مەھمۇت ھېيىت مەھدى - 1983-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى پەيزىۋات ناھىيسىنىڭ قىزىلسۇ يېزىسىدا زىيالى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى قەشقەردە تاماملىغاندىن كىيىن ، 2002-يىلى شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋېرىستىتىنىڭ ئۇيغۇر تىل -ئەدەبىياتى كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان . ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كىيىن 2007-يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئونۋېرسال ئاخپارات قانىلىدا مۇخبىر ، رىژىسسور بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە .
ئۇنىڭ ئىجادىيتى ئالىي مەكتەپتە ئوقىۋاتقان چاغلىرىدىن باشلانغان بولۇپ ، تۇنجى ئىجادىيتى 2003-يىلى ‹قەشقەر ئەدەبىياتى › ئېلان قىلىنغان ‹ ئاسمان › ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان . ھازىرغىچە ‹ تارىم › ،‹ تەڭرىتاغ › ، ‹ كىروران ›، ‹ قىزىلسۇ ئەدەبىياتى › ،«ئاقسۇ ئەدەبىياتى »،«شىنجاڭ ياشلىرى »،‹ مۇزات دولقۇنلىرى ›، ‹ شىنجاڭ گېزىتى ›،‹ ئىشچىلار ۋاقت گېزىتى ›،‹ ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى ›...قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا 180 پارچىدىن ئارتۇق ھەرخىل ژانىردىكى ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان . ئۇ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى .