يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 943|ئىنكاس: 1

ئەسەر قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تەشكىلنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن «خانتەڭرى ئەدەبىياتى»غا ئېرىشكەن ئەسەرلەردىن «شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيىتى ۋە تەرجىمە ئەسەرلەر قۇرۇلۇشى» غا بىر پوۋېستلار توپلىمى، بىر ھېكايىلەر توپلىمى بىر شىئېرلار توپلىمى (ھەر بىرسى 300 خەت ئەتراپىدا بولىدۇ) نى كىرگۈزۈش قارار قىلىندى.

ئۈچ توپلامغا كىرگۈزۈلىدىغان ئەسەرلەر:

1. تورىمىزنىڭ «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» سەھىپىسىگە يوللانغان،يىللاردىن بۇيان مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەردىن تاللىنىدۇ.

2.   كىتاپلارنىڭ خەت سانى چەكلىك بولغاچقا كىرگۈزۈلىدىغان ئەسەرلەر گە مۇتەخەسىس ۋە ئوقۇپ ـ تەكشۈرۈش كوللىگىيەسى تەرىپىدىن قايتا تاللىنىش تەلىپى قويۇلىدۇ.

3.      تاللاشتا ئەسەرنىڭ مۇنبەرگە يوللانغان ۋاقتىنىڭ ئىلگىرى كېيىنلىكىگە ئېتىۋار بېرىلىدۇ.

4.   يوللانغان ئەسەرلەرگە نەچچىنچى نۆۋەتلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكى ۋە قايسى ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى ئەسكەرتىش بېرىلگەن بولۇشى كېرەك.

5.   تورغا چىقىش ئىمكانىيىتى يوقلارغا تورداشلارنىڭ، تونۇش ـ بىلىشلىرىنىڭ خەۋەر قىلىپ قويۇشىنى ۋە ۋاكالەتەن يوللاپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

6.ئەسەر قوبۇل قىلىشنىڭ ۋاقتى تولىمۇ قىس بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ دەرھال تۇتۇش قىلىشىنى سورايمىز.

2011-يىل 11-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن كېيىن يوللانغان ئەسەرلەر بۇ توپلاملارغا كىرگۈزۈلمەيدۇ.



7.      ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش قىلىندى،قايتا ئۇقتۇرۇش قىلىنمايدۇ.





ئالاقىلاشقۇچى: ئەيبۇ ياقۇپ

تېلىفۇن نومۇرى:0991-4527645



شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى

2011-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى




ۋاقتى: 2013-5-19 01:08:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ توپلامنىڭ مۇئاپىقىيەتلىك چىققانلىقىنى تەبرىكلەيمەن

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش