ئۇيغۇرلىقىم
شان-شەرەپ بەختىم يەنە سۆلىتىم ئۇيغۇرلىقىم،
يۇق ئۇنىڭسىز تەندە جانىم قامىتىم ئۇيغۇرلىقىىم.
تۆكۈلۈپ كىندىك قېنىم، ئۇيغۇر دىيارى –قۇينىغا،
ياشنىدىم ،كۇلدۈم چېچەكلەپ يىلىكىم، ئۇيغۇرلىقىم.
شۇنچە ئۇز،شۇنچە چېۋەر قىز ئۇغۇل ھەمكارلىرىم،
بېرىدۇ ئۆمرۇمگە مەنا ئامىتىم ئۇيغۇرلۇقۇم.
دوستلىرىم قۇۋناق ماڭا جەڭ چېلىش ھەر ئىشتا ھەم،
رىشتىمىز تەشتەك ئۇيۇل،غەيرىتىم ئۇيغۇرلىقىم.
نۇر چاچار مەھمۇت يۇسۇپ سىماسى دىلغا بوپ قۇياش،
مىڭ ئەسىر ئۆتسېمۇ يۇتمەس شەۋكىتىم ،ئۇيغۇرلىقىم.
نەدە بار ئۇيغۇرلىرىمدەك مىھرىبان ،ئامراقلىرىم،
ھېممىتى ئالەمگە تەڭ،ھۆرمىتىم ئۇيغۇرلىقىم.
بار خېزىر بۇۋام ،مۇماملار ئىتىقاد قەلبىگە جەم،
تۆكىدۇ قەلبىمگە سىن –نۇر،ئىززىتىم ئۇيغۇرلىقىم.
خۇددى جەننەتنىڭ ئۆزى بۇ ئانا يۇرتۇم –ۋەتەن،
قۇينىدا كۇرمىڭ ھۇنەر،پەن ،رېغبىتىم ئۇيغۇرلىقىم.
ئۆم،ئىناق،ھەمدەمدە بارچە،يوق ئاڭا دىلخەستىلىك،
قۇچىدۇ روھىمنى ھەرتاڭ، نۇسرىتىم ،ئۇيغۇرلىقىم.
ئىپتىخارىم،غەمگۇزارىم دىل خۇمارىم ئۆز ئېلىم،
ئۇنى سۆيمەك بىر ئۆمۇر راھىتىم،ئۇيغۇرلىقىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىلكەش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-25 18:31
|