەپتە ئوقۇيدۇ.بالا ئوقۇتۇشنىڭ،بولۇپمۇ سىلەردەك دېھقانلارنىڭ بالا ئوقۇتۇشنىڭ قانچىلىك قىيىن ئىكەنلىكنى مەن چۇشىنىمەن.بايا سىزنىڭ پۇلنى نىمشقا بىرەلمىگەنلىكىڭىزنى ئاڭلىدىم.ھەرقانچە قىيىنچىلىق تارتسىڭىزمۇ،باللارنى ئوقۇشسىز قويماڭ.باللار ئوقۇش بىلەنلا كىلەچىكىنى تاپالايدۇ.سىلەرنىڭ بۇنداق چەت،يىراق يىزدىن ئىختىساسلىق كىشلەر چىقسۇن.يۇرۇتۇڭلار گۇللەنسۇن.بالىلرىڭىزنى ئوقۇتۇشتىن غەم قىلماڭ.مانا مەن سىزگە ياردەم بىرىمەن.باللارنى ئوقۇشتىن توختىتپ قويماڭ.
دېھقانلارنىڭ كۆڭلى شۇنداق نازۇك بولامدۇ قانداق؟ سايىتكامنىڭ گەپ سۆزلىرى ھاياجانلانغانلىقتىن تىترەپ ئاران چىقاتتى.ئۇ شۇجىنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ؛
- سىلىگەرەھمەت شۇجى،باللارنى ئۆزۇم ئوقۇتۇپ كىتەلەيمەن.
-سىز تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولامسىز؟ سوردى شۇجى.
-شۇنداق.ئوقۇۋاتقان ئىككى بالام بەھرىمەن بولاتتى..بۇ يەردىكى كادىرلار «تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى پۇلىڭىزنى تۇرلۇك ھەقلەرگە تۇتۇپ قالدۇق.باللىرىڭىز تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى سىياسىتىگە ئاساسەن مەكتەپتىن تۇرلۇك ئىتىبارلارغا ئېرىشكەندىكىن بولدى» دەپ ھازىرغىچە پۇل بەرمىدى دېدى.شۇجى ئەتىراپىدىكىلەرگە شۇنداقمۇ دېگەن مەنىدە بىر قاراپ قويدى.
-نىمە شۇنداق ئىشلارمۇ بارمۇ تېخى؟ سىز خاترجەم بولۇڭ.يېقىندا يۇقىرىدىن يىز-كەنىت كادىرلىرىنىڭ خىزمەت ئىستىلى،پاكلىق ئىستىلى،تۇرمۇش ئىستىلى توغرىسىدا تەكشۇرۇش گۇرۇپپىسى چۇشۇرۇلىدۇ.شۇ چاغدا نىمە دېيشىدىكەنمىز قېنى ؟ سىزنىڭ نەچچە پۇل قەرىزىڭىز بارئىدى؟
-بىر مىڭ يەتتە يۇەن.ئۇ خېلى دادىللىشىپ قالغانىدى.
-مۇشۇ ئولتۇرغان بارلىق كادىرلار سىزنىڭ ئۇ پۇلىڭىزنى تۆلەيدۇ.بوغالتىر سايىتكامغا پۇلنى تۆلۇپ بولغانىلىق توغرىسىدا ھۆججەت بەر.ئاندىن ھەربىر ئادەمدىن ئەللىك يۇەندىن يىغ.سەنلەرنى كىم دېھقانلارنىڭ مېلىنى خالىغانچە ئېلىۋالسۇن دەپتۇ.
-شۇجى بۇنداق قىلساق...كىكەچلىدى.ياسىن بوغالتىر.
-ئۆزۇڭ يىغامسەن ياكى مەن يىغايمۇ؟
-ھەممەيلەن غىڭ قىلماي پۇلنى تۆلىدۇق.بوغالتىر سايىتكامغا ھۆججەت يېزىپ بەردى.
