مەن يەنە تىلىمنى باغلىدىم دىلغا 
 
رۇزى كېرەم يارى 
 
 
شېئىر ... 
ماڭا باغرىنى ئاچتى ۋە كۆزىنى ئاستا يۇمدى . 
نىمە ئۈچۈن ؟ 
تىنجىق كۈنلەردە مەن بۇنچە ئاسان تەرلەيمەن . 
بىرسى  
چۈمۈلۈپ يامغۇرنىڭ سۈيىگە ئاقتى قىيان بۇپ . 
مەن ئۇنى نۇقۇدۇم بارمىقىم بىلەن . 
 
شېئىر ... 
كۈل بولدى ئۇنىڭكى كۆيگەن لىۋىدە . 
مەن ئاستا پۈۋلىدىم ، تۇزۇپ ئاپئاق قار  
ئەينەككە سىزىدۇ مەشۇق سۆرىتى 
 
بىر كۈنى  
مەي بولغان گۈلنىڭ بەرگىدە  
قات – قات بۇپ ئېچىلغان ھەسەل ھەرىسى  
مەن يەنە تىلىمنى باغلىدىم دىلغا  
زەھىرىنى چېچىپ كۆيىدۇ قۇياش ! 
 
شېئىر ... 
نەپىسىم يىتىشمەي يۈرەكلىرىمگە  
تالجىقتى چۈرگىلەپ جايىدا سائەت 
مەن يەنە قايىتتىم رېئاللىقىمغا   
ئېچىلىپ سەۋىرنىڭ يىلتىزى پەقەت . 
 
كورلا  
2013.7.21 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   رۇزى كېرەم يارى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-22 11:58   
 
 
  |