«يەكەن ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنى تارقىتىش يىغىنى ئېچىلدى
7 P. Y: B4 Y S; G
مۇشۇ ئاينىڭ 20-كۈنى يەكەن ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە، رادىيو -تېلېۋىزىيە ئىدارىسى، ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتى، ناھىيەلىك شىنخۇا كىتابخانىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ تەشكىللىشى بىلەن يەكەن ناھىيەسىدىكى 100نەپەردىن ئارتۇق يازغۇچى-شائىر، تەتقىقاتچى ۋە ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى، رەسسام-فوتوگرافلار، خەتتاتلار، ھەر قايسى مەدەنىيەت پونكىتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە «يەكەن ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 1-سانىنى تارقىتىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئېكىسكۇرسىيە، سۆھبەت پائالىيىتى ئېلىپ باردى. پائالىيەتتە ئالدى بىلەن مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر «يەكەن ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ يەكەننىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ۋە يەكەننى سىرتقا تەشۋىق قىلىشتا ئوينايدىغان رولىغا يۇقىرى باھا بېرىپ، كەڭ ئاپتورلارنىڭ مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر ئارقىلىق «يەكەن ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنى قوللىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئاندىن ناھىيە تەۋەسىدىكى 516 كەنت، ئىجتىمائىي رايون قىرائەتخانىسىغا «يەكەن ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى تارقىتىپ بېرىلدى. پائالىيەتتە يەنە ئاپتورلار شاڭخەي شەھىرىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق يېڭىدىن قۇرۇلۇۋاتقان يەكەن جەنۇبىي شەھەر رايونىغا چىقىپ يېڭى ۋە ئۆزگىچە لايىھەلىنىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن يېزىق –ئۇچۇر مەركىزى كۆرگەزمىخانىسىدا يەكەننىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات ئەھۋاللىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقتى. ئاندىن پاراۋانلىق مەركىزىگە كىرىپ بۇ يەردە كۈتۈنۈۋاتقان ياشانغانلار بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولدى.
ئۇلار يەنە تومئۆستەڭ يېزىسىدىكى ئازادە ۋە كۆركەم سېلىنغان دېھقانلار ئولتۇراق داچا رايونىغا بېرىپ دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ، ئۇلارنىڭ يېڭىچە تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردى.
ئېكىسكۇرسىيە تاماملانغاندىن كېيىن ئاپتورلار ۋە ئىجادىيەتچىلەرنىڭ «يەكەن ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ ئەسەر تاللاش، تەھرىرلەش، بەت ئورۇنلاشتۇرۇش، سەھىپە تەسىس قىلىش ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتى ھەققىدىكى پىكىر-تەكلىپلىرى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.
«يەكەن ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى يەكەن ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، ناھىيەلىك ئاخبارات-نەشرىيات ئىدارىسى، ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ كونكىرت يېتەكچىلىكىدە نەشر قىلىنىدىغان پەسىللىك ئۇنىۋېرسال ئەدەبىي ژۇرنال بولۇپ، ئىچكى قىسىمدا ھەقسىز تارقىتىلىدۇ.
' Y/ x! `1 N' {" e5 n& m
( ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ خەۋىرى، فوتوسى )