يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 428|ئىنكاس: 6

يۇرەكتىن-يۈرەككە تۇتىشار قىسمەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۇچا ناھىيە ئوچا ئوتتۇرا مەكتەپتىن: پاشاگۈل ئىسمايىل تۇردى ھاجى قىزى

يۈرەكتىن-يۈرەككە تۇتىشار قىسمەت
شئېرمېنىڭ ھاياتىم،مەن شئېىر يېزىۋاتقاندىلا،ئۆزلۈگۈمگە قايتىمەن.دۇنيا ماڭا،مەن دۇنياغا سىڭىپ كېتىمىز.شېئىرلىرىم ماڭا تىلسىمات سىرلىرىنى ئېچىپ،بېرىدۇ،لېكىن ئۆزلىرىنىڭ يېشىلىشىنى،يالىڭاچلىنىشىنى يوقۇلۇش دەپ قارايدۇ. شېئىر مېنىڭ بارلىغىم ئىچىدىكى خوشاللىغىم. شېئر مېنىڭ تېپىلماسلار ئىچىدىكى كۆز گۆھۈرۈم.

كەچمىشلەرگە چىدالارسەنمۇ

ئېسىڭدە بارمىدۇ بىز چىققان تاغلار،
قۇياشقا تەلمۈرگەن ئاشۇ بىر سەھەر.
تاشمۇ-تاش قوغلۇشۇپ ناخشا ئېيتىشساق،
سەھرانىڭ لاي سۈيى بولغانتى كەۋسەر.

سەن مېنى ئۇنۇتتۇڭ ،لېكىن چۈشۈمدە،
يەنىلا ئايان شۇ قەسەم ،شۇ سۆيگۈ.
ئارمىنىم توزىدى تۈتەكتەك ئىزسىز،
توزىمىدى قۇرغۇر خىيالى تۇيغۇ.

يۈرىمەن يىگانە ئېتىزلار ئارا،
ئۇپۇقتىن قىزىللىق يېيىلغان سەھەر.
كەچمىشلەر قىينىسا چىدالارسەنمۇ؟
سۆيگۈنۈڭ يادىڭغا يەتكەندە دىلدار.




ۋەتەن قەسىدىسى
ۋەتەن
سۈيى تۈگىمەس دېڭىزمۇ سەن؟
ئۈزسەم سەندە
غۇلاچلار تاشلاپ،كۆتۈردۈڭ مېنى
سەدىچىن سېپىلى
مىڭ ئۆيلىرىڭدە.
كۆڭلۈڭگە ئوخشاش مېھنەتلىرىڭدە،
ناماياندۇر
پۈتۈن بىر جىسمىم،
پۈتۈن بىر ئاقلىق.

زۆھرە بولدۇم
ھىجران چۆلۈڭدە.
يەلكىنىڭدە سۈبھى شەبنىمى،
ئېقىپ چىقار
يىغلاڭغۇ تاغ بوپ
سۈزۈك قەسىر ئالدى ئىلكىگە
مارجان بۇلاقنى،
بارماقلىرى بارماقلىرىمدا،
ئۈنۈپ چىقتى بىر جۈپ قىزىلگۈل.

تاھىر ھىدى
ئويغاتماقتا قەلبىمدە ۋىسال.
ۋىسال ئۈچۈن
جەزىرلەردىن،شۇڭغۇدۇم ساڭا.
چاقىرماقتا ھەم
ئون ئىككى تال گۈل،
كەل
كەل
ئەي،ھىجرانكەش
تارىم گۈزىلى.

مەن
مەن...
باھار پەسلىدىكى سەھەر شەبنىمى،
پاكلىقىمنى زېمىنغا تۆككەن
ئاپپاق قاردەك سىڭىپلا كەتكەن .
مەن.
دالىلاردا ئۇچۇپ يۈرگەن قۇش،
قورقۇنچاقنى قاناتتا ئۇرۇپ،
ۋىجدانىمنىڭ دورىسى بىلەن ،
بىغەملەرگە چاچقان ئاز- ئاز ھوش.
مەن.
بۇلاقلاردەك ھېسقا تويۇنغان،
كائىنناتتەك سىرلىق بىر كىتاب،
ئوقۇغانلار ئوقۇشقا ئامراق،
ئوقۇپ-ئوقۇپ تۈگىتەلمەيدىغان.
مەن.
خەت يازمىغان ئاپپاق بىر قەغەز،
رەڭ ۋە قەلەم پەقەت ئۆزۈمدە.
ئازابلاردا لەيلىگەن دائىم،
مەڭگۈ ئۆلمەس ئاقار يۇلتۇزدەك،
نۇرلار چاچقان تىمتاس كېچىگە.

شېئىر بولسۇن مەخپىيەتلىگىڭ

قىزچاق،
نە كېرىگى ساڭا ھەسرەتنىڭ؟
مۇھەببەتكە تولغان ئازابىڭ
ئەلەم بىلەن لېۋىڭنى چىشلەپ
يامغۇر بوپتۇ
زېمىنغا كۆزۈڭ.
قاسراق تاشلاپ تىترەر ۋۇجۇدۇڭ
ئۆز-ئۆزىنى ئاتاپ دۇنياغا.
تۆت قۇلاقنى يۇلغان قوللۇرۇڭ
مەيۈسكىنە نەم شۇ ھاۋادا
سوزۇلار.
ئەڭ ئاخىرقى بوشلۇققا قاراپ.
ھاجەتمۇ ساڭا،
ئەرزىمدۇ قىزچاق؟
ئاچچىق-ئاچچىق بوقۇلداشلارغا،
ئازاپ سالغان ئازاپ ھەسرىتىڭ.
بەدەل تۆلەش يەنە شۇ بەدەل
مىراس ئەمەس
ساڭا ئەي ياران.
كۆتۈر بېشىڭنى
شېىر بولسۇن مەخپىيەتلىگىڭ
قوشۇۋالاي يۈرەكلىرىمگە.

