كۆرۈش: 1175|ئىنكاس: 0

ئۇچقۇنجان ئۆمەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                        IMG_0013.jpg                                              

   ئۇچقۇنجان ئۆمەر، 1945-يىلى فېۋرالدا قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسىنىڭ بازار ئىچى مەنگەن مەھەللىسىدە بىر ئۇقۇمۇشلۇق ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن.1952-يىلىدىن 1962-يىلىغىچە باشلانغۇچ ، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان.1968-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1971-يىلى«قەشقەر گېزىتى»دە مۇخبىر،مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن،1981-يىلىدىن باشلاپ «قەشقەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا تەھرىر بۆلۈمنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مۇئاۋىن باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن.2005-يىلى دەم ئېلىشقا چىققان.
  ئۇچقۇنجان ئۆمەرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيتى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىدا باشلانغان.1957-يىلى ئۇنىڭ«گۈلدەستە» ناملىق شېئىرى،«شىنجاڭ پىئونېرلىرى» گېزىتىدە تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنغان. يېرىم ئەسىردىن بۇيان، ئۇ ئۇيغۇر شېئىرىيەت ئىجادىيىتى، ناخشا تېكىست ئىجادىيىتى،ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى قېزىش،توپلاش،رەتلەش،تەرجىمە قىلىپ تۇنۇشتۇرۇش،نەشىر قىلىشنى ئۆزئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر فولكلور تەتقىقاتى،ئەدەبىي ئوبزور،ئەدەبىي تەرجىمە بىلەن شۇغۇللىنىپ،ئۇيغۇر ئەدەبىياتى،تارىخ،سەنئەت،«12مۇقام»،مەدەنىيەت-مائارىپ،ئىتنوگرافىيە،قەدىمىي تارىخى يادىكارلىق،تەزكىرە،ئۇيغۇر ژۇرنالچىلىقى قاتارلىق ساھەلەردە ئىزدىنىپ،مول نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن.بۇ ئۇزۇن جەرياندا ھەردەرىجىلىك گېزىت-ژۇرناللاردا ئىلگىرى – ئاخىرى بولۇپ، ھەرخىل تېما،شەكىلدە يېزىلغان1000 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى ۋە10پارچە داستان-باللادالىرى،300 كۇبلېتتىن ئارتۇق رۇبائىيلىرى،200پارچىدىن ئارتۇق ناخشا تېكىست،ئىلمىي ماقالە،ئوبزورلىرى،100پارچە تەھرىر ئىلاۋىسى،ئەدەبىي ئۇچۇرلىرى ۋە بىرقىسىم ھەرخىل ژانىردىكى تەرجىمە ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان. ئۇ توپلاپ رەتلىگەن10مىڭ كۇبلېتتىن ئارتۇق قوشاق،باشقىلار بىلەن تەييارلىغان 380  قەشقەر خەلق ناخشىلىرى مەتبۇئاتلاردا بېسىلغان.ئۇنىڭ يەنە ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ ئۆزى ئىجاد قىلغان،توپلاپ رەتلىگەن،تۈزگەن،ئۆزى تەرجىمە قىلغان بولۇپ«پامىر ئىلھاملىرى»(تاجىك شائىرى مۇھەممەت روزىنىڭ شېئىرلارتوپلىمى)،«ئۇيغۇر خەلق تارىخى قوشاقلىرى»،«سەلەي چاققان لەتىپىلىرى»(1-كىتاب)،«چەشمىلەر»،«ئۇيغۇر خەلق قوشاقچىلىرى»،«يۇمۇرلار».«ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى»(7-قىسىم)،«خەزىنە»،«سالام يۇلتۇزلار»،«ئاھ،يۇلتۇزلار»،«پەزىلەت ناخشىلىرى»،«مەرىپەت يۇلتۇزى»(داستانلار توپلىمى)،«بۇلبۇلگويا» (سۆرەتلىك كىتاب)،«ئاھ،نۇرلۇق ئابىدىلەر»، «سەلەي چاققان لەتىپىلىرى»(2-كىتاب)، ، «سەلەي چاققان لەتىپىلىرى»(3-كىتاب)،«فىتوفى شېئىرلىرى»،«ئۇيغۇر خەلق توي-مەرىكە قوشاقلىرى»،«ئۇيغۇر خەلق تارىخىي قوشاقلىرى قامۇسى» قاتارلىق 20 پارچە كىتابى نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغان. يەنە 10پارچە كىتابى ھەرقايسى نەشرىياتلارغا يوللانغان. ئۇنىڭ بىرقىسىم داستانى،باللادا،ساتىرىك شېئىرلىرى،ناخشا تېكىستلىرى،ئىلمىي ماقالىلىرى،تەرجىمە ئەسەرلىرى ھەردەرىجىلىك گېزىت-ژۇرنال،ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرى تەرىپىدىن مۇكاپاتلانغان. بىرقىسىم شېئىرلىرى خەنزۇچە ۋە چەتئەللەردە ئېلان قىلىنغان. ئۇ،ھاياتىدا نۇقتىلىق ھالدا 80نەپەر داڭلىق تارىخىي شەخىسلەرنى مەتبۇئاتلاردا  تۇنۇشتۇرغان.
   ئۇ ئەدەبىي تەھرىرلىك،ئىجادىيەت ۋە تەتقىقاتىدىكى مول نەتىجە – مۇۋەپپىقيەتلىرى ئارقىلىق دۆلەت ئىچى ۋە دۆلەت سىرتىدا نەشىر قىلىنغان ئۇيغۇر،خەنزۇ،ئېنگىلىز تىللىرىدىكى 30نەچچە چوڭ قامۇسقا كىرگۈزۈلۈپ تۇنۇشتۇرۇلغان.
    2005-يىلى 8-ئايدائۇ،دۇنيا مائارىپ،ئىلىم-پەن،مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ مۇتەخەسسىس ئەزالىقىغا قۇبۇل قىلىنغان.2004-يىلى«جۇڭگو-ۋېنگىرىيە خەلقلىرى دوستلۇقى تۆھپىكارى» ئوردېنىغا ئېرىشكەن.
     ئۇچقۇنجان ئۆمەر ھازىر جۇڭگو  يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى،جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو خەلق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر جەمئىيتىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئەت ئەزاسى،جۇڭگو شەرق مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى،شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيتى،خەلق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر جەمئىيتى،شىنجاڭ ئوتتۇرا-ئاسىيا،غەربىي ئاسىيا تەتقىقات جەمئىيتى،«12مۇقام» تەتقىقات جەمئىيتى،«قۇتادغۇبىلىك»تەتقىقات جەمئىيتى قاتارلىق ئون نەچچە ئىلمىي جەمئىيەتنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، ئەزاسى.ئۇ قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر جەمئىيتىنىڭ رەئىسى،مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش