يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 445|ئىنكاس: 10

3-شەخىسنىڭ كۆپلۈك قوشۇمچىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
3-شەخىسنىڭ كۆپلۈك قوشۇمچىسى



ساتېرا


ئىككى مۈرەم ساق ئىكەن ، ئەپكەشلىرىم بېرىڭلار  ،
ئايەم كەلمەي ھېيت قىلدىم ، نەغمە -ناۋا چېلىڭلار .
ياغ پۇرۇتۇپ ، يىد سېلىپ ، مايلىق قۇيماق سېلىڭلار ،
دەستۇرخاننى مول قىلاي دوست - يارەنلەر كېلىڭلار ،
جامائەتكە قېتىلاي  ،     ماڭا دۇئا بېرىڭلار .



گېزىت ئوقوپ چۈشەندىم  ھەمكارلىشىپ ياشاشنى،
كادىرچاقتىن ئۈگەندىم ئېرىققا سۇ باشلاشنى .
چوڭ يىغىندىن ئۈگەندىم پارچە سوئال تاشلاشنى ،
ھاشارلاردا ئۈگەندىم يالغان گەدەن قاشلاشنى ،
ئوسا قىلغان يېرىمگە   يېشىل غەيۋەت  تېرىڭلار .


دوپپىسى بار ئەنئەنەم تېشىۋالدى قۇلاقنى ،
ئىستىمالىم  بىلمەيدۇ ھەر خىل غەيرى پۇراقنى ،
ياشلار مۇدا دىمەكتە ئىشتاندىكى ئۇلاقنى ،
باشلىق تۇغرا سانايدۇ قولتۇقتىكى بولاقنى ،
گۇگۇم چۈشسە دوقمۇشتا قاش - قاپاقنى يېرىڭلار .


خوتونۇمغا باش ئاغرىق تەگدى بىنا سەۋەپكار ،
قۇيرىقى يوق مائاشىم ئەڭ بىۋاستە جاۋاپكار ،
ئەرلكىكمگە قويالماي بۈگۈن قاتتىق تەلەپكار ،
بوشلۇقلاردا قىسىلدىم بولغاچ ھەجەپ ھاجەت تار ،
ئەسلىمىزگە قايتايلى ،تەقدىرگە پال ئېچىڭلار .


قىزىمدىكى ئۆزگىرىش ئەنئەنەمنى سەنلەيدۇ ،
قاش قاپاقلار راسلىنىپ يېڭى زامان چەنلەيدۇ ،
ئائىلىدە ھەر يەردە ئانا تىلنى خەنلەيدۇ ،
ئانىسىنى بۆشۈككە بۆلەپ قويۇپ ‹مەن›  دەيدۇ ،
ئەجداتلىرىم يۇيۇنغان دەريالارنى كېچىڭلار .



ئېچىلمىدى بازار يوق، ئەركە ئوغلۇم قاپىقى ،
قۇرىماقتا خەتەرلىك ئائىلەمنىڭ  ساپىقى ،
بىلىپ - بىلمەي يۇقماقتا باشقىلارنىڭ شاپىقى ،
ئېتىقادقا چاپلاشتى رۇدىپايلار چاپىقى ،
دىلىمىزغا سېلىنغان قۇلۇپلارنى ئېچىڭلار .


قوشنام قىلغان سۈننەت توي  تۈمەن پۇلنى سۈمۈردى ،
تەقدىر دىگەن قاقۋاشنىڭ گەجگىسىگە كىم ئۇردى ؟
ئارتۇق ئادەت رەسمىيەت ھەجەپ بەكمۇ سەمىرىدى ،
ئەيدىز ناملىق مەرەزلەر ئارىمىزغا يامىرىدى ،
پاسكىنچىلىق تارىغان يەردىن دەرھال قېچىڭلار .



كىتاپپۇرۇش ئاتالدىم ، تاقاپ قويسام كۆزئەينەك ،
تەرىتىمدە ساۋاب يوق، يۇيۇلمىسا بىر جەينەك ،
چاڭقاق دىلىم تىلەيدۇ ، شەكلى بولسا بىر چەينەك ،
توڭگوز تەلەي ئەمەسمەن، تىرناقلىرىم تاز - سەينەك ،
روھىم بولسا رېزىنكە ، ياماق ئۈچۈن كېرىڭلار .


دەرۋازامنى تاقىسام قوشنام سالدى تىڭشىغۇچ ،
كومىيۇتېر ئۈگەنسەم سايەم بولدى ساقلىغۇچ ،
رىئاللىقىم بولسا كىر  خەقلەر قىلدى ئاقلىغۇچ ،
خائىن قىلدى چىشىغا ئېشىپ قالسام چاقلىغۇچ ،
نىسى لوقما كۈتىمەن، توممۇ بوشمۇ يېنىڭلار .



ساداقەتتە قەلىمىم  خىيالىمنى قوللايدۇ ،
تامچىلاتماي روھىمنى مەركىزىگە يوللايدۇ ،
قورسىقى كەڭ چوڭاملار تۆۋەننى بەك ئويلايدۇ ،
تۇلپارلىرىم سەمىرىپ دەريا بويى بويلايدۇ ،
يېڭى دۇنيا مۇقامى مەغۇل دىسە چېلىڭلار .



ئاپتۇرى : ئا. مۇھەممەت باغۋەن


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلقىزى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-17 12:26  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-7-16 19:19:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياز قاينىدى قۇشلار تىلىدا







چورۇقلىدى چۈشلىرىم سەھەر ،

يېيىلغانچە ئۇپۇققا قەدەر .

ۋۇجۇدىنى ئىللىتىش ئۈچۈن ،

ئوتۇن يىغار مىڭ بىر كېچىلەر .







مەستمىكىنتاڭ بىلمدۇق زادى ،

ساقىپ چۈشتى دەرەختىن يازلار.

تۈررۈلمەكتە تومۇز پۇچقىقى،

سەھەرلەرنىڭ سەلكىنى ئازلار .






ئاقساق بۇلۇت چاپچىپ كىشنىشەر ،

گىرىم قىلار يۇمشىغان مۆلدۈر .

مەيدىسىنى سېلىپ بازارغا ،

ھاۋارايى قىلىدۇ گۈلدۈر .






چىشلىرىنى قايرىپ ئاسماننىڭ ،

ئارغامچىغا ياغدى سۇ ئوتى ،

نەملىكىدە قىززىغاچ ھايات ،

ئۆرتەنمەكتە ئازاپنىڭ ئۆتى.






دەريا - كۆللەر كېڭەيدى سىرلىق ،

بىپايان كۆك چالسا ئىسقىرت .

ياشالمىدى قېلىن سالاپەت ،

تەشۋىش قويدى تىنجىقنى ئېسىپ.






زاكۇنلاشتى گۇگۇم بىلەن تەڭ ،

بىر توپ قۇچقاچ ئاچالماي مەجلىس .

سېيرىتمىسى ئاچسا كېچىلەر ،

قاراڭغۇغا بولىدۇ قېنىش .






تېرىسىگە يېزىپ لېرىكا ،

ياز تارايدۇ يېشىل بېشىنى .

ئەپسۇن ئوقوپ مىۋىلىرىمگە ،

بىلىمەكتە كەچكۈز چىشىنى .







ياز _ يەل - يىمىش ، يەلنىڭ كانىدۇر ،

قوزغار نەپەس قىزغىنلىقىنى  .

تاللاشلارنى قىلغاچقا ھۆرمەت

پارچىلاندى پەسىلنىڭ تېنى .









ئاپتۇرى : ئا. مۇھەممەت باغۋەن




ۋاقتى: 2013-7-17 12:01:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرىنچى پارچە شېئىرغا قويۇۋالغان ماۋزۇيىڭىز بىلەن شېئىرىڭىزنىڭ مۇناسىۋىتىنى قايسى دەرىجىدىرەك تەسەۋۋۇر قىلىپ باقساق بولا؟
مېنىڭ ئويلاپ باققىنىمدا ماۋزۇ بىلەن ئەسەرنىڭ تۇققاندارچىلىقى يوقتەكلا...

ۋاقتى: 2013-7-17 12:18:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئېرلىرىڭىز ھەقىقەتەن مەزمۇنغا بايكەن ، ساتىرايىڭىزنىڭ تېمىسى شىئىر ئىچىدىكى مەخسەتنى مانا مەن دەپ كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ ......رىئاللىق دىگەن مانا شۇ . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ساجىدە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-17 12:19  


ۋاقتى: 2013-7-17 12:25:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساتىرانى بەكمۇ ياختۇردۇم، لىكىن ماۋزۇسىنى چۈشۈنەلمەي قالدىم.

ۋاقتى: 2013-7-18 01:30:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر شېئىرلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-7-18 13:41:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىنداشلىرىمنىڭ بەرگەن قىممەتلىك پىكىرلىرىگە رەھمەت ، كەمچىللىكىمنى تۈزىتىشكە تىرىشاي

ۋاقتى: 2013-7-18 15:50:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ئائىلىدە ھەر يەردە ئانا تىلنى خەنلەيدۇ››

ئابلەتكا، يۇقارقىي مىسرانى مۇنداق تۈزەتكەيسىز:

‹‹ئائىلىدە -ھەر يەردە ئانا تىلنى ‹خەن›لەيدۇ››

يەنە بىرى، ھەجۋنىڭ ماۋزۇسىنى ‹‹ئۈچىنچى شەخس كوللېكتىپىغا بۇيرۇق›› دەپ ئۆزگەرتسىڭىز قانداق؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-7-21 16:35:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىران يوللىغان ۋاقتى  2013-7-18 15:50
‹‹ئائىلىدە ھەر يەردە ئانا تىلنى خەنلەيدۇ››

ئابلەتكا،  ...

ھەجەپ ياخشى بىر ماۋزۇ تېپىپ بەردىڭىز -ھە ، ئىلھام دىگەن مانا مۇشۇ ، سېنىڭ دىگىنىڭدەك بولسۇن قېرىندىشىم

ۋاقتى: 2013-7-21 18:47:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساتىرايىڭىز تازا دېگەن  جايدا  توختاپ قاپتۇدە، ھە؟

ۋاقتى: 2013-10-25 12:07:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۇزۇرلاندىم ئۇستاز  ساتىرا ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ  ، ئىلھاملىرى دېڭىزدەك دولقۇنلاپ تۇرسۇن .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش