بولمىسا گەر ھېچكىم يېنىڭدا،
سەن ئازابنى يۇتقان چېغىڭدا.
سۆيۈلۈشنى ئىزدىسەڭ شۇ دەم،
دوستلىرىڭنى تاپالمىساڭ ھەم.
قېچىپ كەتسەڭ مۆكەلمەي بىراق،
كېچىلىرى قىينىسا پىراق.
تەقدىرىڭدىن بولما پەرىشان،
ئەركىنلىك ئۇ ھەممىدىن ئوبدان.
كېرەك بولسا يىغلىماق گۈزەل،
باغرىم ئاچاي يېنىمغىلا كەل.
تەسەللىگە بولغاندا ھاجەت،
توڭلاتقاندا يۈرىكىڭنى دەرت.
مەن سۆيۈشنى بىلدۈرۈپ قوياي،
ئاسمىنىڭغا چىقمىغاندا ئاي.
جەننەت ئۇمۇ بولسا مىڭ قەدەم،
كۈنلىرىڭدە بولاي ساڭا جەم.
كەچلەر سوغۇق بولسا ھەم دەرتلىك،
كۈنلىرىڭ شاد قىلماي قىلچىلىك.
يېنىڭدا مەن بولاي تائابەت،
مۆكۈشنى سەن ئويلىما پەقەت.
كېرەك بولسا يىغلىماق گۈزەل،
باغرىم ئاچاي يېنىمغىلا كەل.
تەسەللىگە بولغاندا ھاجەت،
توڭلاتقاندا يۈرىكىڭنى دەرت،
سۆيۈش ئۈچۈن بەر ماڭا پۇرسەت.
كېرەك بولسا يىغلىماق گۈزەل،
باغرىم ئاچاي يېنىمغىلا كەل.
تەسەللىگە بولغاندا ھاجەت،
توڭلاتقاندا يۈرىكىڭنى دەرت،
سۆيۈش ئۈچۈن بەر ماڭا پۇرسەت.
سۆيۈپ ئالاي سېنى قەدىرلەپ،
سۆيۈپ ئالاي سېنى قەدىرلەپ،
سۆيۈپ ئالاي سېنى قەدىرلەپ.
ئېنگلىزچە «Cry On My Shoulder» دېگەن ناخشىنىڭ تېكستىدىن تەرجىمە قىلىندى.
|