-بۇنىڭدىن كىيىن قانداق قىيىنچىلىق بولسا،مېنى ئىزدەڭ.مېنىڭ سىز دېمەتلىك بىر ئاكام بار ئىدى.ئۇ «ئىككى بالامنى ئالى مەكتەپتە ئوقۇتىمەن» دەپ تارتمىغان جاپاسى قالمىغان.ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىدىن بىكار بولسا،قۇرلۇش ئورۇنلىرىدا ئىشلەپ پۇل تېپىپ باللىرىنى ئوقۇتىۋاتقانىدى.«ئۇكام سەن ھۆكۇمەت ئىشىنى قىلدىغان ئادەم.ئۆزۇڭنى پاك تۇتساڭ،دېھقانلارغا كۆپرەك كۆڭۇل بۆلسەڭ، مەن شۇنىڭىدىن رازى.بىز دېھقانلار بىر ئۆمۇر پاك،ھالال ياشاپ ئۆمىرىمىزنىڭ ئاخىرىدا ھېچقانداق يار-يۆلەكسىز قېلىپ ئۆتۇپ كىتىمىز.سەن بولساڭمۇ دېھقانلارنىڭ ھالىغا يەتكىن».دەپ مېنىڭ ياردىمىمنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايتى.بۇ يىل يازدا قۇرلۇش ئورنىدا ئىشلەۋېتىپ،بېشىغا تۆمۇر جازا چۈشۈپ كىتىپ قازا قىلدى.بايا سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزنى ئاڭلاپ چېچىلىپ قالدىم.ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ،ئۇنىڭىغا ھېسداشلىقىم قوزغىلىپ قالدى.ھەممەيلەن قاققان قۇزۇقتەك تۇرشاتتى.-ئاكا،ئۆزىڭىزنى كۆپ ئاسىراڭ.ئۇ شۇنداق دەپلا سىرتقا يۇگىردى.بىر-بىرلەپ ئۇنىڭ كەينىدىن چىقتۇق.ئۇ نېراقتىكى بىر تۈپ قاپاقتىرەك تۇۋىدە بوقۇلداپ يىغلىغىنىچە ئولتۇراتتى.
-ئۇكام،كۆڭۇللىرىنى بۇزمىسىلا. ئاللاھ ئاكىللىرىغا شۇنچىلىك ئۆمۇر بىرىپتىكەن.«بەندە ئۆلمەس،رىسقى تۇگمەس» دەپتىكەن.ئاكىللىرىنىڭ رىسقى شۇنچىلىك ئوخشايدۇ. ياراتقان ئىگەم ھەممەيلەنگە سەۋىر ئاتا قىلسۇن.دەپ ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇدى.ئىككىسى بىر-بىرنىڭ قولىنى تۇتۇشۇپ خېلى ئۇزاق تۇرۇشتى.
-كەچ بولۇپ كەتتى.مەن ماڭاي.بايا ھەممىڭلارغا چېچىلىپ قالدىم.مۇشۇنداق ئىشلارنى ئاڭلىساملا ئاكام يادىمغا كىلىپ قالىدۇ.ئۇنىڭغا نىمىشقىمۇ كۆپرەك ياردەم بەرمىگەندىمەن. دەپ ئۆز-ئۆزۇمگە ئۆكۇنۇپ كىتىمەن.سىلەرمۇ ئارام ئېلىڭلار.شۇجى شۇنداق دەپ ماشىنا تەرەپكە ماڭدى.
-ئەمىسە ئاۋايلاپ ماڭسىلا شۇجى، ۋاقتىم بولسا سىلىنى يوقلاپ بارىمەن.خوش خۇداغا ئامانەت.دېدى سايتىكام.
-بولىدۇ،يوقلاپ بارسىلا ،سىلىنى قارشى ئالىمەن.شۇجى شۇنداق دېگەچ تېلفۇن نۇمىرىنى يېزىپ سايىتكامغا بەردى.
ھەممەيلەن ئۇنىڭغا بىر ئېغىزدىن ئامان-ئېسەنلىك تىلەپ شۇجىنى يولغا سېلىپ قويدۇق.ماشىنا بىزدىن يىراقلىغانسىرى بىر خىل مىھىر-مۇھەببەتنىڭ بۇ يەردە بىخ سۇرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىۋاتاتتىم.
-سايىتكا ماشىنغا چىقسىلا، مەن سىلىنى ئۆيلىرىگە ئاپرىپ قوياي.ئەسلىدە ھايات دېگەن شۇنچىكلىكلا ئىكەن.شۇجى مېنىڭ روھىمدىكى ئۆسمىنى ئېلىۋەتتى.يىزا باشلىقىنىڭ ئاۋازى كۆكتىكى جىمىرلاپ تۇرغان يۇلتۇزلارنى خوش قىلىۋەتكەن بولسا كىرەك.يۇلتۇزلار تېخىمۇ نۇرلۇق چاقناپ كەتكەنىدى.تۇمان ئارسىغا مۆككەن ئايمۇ خۇشال بولغاندەك،تېخىمۇ نۇرلۇق بولۇپ ئەتىراپنى كۇندۇزدەك يۇرىتىۋەتكەنىدى.مۇزلاشقا باشلىغان تىنىم خېللا ئىللىپ قالغانىدى.ماشىنا سۇتتەك ئايدىڭدا كىتىۋاتاتتى.كۆكتىكى ئاي مۇھەببەتلىك سىمالىرى بىلەن توپىلىق يوللارنى يۇرتۇپ كىشلەرنىڭ يۇزلىرىنى مۇھەببەت نۇرلىرى بىلەن سىلايتى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا م.ق.غەرىبى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-2 11:07