كۇچا ناھىيە ئوچا ئوتتۇرا مەكتەپتىن: پاشاگۈل ئىسمايىل تۇردى ھاجى قىزى
2013-يىللىق 1-سان ‹‹كۇسەن مەدىنيىتى››دىن ئېلىندى.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-6-27 17:33:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ﻳﯘﺭﻩﻛﺘﯩﻦ  ﻳﯘﺭﻩﻛﻜﻪ ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺭﻣﯩﺶ ﭘﯩﻨﺎﻥ
.
ﻳﯘﺭﻩﻛﺘﯩﻦ  ﻳﯘﺭﻩﻛﻜﻪ ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺭﻣﯩﺶ ﭘﯩﻨﺎﻥ ،
ﺑﯘ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﺋﯩﺰﯨﻘﺴﺎﯓ  ﻣﺎﯕﺎ ﺧﻮﺵ ﺩﯨﻤﻪ.
ﺑﯩﺮ ﯪﺯﺍﭖ ﻗﺎﺵ ﺋﯩﺘﯩﭗ ﺩﻩﯞﺭﻩﭖ ﺗﯘﺭﺳﯩﻤﯘ ،
ﺗﯘﻍ-ﯬﻟﻪﻡ ﻛﻮﺗﯩﺮﯨﭗ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ  ﺳﻪﭘﻪﺭﮔﻪ.
.
!!ﯩﭽﻜﯩﻢ  ﯰﺯﯨﺘﯩﭗﭼﯩﻘﻤﯩﺪﻯ ﻣﯩﻨﻰ ،
ﻛﻮﺯﯗﻣﺪﯨﻦ ﯪﻗﺘﻰ  ﻗﺎﻥ   ﺩﺍﻧﯩﻤﯘ -ﺩﺍﻧﻪ.
ﺑﯘ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﺷﻪﺭﺑﻪﺕ ﻪﻡ  ﺯﻩﻪﺭﺗﯩﺘﯩﺪﯨﻢ ،
ﭼﯘﯞﯗﻟﻐﺎﻥ ﭼﯩﭽﯩﯖﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ ﺳﻪﺭﺳﺎﻧﻪ.
..
ﺑﯘ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﻛﯩﭽﯩﻠﻪﺭ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘ  ﯘﯞﻻﭖ ،
ﺑﯘ ﻳﻮﻟﺪﺍ  ﺋﯩﺰﯨﻘﺘﯩﻢ  ﻣﻪﻧﻤﯘ -ﺧﻮﺵ ﺩﯨﻤﻪﻱ.
ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﻣﻮﺭﺩﯨﻐﺎ ﯪﻳﻠﯩﻨﯩﺶ ﯰﭼﯘﻥ ،
ﻛﻮﺯ ﻳﺎﺷﺘﻪﻙ  ﺯﻩﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﯞﺍﻕ  ﺋﯩﭽﻪﻱ.
..
ﺑﯩﺮ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯ  ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﯪﻗﺴﯘﻥ ﻛﯩﭽﯩﮕﻪ ،
ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻤﯩﺶ ﻳﯘﺭﻩﻛﺘﻪ   ﺑﯩﺮ ﻳﻮﻝ ﻗﺎﻧﯩﻐﺎﻥ.
ﺑﯘ ﯪﺯﺍﭖ ،ﺑﯘ ﻛﻪﭼﻤﯩﺶ ،ﭼﯘﺵ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﮕﻪﻳﺴﻪﻥ ،
ﻳﯘﺭﻩﻛﺘﯩﻦ  ﻳﯘﺭﻩﻛﻜﻪ ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺭﻣﯩﺶ ﭘﯩﻨﺎﻥ.
..
2006-ﻳﯩﻠﻰ 2-ﯪﻳﻨﯩﯔ 6-ﻛﯘﻧﻰ (ﻳﻪﻛﻪﻥ)
تەڭرىتاغ ژورنىلى 2006-يىللىق 2-سانىدىن ئىلىندى

ۋاقتى: 2013-6-27 22:38:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈرەكتىن- يۈرەككە يول بارمىش پىنھان،
سۆزلىشەر شۇڭلاشقا شاۋقۇنسىز ئىنسان.
ۋارقىراپ سۆزلەيمىز يالغاننى دائىم،
ھەقىقەت دىللاردا ياتار جىم ھامان.


                                                          __ زوردۇن سابىر ‹‹ ئاتا›› رومانىدىن

ۋاقتى: 2013-6-28 10:35:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرلىرىڭىزنى مۇنبەردە قايتا ئوقۇغىنىمدىن خۇرسەنمەن، ھارمىغايسىز!!!

ۋاقتى: 2013-6-28 11:08:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-6-28 17:50:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     رەخمەت دوستلار،   جاللات، شېئىرىڭىزدىكى پىكىر ئېقىم ،تىل تەسۋىرى،سۈزۈك قەترىلەر، كىشىنى ئىختىيارسىز  چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ.ئىلگىرى كۆرمىگەن ئىكەنمەن.مۇنبەرگە يوللاپ ياخشى قىپسىز.
   ئىجادىيىتىڭىزگە قۇت تىلەيمەن !!!

ۋاقتى: 2013-7-26 12:31:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ ! ھارمىغايسىز پاشاگۈل !!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش