ئىران تارىخى ۋە مەدەنىيىتى
ئابدۇمىجىت مۇھەممەت
ئىراننىڭ ئەرەپ ئىستىلاسىدىن بۇرۇنقى تارىخى ۋە مەدەنىيىتى
ئىران ئاسىيانىڭ غەربىگە، ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ياۋرۇپانىڭ تۇتاشقان يېرىگە جايلاشقان. بۇ ئۈچ قىتئەنىڭ تۇتاشقان يېرىگە جايلاشقانلىقىدەك ئالاھىدىلىكى ۋە جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىكى بىلەن ئىران تارىختا ناھايىتى مۇھىم ستراتېگىيىلىك ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، تارىختىن بۇيان يىپەك يولىنىڭ غەربىي بۆلىكىدىكى مۇھىم تۈگۈن ھېسابلىناتتى. بۇنداق ئەۋزەل شارائىت ئۇلارنى سودا-تىجارەتتە ئاكىتىپ ئورۇنغا ئىگە قىلغان ۋە بۇنىڭ تۈرتكىسىدە شەر*ق بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدىمۇ كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان.
ئىران تەۋەسىدە ناھايىتى قەدىمكى دەۋرلەردە ئىنسانلار ياشىغان ۋە شەھەرلەر بەرپا قىلىنىپ، تېرىم مەدەنىيىتى مەيدانغا كەلگەن. ئارخېئولوگىيىلىك بايقاشلار بىزگە شۇنى كۆرسەتتىكى، زامانىمىزدىن 4-5مىڭ يىللار بۇرۇن ئىران ئېگىزلىگىدە ئىپتىدائىي ئىنسانلارنىڭ پائالىيىتى باشلانغان. ئىران ئېگىزلىگىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىدا بولسا يەنە بىر قەدىمكى ئاھالە– ئىلاملار ياشىغان. ئىلاملار مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 2800-يىللىرى ئەتراپىدا «ئىلام خانلىقى» نى قۇرغان. مىلادىيىدىن ئىلگىرى 10-ئەسىرلەردە بۈگۈنكى ئازەرىلەرنىڭ ئەجدادلىرى بۈگۈنكى ئەزەربەيجان ۋە ئىراننىڭ غەربىي شىمالىي قىسملىرىدا «مىدىيە خانلىقى»نى قۇرغان. بۇ خانلىق مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 7-ئەسىرلەرگە كەلگەندە قەدىمكى شەر*ق دۇنياسىدىكى قۇدرەتلىك ئىمپېرىيىگە ئايلانغان. بۇ ئىمپېرىيە دەل ئىران تارىخىدا ئەڭ دەسلەپكى ۋە ئەڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىمپېرىيە- ئاخمانىيلار سۇلالىسى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 550-يىلىدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 330-يىلىغىچە) بولۇپ، بۇ دەۋردە ئىراننىڭ تېررىتورىيىسى شەر*قتە سىند دەرياسىدىن غەربتە ئوتتۇرا يەر دېڭىزىغىچە، شىمالدا كاۋكازدىن جەنۇپتا پارس قولتۇقىغىچە بولغان زېمىنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
بۇنىڭدى باشقا ئىران يەنە شەر*قتىن ۋە غەربتىن كەلگەن مەدەنىيەتلەرنى ھەزىم قىلىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۇنى يېپيېڭى شەكىلدە باشقا ئەللەرگە تارقاتقان. يازما مەنبەلەردە مەلۇم بولىشىچە مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 6-ئەسىردە پارس ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر ئۇچى يۇناندا، يەنە بىر ئۇچى ھىندىستاندا ئىدى. گىرىكلار ھىندىستاننىڭ نامىنى پارس تىللىق خەلقلەردىن بىلگەن ئىدى. ئوخشاشلا ھىندىلارمۇ ‹يۇنان› دېگەن ئىسىمنى پارس تىللىق خەلقلەرنىڭ ئاغىزىدىن ئاڭلىغانىدى.
