سىزمۇ يېزىڭ،ئۇمۇ يازسۇن،باھانى ئەڭ ياخشىسى خەلق بەرسۇن
راھمان ئىمىر
ئەدەبىي ئىجادىيەت جەريانى-دېھقاننىڭ يەرئاغدۇرغىنىغا ئوخشاش جاپالىق،مۇرەككەپ جەرياندىن ئىبارەت بولۇپ،ئىجادىيەتچىدىن كۇچلۇك مەسئولىيەتچانلىقىنى،ئوتتەك قىزغىنلىقنى ،پىكىر چۇڭقۇرلىقىنى تەلەپ قىلىدۇ.بۇ ‹‹تەلەپ››نى قاندۇرۇش يولىدا يازغۇچى-ئىجادىيەتچى قانچىلىغان كېچىلەرنى،ئارام ئېلىش،بايرام كۈنلىرىنى ئۆز پىكىرىنى تاۋلاش،قۇراشتۇرۇش،ئاققا كۆچۈرۈش قاتارلىق ئەقلى مىھنەت ‹‹پىلسىراتى››ئۇستىدە ئۆتكۇزىدۇ.بۇ مۇشەققەتلىك جەرياننى ئانىنىڭ تولغۇقىغا؛ئىجادىي مېۋە-ئەسەرنىڭ پۇتۇپ قولدىن چىقىشىنى بوۋاقنىڭ يۇرۇق دۇنياغا كۆزئاچقىنىغا ئوخشىتىشقا بولىدۇ.خۇددى ئانائۆز ئەسىرى-بولغان بۇۋىقىنى كۆرۈپ ، تولغاق ئازابىنى ئۇنتۇپ كەتكىنىدەك،يازغۇچىمۇ‹‹بۇۋىقى››-ئەسىرى پۈتكىنىدە يۇركىدە چوڭقۇر ھاياجان قوزغىلىپ،‹‹شادلىق باغچىسى››غا كىرىپ كىتىدۇ.بۇ يازغۇچىنىڭ ھاياتىدىكى زور خۇشاللىنىارلىق جەريان بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.بۇ ھەممىگە ئايان بولغان ئىلمىي پاكىت.لىكىن ئىجادىي ئەسەرنىڭ‹‹يۇرۇقلۇققا›› چىقىپ ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئۇچراشقاندىن كىيىنكى ئالغان باھاسى يەنى ئەسەرنىڭ سۈپەتلىك –سۈپەتسىزلىكىگە بېرىلگەن مۇلاھىزىلەر مۇقەرەر يۇسۇندا ئاپتۇر-يازغۇچىنىڭ روھىغا ياخشى ياكى يامان تەسىرلەرنى بەرمەي قالمايدۇ.بۇ خىل ‹‹تەسىر ›› لەرۋاقتى كەلگەندە يازغۇچىنىڭ كىيىنكى ئىجادىيتىنىڭ يېڭىلىنىشىغا،قەلىمىنىڭ تاۋلىنىشىغا ،ئەسىرىنىڭ سۈپىتىنىڭ تېخىمۇ كۆتۈرىلىشىگە زور ئىلھام بولىدۇ.بەزى ھاللاردا يازغۇچىنىڭ قەلەم- يېزىقچىلىقتىن ۋاز كىچىشىگە سەۋەب بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلمەي قالمايدۇ.ئەمما شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش زۆرۈركى،ئەسەرگە بېرىلگەن باھا ئىلمىي،توغرا،غەرەزسىز بولۇشى كېرەك.بۇ يەردە دىيلىۋاتقان ئىلمىيلىك-باھا بەرگۇچىنىڭ باھا بېرىشتىكى ئۇسسۇلىنىڭ توغرا بولۇشىنى ،ئەسەر ئۇستىدە ئۆزپىكىرىنى قايىل قىلارلىق دەرىجىدە سۆزلىشىنى ،يېزىشنى؛ توغرىسى-باھا بەرگۇچىنىڭ ‹‹ئەسەر ئوپىراتسىيىسى ››دە ھەقىقىي ۋىراچ سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىپ،ئۇچرىغان ‹‹ئۆسمە››-مەسىلىگە قارىتا ئىلىم نۇقتىسىداتۈرۈپ يەكۇن چىقىرىشىنى؛غەرەزسىزلىكى –باھابەرگۇچىنىڭ ئاپتۇرنىڭ نام –شەرىپىنى ،كەچمىش تارىخىنى چىشلەپ تارتماي،ئۆزى قول سالغان ئەسەر ئۈستىدە يۇرغۇلىشىنى كۆرسىتىدۇ.بۇ بىر ئەقەللىي ساۋات تېخىچە بىرقىسىم باھالىغۇچىلارنىڭ ‹‹پائالىيەت مىزانى››غا ئايلىنىپ بولالماي ،يازغۇچى-ئوبزۇرچى ئوتتۇرسىدا بەزى بىر سۈركىلىشلەرنى مەيدانغا چىقىرىپ،ئىلمىي ئەسەر ئۇستىدە ئىلمىي مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشىتكى بەزىبىر يىتەرسىزلىكلىرىمىزنى ئاشكارىلاپ قۇيماقتا.بۇنى ئاز دېگەندەك ،بىزنىڭ ئايرىم كىشىلىرىمىز يازغۇچىلىرمىزنىڭ قانچىلىك قان-تەر بەدىلىگە ئەسەر ۋۇجۇتقا چىقىرىدىغانلىقىغىمۇ ھۆرمەت قىلماي ،شېئىر يازسا‹‹ پۇچەككەن چۇشەنمىدۇق››دەپ،ھېكايە يازسا ‹‹غەرىپلىكلەرنىڭ تۇرمۇش پۇرىقى سېڭىپ قاپتۇ ››دەپ ئاغرىنىپ ھەتتا بەزىلەر ئۆزى تۈزۈككىنە بىر نەرسە يازالمىغىنىدىن خىجىل بولماي باشقىلارنى‹‹ سەن شېئىر يازماي ھېكايە ياز،رومان يازماي،ئەسلىمە ياز،ئىجتىمائىيەت تېمىلىرىدىكى ماقالىلارنى يازغۇچە شۈك ئولتۇر.››دېگەندەك بۇيرۇتما سۆزلەرنى تەپ تارتماي قىلىدىغان ،ئۆزىنىڭ ئەمەل - مەنسەپ،ئابرۇيىنى دەستەك قىلىپ،يازغۇچى-شائىرلىرىمىزنى ئالدى ،ئارقىسىدىن غاجاپ چىشلەيدىغان چاكىنىلىقنى داۋاملاشتۇۇرپ كەلدى ۋە كەلمەكتە.بەلكىم شۇنداقلا ئۆزىنىڭ قانچىلىك ‹‹سايرىيالايدىغان››لىقىنى ،باشقىلارنىڭ پىكىر-خىيالىنى ،ئىدىيىسىنى قېلىپقا سالغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلمىسە كېرەك.
يېقىندا ،مەن بىر قېتىملىق ئۇقۇمۇشلۇقلار سورۇنىغا قاتنىشىپ قالدىم.كەلگۈچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى گېزىت-ژۇرناللىرىمىزدا نامى بار ،خەلقىمىزنىڭ قەلبىدە ئورنى بار ھۆرمەتلىك زىيالىرىمىز –يازغۇچى –ئەدىبلىىرمىز ئىدى.ئۇلاردەسلەپتە كۈلكە چەقچاق بىلەن ئولتۇرۇشۇپ،ئىززەت-ئىكرام ئىچىدە بىر-بىرىگە يول قويۇشۇپ ،ئىلمىيلىك،سىپايىلىق،تەمكىنلىك بىلەن پاكىت قۇيۇش ئاساسىدا ئىلمىي مۇنازىرىنى قانات يايدۇرىۋەتتى.لېكىن ئازغىنا ۋاقىت ئۆتۈپ ،بىر –بىرگە ھۆرپىيىشكە باشلىدى:
---سېلىنىڭ كىتابلىرى بەك ناچار چىقىپ كېتىپتۇ،ئەمدى كەسىپ ئۆزگەرتسىلە بولغۇدەك،ئۇنداق كىتابنى يازماق سىلى دېگەندەك ئۇنچە ئاسان ئەمەس.كىتابلىرىنى بىر تىتىۋېتەي دېگەندىم ،بىراق...
---سېلىنىڭ يازغانلىرىنىمۇ كۆرگەنمىز.ھېچبىر پور ئارقۇچىلىكى يوق نەرسىلەر.
---قورسىقىڭ كۆپكەن بولسا گېزىت-ژۇرنالغا ياز.قانداقلىقىنى خەلق بەلگۈلەيدۇ.
---ھاي..ھاي، سوقۇشماڭلار،ئەمدى.
ئەۋجىگە چىقىشقا باشلىغان مۇنازىرە ھەممىمىزنىڭ ئەيىبلىشى ،جىملىشى بىلەن بېسىقىغا چۈشۈپ قالدى.
دېمىسىمۇ يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بىزنىڭ مىللەتنىڭ سەركەردىسى دېيىلىدىغان زىيالىرىمىز ئارىسىدا يوق ئەمەس.
مۇنازىرنىڭ ،باھا –پىكىرنىڭ بولۇپ تۇرغىنى ئىنتايىن ياخشى ئەھۋال.ئەمما پاكىتىسز،يولسىز ھالدا قارشىلىشىپ،ھەتتا قېيدىشىپ ،ياتلىشىپ يۈرۈش ئەقىللىق زىيالىيلىرىمىزنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس.بىزنىڭ ھەرقانداق ئەسەرگە قارىتا پىكىر قىلىش ھوقۇقىمىز بولغىنى بىلەن ،ئەسەرنى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ ،ئاپتۇرنىڭ ئابرۇيىنى سۇندۇرۇشقا ھېچقانداق ھەققىمىز يوق.پىكىر –قاراش ،باھايىمىز بولسا ،يۇرەكلىك ھالدا پاكىتنى ئاساس قىلىپ گېزىت-ژۇرنال يۈزىدە ئېلان قىلساق بۇ بىزنىڭ يوللۇق ئىش قىلغىنىمىز بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.ئەكسىنچە يول تۈتۈپ زىياپەت،چاي،ئولتۇرۇشلاردا قالايمىقان جۆيلۈپ يۇرسەك پىكىرمىز توغرىدەك قىلسىمۇ مەلۇم جەھەتتىن بىرخىل ئىچ كۆيەرلىكنىمۇ ئىپادىلەپ قۇيىدۇ.يازغۇچى شائىرلارمۇ ئىنسان بولغانلىقى ئۈچۈن ،ئۆزىنىڭ ھىس قىلىشى،چۇشىنىشى ۋە قارىشىنى چىقىش قىلىپ ئەسەر ئىجاد قىلىدۇ.ئۇنىڭ نېمىنى يېزىشىنى باشقىلار ئەمەس ،دەل ئۆزى بەلگۈلەيدۇ.شۇڭا ،‹‹ئۇنى يازماي بۇنى ياز››دېگەندەك ئىلمىي بولمىغان پىكىرلەر ئارقىلىق‹‹تار يول››غا قىستاپ كېلىش ،باشقىلاربار جايدا قالايمىقان سۆزلەپ ئابرۇيىنى تۆكۈش –بىرخىل ئەدەپسىزلىكتىن ،يولسىزلىقتىن،قىسقىسى ھۆرمەتسىزلىكتىن دېرەك بېرىدۇ.ناۋادا يازغۇچى –شائىر يازالمىغان، دېيەلمىگەن تەرەپلەرنى ئىقتىدارىڭىز يەتسە سىز يازسىڭىز،ئوتتۇرىغا قۇيسىڭىزگۈل ئۈستىگە گۈل قويغاندەك خۇشاللىنارلىق ئەھۋال شەكىللىنىدۇ.ئەمما،ئۆزىڭىز تېخى يازالماي تۇرۇپ ،ھە دېسە باشقىلار ئۈچۈن رامكا سېزىپ،قۇسۇر تېپىپ يۈرىشىكىز توغرا ئەمەس.
ھەممىمىزگە ئايان،بىر پارچە ئەسەرنىڭ قانداق چىققانلىقىنى،ياخشى ،ناچارلىقىنى بىرەر شەخس بەلگۈلەپ بېرەلمەيدۇ.ئۇنى لىللا باھالايدىغىنى قوللايدىغىنى ياكى شاللايدىغىنى پەقەت كەڭ ئاۋام –خەلقتىن ئىبارەت.
|