ئاتاقلىق كومپوزىتور،سەنەمشۇناس،دۇتار شاھى مۇھەممەد ئېزىز2013-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى 69 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
مۇھەممەد ئېزىز 1944-يىلى 9-ئايدا قاغىلىق ناھىيەسى غوجائېرىق يېزىسىدا تۇغۇلغان.1951-يىلدىن 1957-يىلغىچە باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان،1957-يىلدىن 1961-يىلغىچە شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغان.1961-يىلدىن 1997-يىلغىچە قاغىلىق ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكىدە ئىشلىگەن.بۇ جەرياندا ،1986-يىلدىن 1989-يىلغىچە شاڭخەي مۇزىكا ئىنىستىتۇتىدا كومپوزىتورلۇقتا ئوقۇپ، دۆلەتلىك2-دەرىجىلىك كومپوزىتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.
ئىزدىنىش روھىغا باي كومپوزىتور مۇھەممەد ئېزىز 1976-يىلدىن بېرى ‹‹ئۇيغۇر سەنەملىرى ››ھەققىدە جاپالىق ئىزدىنىپ ۋە تەتقىق قىلىپ 35 يىل جەريانىدا 36سەنەمنى رەتلەپ نەشرگە تەييارلىدى.ئۇ ئۆزىنىڭ پۈتۈن زېھنى قۇۋۋىتى ۋە يۈرەك قېنىنى سەرپ قېلىپ نەشرگە تەييارلىغان ،قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىش ئالدىدا تۇرغان ‹‹ئۇيغۇر سەنەملىرى ››دېگەن كىتاب ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇرغۇسى.بىز مەرھۇم مۇھەممەد ئېزىزنىڭ جاپا-مۇشەققەتتىن قورقماي،ئۆز كەسپىگە ئۆزىنى بېغىشلاش روھىغا ئاپىرىن ئوقۇيمىز.
‹‹ئۇيغۇر سەنەملىرى››—36سەنەم،608 كۇپلېت تېكىست ۋە 243 ئاھاڭدىن تەركىب تاپقان بولۇپ،سەنەملەرنىڭ ئاساسىي مىلودىيەسى،جۈملىدىن ئاھاڭ بۆلەكلىرى ئۇيغۇر مۇقاملىرىدىن ،يەنى مۇقام مۇقەددىمە مۇزىكىسىنىڭ ئومۇمىي پىرىنسىپ تەلىپى بويىچە چوڭ نەغمە،مەشرەپ ئاھاڭلىرىدىن شاخلىنىپ چىقىپ،خەلق سەنئەتكارلىرىنىڭ ۋارىسلىق قىلىشى،تولۇقلىنىشى بىلەن راۋاج تېپىپ تەدرىجىي شەكىللەنگەن‹‹ئۇيغۇر سەنەملىرى ››ئۇيغۇر مۇقاملىرى بىلەن ماس قەدەمدە بېيىپ ،سېستىمىلىشىپ قېلىپلاشقان.مەرھۇمنىڭ پات يېقىندا ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرىشىدىغان "ئۇيغۇر سەنەملىرى"ناملىق كىتابى ،مۇشۇ ساھەدىكى ئىلمىيلىكى كۈچلۈك ،سىېستىمىلاشقان تۇنجى كىتابتۇر .
ئابلىز ئۆمەر ئەنجانى
بۇلبۇل ئىدىڭ سەن
ئاتاقلىق كومپوزىتور،سەنەمشۇناس،دۇتار شاھى مۇھەممەد ئېزىزغا مەرسىيە
دىلىم بارمىدى،تىلىم بارمىدى،
كەتتى دېيىشكە پانىي ئالەمدىن.
قۇلىقمغا ھېچ ئىشەنمەي قالدىم،
سوراپمۇ كۆردۈم ھەربىر ئادەمدىن.
كىچىكىڭدىنلا جان نىسار ئەيلەپ،
سەنئەت يولىغا كىرگەن دۇلدۇل سەن.
گەر بۇلبۇل دېسەك سېىڭچە بولار،
ئادەم سۈپەتلىك مەستخۇش بۇلبۇل سەن.
دۇتارنى چالساڭ زېمىن تىترەيدۇ ،
كۇينىڭ چىن سېھرىي كۈچى ۋەجىدىن.
دەريالار شۇدەم دولقۇن ياسايدۇ،
ناخشىغا تەڭكەش بولۇپ ئەۋجىدىن.
كەزدىڭ ۋەتەننى تاغ-داۋان ئاتلاپ ،
مۇقاملار ئۈچۈن، سەنەملەر ئۈچۈن .
تىكلەپ كەتتىڭ سەن ئۆلمەس ئابىدە،
كەلگۈسى سەنئەت،قەدەملەر ئۈچۈن.
دوستقا ۋاپادار ئېسىل ئىنسان سەن ،
گەر سۇ سورىسا بېرەتتىڭ شەربەت.
ئالقىش ساداسى بىر ساڭا مەنسۇپ،
قەلىبلەر تۆرىدە پارلايدۇ ھۆرمەت.
ئارزۇ-ئارمىنىڭ كۆپ ئىدى تېخى
لېكىن،ئاخىر چىقار روياپقا.
مېھنىتىڭ –ئەجرىڭ كەتمەيدۇ بىكار،
ئايلىنىدۇ ئۇ،قامۇس –كىتابقا
× × ×
دىلىم بارمىدى،تىلىم بارمىدى،
پانىي ئالەمدىن كەتتى دېيىشكە.
بىر تەڭرىدىن تىلەيمەن شۇنى،
نېسىب بولغايسەن جەننەت-بېھىشكە
2013-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى قەشقەر
(ئاپتورئابلىز ئۆمەر ئەنجانى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدا)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا qimenkux تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-28 14:07