گاچا بولۇپ قالساق ناۋادا
ھېچبىر سۆزگە كەلمىسە بۇ تىل.
مەن ئاڭلايمەن پەقەتلا سېنى
قالمىسىمۇ ماڭا ھېچ ئامال
چۈشىنىشكە تىرىشىمەن بىل.
كۆككىمۇ گەر چىقمىسا قۇياش
كەلمەك بولسا باشقا ھەم ئەجەل.
سەن قەلبىمدە تۇرىسەن ھامان
سەن بارلىقىم، پەرىشتەم گۈزەل.
يارالغانمەن پۈتۈن ئۆمرۈمدە
بىر سېنىلا كۈتۈشكە تۈگەل.
بارلىقىڭنى ئاتىدىڭ ماڭا
كۆزلىرىمنى ئچىپ دۇنياغا
بىلدۈرۈپ ھەم سۆيۈشنى قانداق.
چۈشەپ يۈردۈم ئۆتكەن كۈنلەرنى
سۆيەلمىدىم ۋە لېكىن سېنى.
ئاتاي ساڭا ئوتلۇق قەلبىمنى
بۇ ئۆمۈرگە يەتكۈچە ئەجەل،
سەن بارلىقىم، پەرىشتەم گۈزەل.
كۆككىمۇ گەر چىقمىسا قۇياش
كەلمەك بولسا باشقا ھەم ئەجەل.
سەن قەلبىمدە تۇرىسەن ھامان
ھاياتىمسەن، ئاشىقىم مېنىڭ
سەن بارلىقىم، پەرىشتەم گۈزەل.
«ئالى مەكتەپ ئېنگىلىزتىلى»دىن تەرجىمە قىلىندى.
مارتىنا مىسپىرد شېئىرى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ۋاپايى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-14 11:02
|