كۆرۈش: 3405|ئىنكاس: 0

ئايىمنىسا سۇلايمان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
03.jpg
     1982-يىلى 6-ئايدا كېرىيە ناھىيىسىنىڭ قاراقىر يېزىسىدا خىزمەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . 1999-يىلى خوتەن پىداگوگىكا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن، 2004-يىلدىن 2006-يىلغىچە شىنجاڭ  مائارىپ   ئىنىستىتۇتىدا تىل –ئەدەبىيات تولۇق كۇرس كەسپى بويىچە بىلىم ئاشۇرغان .2006-يىلىدىن  2007-يىلغىچە كېرىيە ناھىيىلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئىشلىگەن. 2008-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ  كېرىيە ناھىيىلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدە  ئىشلىگەن.
ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ھاياتى تۇلۇقسىز ئوتتۇرا   مەكتەپتە  ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا باشلانغان  بولۇپ،2000-يىلى «ئاقسۇ ئەدەبىياتى » ژۇرنىلىدا ئىلان قىلىنغان «سۈرگۈن قىلما ھىجران چۆلىگە » ناملىق شىئېرى بىلەن رەسمىي ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە قۇشۇلغان .
2000-يىلدىن ھازىرغىچە «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»،«يېڭى قاشتېشى»، «تارىم»، «تەڭرىتاغ»، «تۇرپان»، «قۇمۇل ئەدەبىياتى »، «شىنجاڭ ياشلىرى»، «شىنجاڭ ئاياللىرى»، «جۇڭگۇ مىللەتلىرى»، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»، «ئاقسۇ ئەدەبىياتى»،«قىزىلسۇ ئەدەبىياتى»، «قەشقەر ئەدەبىياتى »، «مايبۇلاق»،«كۆكبۇلاق» قاتارلىق ژۇرناللاردا ئارقا-ئارقىدىن 800پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ،نەسىر، ھىكايە، ئوبزور،ماقالە-فىليەتونلىرى ئېلان قىلىنغان .
  2002-،2003-،  2004- يىللىرى   خوتەن    ۋىلايىتىدە   ئۆتكۈزۈلگەن  نادىر ئەسەرلەرنى باھالاشتا ئۇدا بىرىنچى دەرىجىگە ئىرىشكەن ، «تارىم » ژورنىلىدا  ئىلان قىلىنغان «شېئىر بۇلۇپ يېزىلغان سەن كىم ؟»ناملىق بىر گۇرۇپپا شېئىرى  2005-يىللىق «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا   ئىرىشكەن .
2006-  يىلى  1- ئايدا «ئوت پەسلى »ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى نەشىر  قىلدۇرغان. 2007-يىلى «شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى » تەرىپىدىن «ئوقۇتۇش تەتقىقات مۇھاكىمە مۇنبىرى» ناملىق ماقالىلار توپلىمىنى تۈزۈپ نەشىر قىلدۇرغان. «يۇرۇڭقاش شاتلىقى»،«كېرىيە قەسىدىسى» قاتارلىق بىلەشمە توپلاملارغا بىر تۈ*ركۈم ئەسەلىرى كىرگۈزۈلگەن، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»، «قۇمۇل ئەدەبىياتى»، «يىڭى قاشتېشى»،«كۆكبۇلاق»قاتارلىق ژورناللاردا تەرجىمىھالى ۋە بىر تۈركۈم ئەسەلىرى بىلەن تۇنۇشتۇرۇلغان.
        ئۇ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ  ئەزاسى ،    خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىنڭ ئەزاسى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلقىزى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-28 14:02  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش