يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 643|ئىنكاس: 6

ئەزەلدىن سىزگە يالغان سۆزلىمىدىم(تەرجىمە ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەزەلدىن سىزگە يالغان سۆزلىمىدىم
[رۇسىيە] ئالېكساندر شېللىڭ
ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى

قەدەممۇ-قەدەم، پەلەمپەيمۇ-پەلەمپەي، قەۋەتمۇ-قەۋەت.... خىمىيىۋى تالا مۇتەخەسىسى سېرگېي مىيخايلوۋ كاماندىروپكىدىن قايتقانىدى. كاماندروپكا ۋاقتى ناھايىتى قىسقا، ئۆزىنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ خېلىلا بەك قىسقا بولدى. قانداق بولشىدىن قەتئىي نەزەر ئۇنىڭ بالدۇرراق ئۆيگە قايتقۇسى بار ئىدى، بىرىنچىدىن، يىغىن ئىلگىرىكى ھەر قانداق يىغىنغا ئوخشاشلا مەزىسىز بولدى؛ ئىككىنچىدىن، ئۇ ئايالىنىڭ ئۆيدە يالغۇز قېلىشىدىن ناھايىتىمۇ ئەنسىرەۋاتقانىدى، يېقىندىن بېرى ئايالىغا بارغانسېرى ئىشەنمەس بوپ قالدى، ئۆيگە بارغاندا ئايالىنىڭ ئۆزىنى ئەمەس باشقا بىرىنى ساقلاۋاتقان بولىشىدىن بەكمۇ ئەنسىرەيتتى.
« بولسا نەخ مەيداندىلا تۇتۇۋالسام، ياكى بولمىسا ئۇنىڭغا بولغان گۇمانىم يوققا چىقسا» سېرگېي شۇ خىياللار بىلەن قەدەممۇ-قەدەم، پەلەمپەيمۇ پەلەمپەي، قەۋەتمۇ-قەۋەت ئۈستىگە چىقماقتا....
لېفىت بۇزۇلغانىدى. «بەلكىم بۇ ياخشىلىقنىڭ بىشارىتى بولمىسا كېرەك» پەلەمپەيدىن مېڭىپ چىققۇچە ئۇ شۇلارنى خىيال قىلدى. سەپەردىن چارچاپ كەلگەن ئادەمگە نىسبەتەن سەككىزىنچى قەۋەتكە مېڭىپ چىقىش ھەقىقەتەن قىيىن ئىدى. شۇغىنىسى 11-ئايدىكى كېچىدە بۇنداق كونا بىنادىن پىيادە چىقسا ھېرىپ كەتكەن بىلەن دىققىتىنى يىغىشقا پايدىسى باركەن.
سېرگېينىڭ ئايالى ئالىيا ئېلىننا ماركوۋنا شاچنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئۆي-مۈلۈك ۋاستىچىلىق شىركىتىدە ئىشلەۋاتقىنىغا بىر يىل بولدى، بۇ بىر يىلدا ئۇ كېچە-كۈندۈز ئالدىراشچىلىق بىلەنلا ئۆتتى، مائاشىغۇ خېلى يۇقىرىكەن، ئەمما كېچىسىمۇ ئۆيگە قايتماسلىقى ۋە بەزى گۇمانلىق تېلېفون(تېلېفون جىرىڭلىغاندا ئالسا قارشى تەرەپ گەپ قىلمايدۇ) ۋە بەزى ئىشلارغا كۈندەشلىكى بارغانسېرى ئېشىۋاتقان بۇ قالتىس مۇتەخەسىس يەنىلا نورمال پىسخىك ھالەتنى ساقلاپ كېلىۋاتاتتى.
- ئېلىننا ماركوۋنا ئايالىم ئالىيا نېمە ئۈچۈن دائىم كەچ قايتىدۇ، - دەپ سورايتتى ئۇ ئايالىنىڭ باشلىقىنى كۆرسىلا.
- سېرگېي، ئامال قانچە؟ ئۆي-مۈلۈك ۋاستىچىلىق شىركىتىنىڭ كەسپى تولىمۇ ئالدىراش بولىدىكەن، مەنمۇ نۇرغۇن كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزىمەن،- دەيتتى ئېلىننا ئۇھسىنىپ.
- دىققەت قىلدىڭىزمىكىن، يېقىندىن بېرى ئايالىم خىزمەت زۆرۈرىيىتىدىن باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كەچ قايتىۋاتقان چاغلىرىمۇ بارمىدۇ؟
- سېرگېي، سىزنىڭ نېمە دېمەكچى بولغىنىڭىزنى ئوبدان بىلىمەن، - ئېلىننا خۇرسىنىۋېتىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،- شۇغىنىسى سىزنىڭ گۇمانىڭىز بىھۇدە بوپ قالدى. ئۇ ئەزەلدىن يالغان سۆزلىمەيدۇ، ئىنتايىن سەمىمى.
- سىز ئۇنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشىغا دىققەت قىلىپ باقسىڭىز، بولامدۇ؟
- بۇ قانداق بولغىنى ... مەن ئۇنى نازارەت قىلمايمەن، ئەمما شۇنىڭغا كاپالەت بېرىمەنكى ئۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ قويۇق ئالاقىدە بولىمەن،- دېدى ئېلىننا.
- كاپالەت بېرەمسىز؟
- كاپالەت بېرىمەن.
سېرگېي خاتىرجەم بولدى.
ۋاقىتنىڭ تېز ئۆتشىگە ئەگىشىپ كۆڭۈلسىزلىكلەرمۇ قايتا-قايتا يۈز بەردى، كۈندەشلىكمۇ بارغانسېرى ئېغىرلاشتى. بۈگۈن كۈندەشلىك تازا ئۇچىغا چىققانىدى. ھەر خىل تاسادىپىيلىقنىڭ توغرا كېلىپ قېلىشى – 11-ئاينىڭ بۇ سوغۇق كېچىسى لېفىتنىڭ بۇزۇلۇپ قېلىشى يامانلىقنىڭ بىشارىتى بولۇپ تۇيۇلدى، يەنە مۇددەتتىن بۇرۇن ئاخىرلاشقان كاماندىروپكا، بۇلارنىڭ ھەممىسى يانار تاغنىڭ پارتلاش ئالدىدا تۇرغانلىقىدىن دېرەك بېرىۋاتاتتى. قەدەممۇ-قەدەم، پەلەمپەيمۇ پەلەمپەي، قەۋەتمۇ-قەۋەت....
-ئۇنى بۇ شىركەتكە ئەۋەتمىسەم بوپتىكەن- دەپ غودۇرىدى سېرگېي ئىشىك ئالدىغا كېلىپ: «ئەگەر بۇنىڭدىن باشقا شىركەت بولغان بولسا ھەممىنى بەش قولدەك بىلىپ تۇراتتىم. ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئەنسىرەپلا يۈرىمەنغۇ... قاچان بولمىسۇن “سىز نەدە!؟ زادى نەدە؟”دەپلا يۈرگەن.
- ئىشلەۋاتىمەن، يەنە نەدە بولاتتىم؟
- نەگە باردىڭىز؟
- ئېلىننا ماركوۋنا يېنىغا چاقىرىپتىكەن.
- ....
«ئۇنى ھەرقانداق چاغدا دېرىكىنى قىلغاندا ئۇ ھېلىقى غەلىتە گۇمانلىق تېلېفون قىلغۇچىنىڭ قېشىدا بولماستىن ئېلىننا چاقىرتىپ كەتكەن بولۇپ چىقىدۇ؟ ئۇ بۇرۇن ئەزەلدىن يالغان سۆزلىمەيتتى »
بۇنداق ئېنىقسىزلىق سېرگېينىڭ كۆڭلىنى پاراكەندە قىلدى، ئۇ پاراكەندىچىلىكتە ئىشىك قوڭغۇرىقىنى باستى. جىمجىت ..... ئۆي ئىچىدە ھېچقانداق پاتپاراقچىلىق، شەپىمۇ يوق، ئادەمنى گۇمانسىرىتىدىغان ھېچقانداق ئالامەت يوق ئىدى. سېرگېي ئىشىك قوڭغىرىقىنى يەنە باستى ... «ئەجىبا، ئالىيا شۇنچە قاتتىق ئۇخلاپ كەتكەنمىدۇ؟ بەلكىم ئۆيدە يوق؟ ياق، ئەلۋەتتە ئۆيدە يوق! ئۇ نەگە بارىدۇ؟ بەلكىم تېلېفون ئۇرۇپ گەپ قىلماي قويۇۋېتىدىغان ئەبلەخنىڭ يېنىغا كەتتىغۇ دەيمەن!»
دەل مۇشۇ چاغدا قۇلۇپنىڭ ئېچىلغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ ئالىيا ئىشىكنىڭ يوچۇقىدىن سىرتقا قارىدى، چىرايىدا ئالاقىزادىلىك چىقىپ تۇراتتى.
- ئۇخلاش كىيىمى كىيىۋاپسىزغۇ، ئۇخلاپ بولغانمۇ؟- سېرگېي ئايالىدىن غەزەپ بىلەن سورىدى.
- ئەلۋەتتە ئۇخلاپ بولغان، - دېدى ئالىيا تېزلىكتە – ھازىر سائەت 11 بولغان تۇرسا.
- ھە، شۇنداق بولسىمۇ ئىشىكنى شۇنچە ئۇزۇندا ئاچامسىز؟
سېرگېي ئۆزىنىڭ نامۇۋاپىق سوئال سوراپ قويغىنىنى شۇھامان سېزىپ قالدى.
- مەن ئۇخلاپ بولغان دېدىمغۇ؟
- ھە، شۇنداق، شۇنداق ...شۇنداق، مەن كىرسەم بولامدۇ؟- سېرگېي كۆزىنى چىمچىقلىتىپ قويدى.
- ئەلۋەتتە، كىرىۋېرىڭ! سىزنى ئۆيگە كىرگۈزمەسمەنمۇ؟ - ئالىيا سەل جىددىيلىشىپ قالدى – ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز بالدۇر قايتىدىغان بولغاندىكەن خەۋەر قىلىپ قويۇشىڭىز كېرەكتە!
- ئۇنداقتا مېنىڭ قايتىپ كەلگىنىم سىزنى خاپا قىلىپ قويغان ئوخشىمامدۇ؟
- يېرىم كېچىدە ئادەمنى يوتقاندىن تارتىپ چىقارسا كىممۇ خۇش بولىدۇ دەيسىز؟
- سىزنىڭ كەلگىنىڭىزنى كۆرۈپ خۇش بولدۇم، دەپ قويسىڭىز بولمامدۇ؟
- سىزگە ئايان، مەن ئەزەلدىن سىزگە يالغان سۆزلەپ باقمىغان.
سېرگېي پەلتۇيىنىمۇ سالمايلا ھۇجرىغا كىردى، ئۆينىڭ ھەممە يېرىگە سەپ سالدى، ئۆيدە باشقا ئادەم يوق ئىدى. كىيىم ئىشكاۋى، بىر نەچچە ئورۇندۇق، تېلېۋىزور،كىتاپ ئىشكاۋى ھەممىسى ئۆز جايىدا تۇراتتى. دەرۋەقە، يوتقان-كۆرپە بېسىلىپ پوملىشىپ كېتىپتۇ... ئايالىنىڭ ئۇخلىغاندا تولا ئۆرۈلۈپ ياتىدىغانلىقى ئۇنىڭغا ئايان ئىدى ... كاماندىروپكىغا چىققاندىن بېرى مانا ئەمدىلا سەل يەڭگىللىگەندەك بولدى. بەلكىم ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىدىغان روشەن سەۋەبمۇ يوق، مەن ئۆزەمچە گۇمانخورلۇق قىلغاندىمەنمۇ؟ كۈندۈزى ۋە كەچلىرى ئېلىننانىڭ ئىشخانىسىدا خىزمەت ھەلەكچىلىكى بىلەن بولسا، كېچىسى ئۇ يەردە ئانچە-مۇنچە ئارام ئالسا ... بۇ ئادەمنى خاتىرجەمسىزلەندۈرىدىغان ئالامەت بولمايدىغۇ! لېفىتنىڭ بۇزۇلۇپ قېلىشى يامانلىقتىن بىشارەت بېرەتتىمۇ؟ ھېلىقى، ھېلىقى تېلېفون ئۇرۇپ ترۇپكىنى ئالسا گەپ قىلمايدىغان كىشىنى نېمە دەپ چۈشەندۈرگۈلۈك ... بەلكىم ئۇ گاس-گاچا بولۇشى مۇمكىن. تېلېفوننى خاتا ئۇرۇپ سېلىپ كەچۈرۈڭ دېيەلمىگەچكە  قويۇۋېتىدۇ-دە.
دەل مۇشۇ چاغدا سېرگېينىڭ نەزەرى لوڭقىغا سېلىنغان بىر دەستە گۈلگە چۈشتى، ئۇ ماڭغاندا لوڭقىدا گۈل يوق ئىدى.
- ئالىيا، ئولتۇرۇڭ.
ئايالى ئولتۇردى.
- ئالىيا، بۇ مەن چىدىيالمىغان ئەڭ ئاخىرقى گۇمانلىق نۇقتا بولۇشى مۇمكىن، - ئۇ قولىنى سوزۇپ لوڭقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ سۆزىنى داۋام قىلىدى- بۇ بىر دەستە گۈل نەدىن كەلدى؟
- ئېلىننا ماركوۋنا سوۋغا قىلغان، - چاقماق تېزلىكىدە جاۋاب بەردى ئالىيا، جاۋابنىڭ مۇنداق تېز چىقىشى گويا جاۋابنى ئاللىبۇرۇن تەييارلىۋالغاندەك بىلىنەتتى.
- ئېلىننا ماركوۋنا سوۋغا قىلغان، راستلا ئۇ سوۋغا قىلغانمۇ؟ نېمە دەۋاتقانلىقىڭىزنى بىلەمسىز؟
- سېرگېي، شىركىتمىزنىڭ رەھبىرى ...
- ئەلۋەتتە بىلىمەن، - سېرگېي ئالىيانىڭ سۆزىنى بۆلىۋەتتى – شىركىتىڭلارنىڭ رەھبىرىنىڭ ئىسمىنىڭ ئېلىننا ماركوۋنا ئىكەنلىكىنى ئەلۋەتتە بىلىمەن.
- ئەسلى مۇنداق، ئېلىننا ماركوۋنانىڭ ناھايىتى چوڭ بىر گۈل پارنىكى بار، شۇنچە كۆپ گۈللەرنى قويىدىغان يەر يوق، بولۇپمۇ ئېچىلغان مەزگىللەردە تېخىمۇ شۇنداق، شۇڭلاشقا ئۇ ...
- ئۇ نېمە بوپتۇ؟
- شۇڭا ئۇ بۇ گۈللەرنى شىركەتكە ئەكىلىپ كۆپچىلىككە بۆلۈپ بەردى، مەقسىتى بۇ ئۇنىڭ گۈللەرنىڭ بىكاردىن توزۇپ كەتكىنىدىن كۆپچىلىكنىڭ ھۇزۇرلانغىنىنى ئەۋزەل كۆرگىنى، ئۇ بۇ گۈللەرنى بازارغا ئاپىرىپ ساتاتتىمۇ؟
- مەن ھازىرلا ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ دەلىللەيمەنغۇ، قانداق، شۇنداق قىلايمۇ؟
سېرگېي ئايالىنىڭ كۆزىگە قادىلىپ تۇردى.
- تېلېفون قىلىڭ، دەلىللەڭ، مېنىڭ يالغان سۆزلىمىگەنلىكىم ئىسپاتلىنىدۇ، - دېدى ئالىيا.
- ئەسلىدە مۇنداقكەندە، - سېرگېي ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىپ يۈرۈدى، ئۇ بىر نېمىلەرنى خىيال قىلدى بولغاي، گۇمانلىق نەزەرى بىلەن ئۆيگە يەنە بىر قېتىم قاراپ باقتى،- بولىدۇ، بۇ گۈلنى ئېلىننا سوۋغا قىلدى دەيلى، مۇبادا باشقا بىرى سوۋغا قىلمىغان بولسا، ئىككىمىزنىڭ پارىڭى بۇنىڭغا چېتىلغان ئىكەن مەن يەنە بىر سوئال سورىماقچى...
ئۇ يەنە بۇزۇلغان لېفىتنى، تېلېفون قىلغۇچىنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇشى قاتارلىقلارنى ئويلاپ دەككە-دۈككىگە چۈشۈپ قالدى.
- ئالىيا، مەن مېڭىشتىن ئىلگىرى سىزنىڭ خاتىرە دەپتىرڭىز كىتاب جاھازىسىدىن چۈشۈپ كەتكەنتى... دەپتەر ئىچىدىن بىر دانە ئاتكېرتكا چىقتى. ئاتكېرتكىدا بىر كۇبلېت شېئىر باركەن، ئۇنىڭدا سىزگە ئاتاپ يېزىلغان شېئىر بار ئىكەن... مۇبادا مەخپىيەتلىك بولمىسا ئېتيىڭچۇ ئاتكېرتكىنى سىزگە كىم سوۋغا قىلغان؟
- ئېلىننا ماركوۋنا، - ئالىيا كۆزىنى چىمچىقلاتماي تۇرۇپ مەردانىلىق بىلەن جاۋاب بەردى. بۇنى ئاڭلاپ سېرگېيمۇ قورسىقىنى تۇتۇپ قاھقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى.
- ئېلىننا يازغان؟ بىلەتتىم، سىزنىڭ مۇشۇنداق دېيىشىڭىزنى بۇرۇنلا بىلەتتىم، ئېلىننا يازغان دەڭ، راستىنلا ئېلىننا يازغانمۇ؟
ئايالى قىلچە بوش كەلمىدى.
- راستىنلا ئېلىننا يازغان. مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم سىزنىڭمۇ ئېسىڭىزدىغۇ، خىزمەت ئورنىمىزدا كۆپىچىلىك تۇغۇلغان كۈنۈمنى تەبرىكلەشتى، ئېلىننا بىر كۇبلېت شېئىرنى ماڭا ئاتاپ يېزىپ سوۋغا قىلدى.
- ئاتكېرتكىدا ئۇنىڭ ئىمزاسى يوققۇ؟- دەپ سورىدى سېرگېي كۆزىنى قىيسايتىپ.
- چۈنكى بۇ شېئىر كۆپچىلىكنىڭ كۆڭلىنى ئىپادە قىلغان، ئېلىنا يازغان.
- ئېلىنناغا تېلېفون قىلىپ دەلىللىسەم بولىدىغاندۇ؟ - سېرگېي ئالىيانىڭ ئالدىغا كېلىپ دېۋەيلەپ سورىدى.
- دەلىللەڭ! مەن سىزگە يالغان ئېيتمىدىم، - دېدى خوتۇنى تۈگۈلۈپ تۇرۇپ.
- بولىدۇ ئەمىسە، ئاخىرقى سوئال، - دېدى سېرگېي. ئولتۇرۇپ قوش قوللاپ بېشىنى چاڭگاللدى، بۇ تۇرقى گويا گۇمانلىرىنى يوقىتىش ئۈچۈندەك قىلاتتى، ئەمما بۇ گۇمانلار ئۇنى ئارامىدا قويمايۋاتاتتى، «مۇبادا ئۇ مەن كېلىشتىن بۇرۇن ئېلىنناغا تېلېفون بېرىپ قويغان بولسىچۇ؟ ئېلىننا بىلەن گۈل ۋە كىتاب جاھازىسىدىكى ئاتكېرتكا بايقىلىپ قالسا نېمە دەپ جاۋب بېرىش توغرىسىدا دېيىشىۋالغان بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇنىڭغىمۇ ماقۇل، ئەمما مېنىڭ يەنە ئامالىم بار» دەپ ئويلىدى ئۇ كۆڭلىدە.
- ئالىيا، سىزدىن ئەڭ ئاخىرقى سوئالنى سوراي، كاماندىروپكىغا مېڭىشتىن بۇرۇن تاساددىپي تومپۇچكىنىڭ تارتمىسىنى ئاچقاندەك قىلدىم، ياكى ئۆزى ئېچىلىپ كەتتىمۇ بۇ ئېسىمدە قالماپتۇ. مەن ئاچقانمۇ بولاي، ئۇنىڭدا بىر يۈرۈش يېڭى گىرىم بۇيۇمى باركەن، خېلى قىممەتتەك قىلىدۇ، بۇنى قانداق چۈشەندۈرىسىز؟ بۇنىمۇ ئېلىننا سوۋغا قىلغانمۇ؟
ئالىيا بىر سېكونت سۈكۈتتە تۇردى، ئۇ تەپەككۇردىن توختىغاندەك قىلاتتى.
- سېرگېي، ئىشەنگۈڭىز بولسا ئىشىنىڭ، ئىشەنمىسىڭىزمۇ مەيلى. ئۇنىمۇ ئېلىننا سوۋغا قىلغان، شىركىتىمىز بىر سودىنى ئوڭۇڭشلۇق پۈتتۈردى، شۇڭا ئېلىننا ھەر بىر خىزمەتچىگە بىر يۈرۈش گىرىم بۇيۇمى سوۋغا قىلدى، بۇ شىركەتنىڭ سوۋغىسى، شۇنداقلا ئېلىننانىڭ سوۋغىسى.
- ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، دەلىللەپ باقسام قانداق دەيسىز؟
- كۆرۈشۈڭ، مەن سىزگە يالغان ئېيتمىدىم، - ئېلىننا بىر ئۇھسىنىۋېلىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى – مەن ئەزەلدىن سىزگە يالغان ئېيتمىدىم.
مۇنچىدىن شىلدىرلىغان سۇنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، ئىسسىق سۇ ئادەمنىڭ روھىنى ئارامخۇش قىلىپلا قالماي يەنە كۆڭلىنى ئېرىتىپ تېخىمۇ كەڭ قورساق قىلىدۇ. ئېيتىلىشىچە سۇ مەينەتچىلىكنى يۇيۇپلا قالماستىن يەنە گۇماننىمۇ يۇيۇۋېتىدىكەن. «بەلكىم ئۇ راستىلا يالغان سۆزلىمىگەندۇ،» سېرگېي ۋاننىدا يۇيۇنغاچ ئويلىدى. «ئويلاپ باقمامسىز، لېفىت بۇزۇلۇپ قالسا يامانلىقنىڭ بىشارىتى دەپ ئويلاپتىمەن، لېفىتنىڭ بۇ ئىش بىلەن نېمە ئالاقىسى؟ تېلېفون جىرىڭلىسا تىرۇپكىنى ئالغاندا قارشى تەرەپ گاس-گاچا بولسا گەپ قىلمايدۇ-دە، تەڭرى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي! بۇنچە قالايمىقان خىياللار بىلەن كاللامنى ئېلىشتۇرۇپ نېمە قىلاي؟» سېرگېي شۇلارنى ئويلىغاچ خىمىيىۋى تالالار تەتقىقاتى توغرىسىدىكى خىياللارغا پېتىپ كەتتى.
- ئېلىننا، سېرگېينىڭ مۇنچىدىكى ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ تېزراق چىقىۋېلىڭ،- ئالىيا شۇنداق دەپ كىيىم ئىشكاۋىنىڭ ئىشىكىنى ئاستا ئاچتى.
بىر ئايال كىيىملىرىنى قولتۇقلىغىنىچە ئىشكاپتىن چىقتى، قاراڭغۇ بولغاچ ئۇ كىيىمىنى كىيىۋېلىشنى ئويلىمغان چېغى.
- ئېرىڭىزنى ئۆگۈنلۈككە كېلىدۇ، دېمىگەنمىدىڭىز؟
- كەچۈرۈۈڭ، ئۇنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن قايتىپ كېلىشىدىن مېنىڭمۇ خەۋىرىم يوق.
ئىككى ئايال ھاپىلا-شاپىلا سۆيۈشۈپ، قۇچاغلىشىپ خوشلاشتى.
ئىشىك ئېچىلدى، شاراققىدە يېپىلدى.
- ئالىيا، ئىشىك ئېچىلدىمۇ قانداق؟
شىلدىرلىغان سۇ ئاۋازى ئارىسىدىن ئېرىنىڭ ئاۋازى كەلگەنىدى.
- ھە، ئېلىننا ماركوۋنانى چىقىرىۋەتتىم، - دېدى ئۇ ئاۋازىنى تۆۋەن قىلىپ.
- قارىڭە سىزنى، يەنە چاقچاق قىلىۋاتىسىز، بەك قىزىقچىكەنسىز.
سېرگېينىڭ قاھقاھلاپ كۈلگەن ئاۋازى ئاڭلاندى، ئارقىدىنلا:
- ياخشىسى ماڭا لۆڭگىنى سۇنۇپ بېرىڭە، ئېلىپ كىرمەپتىمەن، يەنە پاكىزە كىيىملىرىمنىمۇ قوشۇپ سۇنۇپ بېرىڭ.
- مانا ھازىرلا سۇنۇپ بېرەي، مانا، مانا...




«تەرجىمىلەر»ژۇرنىلى 2012-يىل 1-سانىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2012-4-13 13:14:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2012-6-7 22:04:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئۇ پەلەمپەي بىلەن ئۈستىنكى قەۋەتكە چىقماقتا » دىسەك بولامدىغان بولغىيتى ئاۋۇ يەرلەرنى؟ لىكىن ياخشى ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىۋاتىسىز.

ۋاقتى: 2013-1-10 17:17:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا......مۇنداق ئىشلارمۇ با دەيلى........

ۋاقتى: 2013-3-7 22:43:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا ،بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ بىر ھازاغىچە ھاڭۋېقىپ قالدىم دېسە.

ۋاقتى: 2015-9-6 12:28:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ئەسەرنىمۇ ۋاقىت ئىسراپ قىلىپ تەرجىمە قىلىشنىڭ زورۇريىتى بارمىدۇ دەپ ئويلاپ قالدىم . ياكى مەن تازا چوڭقۇرلاپ چۈشىنىپ كېتەلمىدىممۇ؟

ۋاقتى: 2015-9-6 13:49:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمىغۇ ياخشى چىققاندەك. ھېكايىدىكى ئىككى ئايالنىڭ ئىش-ھەرىكىتىنى «جىنىسداشلار مۇھەببىتى» دەپ چۈشەنسەك توغرا بولارمۇ؟

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش