شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئەزالىق كېنىشكىسىنى ئالماشتۇرۇش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش 
 
 
شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ قارارى بويىچە ئەسلىدىكى ئەزالىق كېنىشكىسىنى ئالماشتۇرۇش خىزمىتى 2011-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ رەسمىي باشلىنىدۇ. بارلىق ئەزالارنىڭ ئۆزئارا خەۋەر قىلىشىپ يېڭى ئەزالىق كېنىشكىسىنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.  
 
كېنىشكا ئالماشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار تۆۋەندىكىچە: 
 
1.   يېڭى كېنىشكا ئالماشتۇرغۇچىلار ئەسلىدىكى كونا كېنىشكىنى يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك. 
 
2.   يېقىندا چۈشكەن بىر سۇڭلۇق ئۆلچەملىك سۈرىتىدىن ئىككى پارچە ئەۋەتىپ بېرىشى لازىم. 
 
  
 
ئالاقىلاشقۇچى: مېھراي  نۇرمەھەممەت،  تېلىفۇن نومۇرى: 0991ـ4510785 
 
  
 
ئادىرىسى:ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇنىي دوستلۇق يولى 716-نومۇر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتى 
 
پوچتا نومۇرى:830000 
 
ھۆرمەت بىلەن: 
 
شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى 
 
2011-يىل 1-ئاي 
 
 
  |