ئىراننىڭ ستراتېگىيىلىك ئورنىنىڭ مۇشۇنداق مۇھىم بولىشى بۇ زېمىندا ئۇرۇش، مالىمانچىلىقنىڭ ئۈزۈلمەي داۋام قىلىشىغا سەۋەپ بولغان ئىدى. دۇنيا تارىخىدىكى ئۈچ قېتىملىق بۈيۈك ھەربىي يۈرۈش ئىران بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ئەڭ دەسلەپتە ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننىڭ تاجاۋۇزىدا ئاخمانىيلار سۇلالىسى مۇنقەرز بولۇپ، يۇنانلىقلار بۇيەرگە 62يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئەرەبلەر «قۇرئانى كەرىم» نىڭ خاسىيىتى بىلەن ئەرەب يېرىم ئارىلىدىن چىقىپ كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇشىنى باشلىغىنىدىمۇ ئەڭ ئاۋۋال ئىراننى قولغا ئالغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن ئەرەپلەر بۇ زېمىنغا 200يىلدىن ئوشۇق ھۆكۈمرانلىق قىلدى. موڭغۇل باسمىچىلىرى غەربكە يۈرۈش قىلغاندىمۇ ئوخشاشلا ئىراننى قولغا ئېلىشقا ئالدىرىغان. بۇلاردىن باشقا سالجۇق تۈ*ركلىرىنىڭ ۋە ئەمىر تۆمۈرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوشقاندا بۇ زېمىن غەيرى پارس مىللەتلىرىنىڭ قولىدا 600 يىلدىن ئارتۇق تۇرغان. پارس مەدەنىيىتىمۇ زاماننىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ ئۆز جۇلاسىنى نامايەن قىلىپ كەلگەن. ئەرەبلەر بېسىپ كىرىشتىن بۇرۇن ئىراندا ئۈچ سۇلالە ھۆكۈم سۈرگەن ئىدى. بۇلارنىڭ بىرىنچىسى ئاخمانىيلار سۇلالىسى(مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 559-يىلىدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 330-يىلىغىچە)، يەنە بىرى پارفىيە سۇلالسى(مىلادىدىن بۇرۇنقى 247- يىلىدىن مىلادى 224-يىلىغىچە)، ئۈچىنچىسى ساسانىيلار سۇلالىسى(مىلادى 224-يىلىدىن 651- يىلىغىچە) ئىدى. ئاخمانىيلار سۇلالىسى دەرىجە تەبىقە تۈزۈمى ئېنىق ئايرىلغان قۇللۇق تۈزۈمدىكى دۆلەت بولۇپ، ئەينى زاماندا مەۋجۇت بولغان بارلىق ئىمپېرىيە ۋە خانلىقلار ئارىسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئىمپېرىيە ئىدى.
ئاخمانىيلار ئىككى دەريا بويى ۋە نىل دەرياسى بويلىرىنىڭ قەدىمكى مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىش ئاساسىدا قەدىمكى پارس مەدەنىيىتىنى بېيىتتى. پارس تىللىق خەلقلەر دۇنيادا ئەڭ دەسلەپ يېزىق قوللانغان خەلقلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئۇلار سومىرلار ئىجاد قىلغان مىخ يېزىقنى قوبۇل قىلغان ۋە ئۇنى بوغۇملۇق يېزىققا تەرەققىي قىلدۇرغان. ھەم ئۇنى كېيىنچە «پارس مىخ يېزىقى» نامىدا جاھانغا تونۇتقان. بۇ يېزىق ئوتتۇرا ئاسىيادىمۇ ھۆكۈمەت يېزىقى سۈپىتىدە قوللىنىلغان. كېيىنچە پارسلار بۇنىڭدىن ئىلغار بولغان ئارامىي يېزىقىنى قوبۇل قىلغان. ئاخمانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە مانا مۇشۇ ئارامى يېزىقى بىلەن پارس مىخ يېزىقى تەڭ قوللىنىلغان ئىدى.
ئاخمانىيلار دىنىي ئېتىقاد جەھەتتە دارا دەۋرىدىن باشلاپ زەردۇشت دىنىنى ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەرنىڭ ئېتىقادىغا ئايلاندۇرغان بولۇپ، ئاخمانىيلار سۇلالىسى مۇنقەرز بولغاندىن كېيىن بۇ دىن ئىران ئېگىزلىكىدىكى ئاساسلىق دىن بولۇپ قالغان.
ئاخمانيىلاردىن كېيىن باكتېرىيە ۋە پارفىيە خانلىقلىرى مەيدانغا كەلگەن. باكتېرىيە ئەينى دەۋردە «مىڭ شەھەرلىك دۆلەت» دېگەن نامدا مەشھۇر بولغان. بۇ دەۋردە پارفىيە تەۋەسىدە پەھلىۋىي يېزىقىنى كەڭ قوللانغان. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 2-ئەسىرلەردە سوغدى يېزىقى ئىجاد قىلىنغان. باكتېرىيىلىكلەرمۇ ئارامىي يېزىقى، سوغدى يېزىقى ۋە گىرىك يېزىقى بىلەن يەرلىك تىلنى خاتىرىلىگەن.
پارفىيە خانلىقى دەۋرىدىن باشلاپ پەھلەۋىي تىلى دەۋرى باشلىنىدۇ. پارفىيە خانلىقى دەۋرىنىڭ يادىكارلىقلىرىدىن بۈگۈنكى دەۋرگىچە يېتىپ كېلەلىگەنلىرى نىسبەتەن ئاز بولۇپ، پەقەت بىر قسىم مەڭگۈ تاشلار ۋە يەر خەتلىرىلا يېتىپ كەلگەن. ئەرەب ئىستىلاچىلىرى ئىران زېمىنىدا ساسانىيلار دەۋرىدىكى بارلىق يازما يادىكارلىقلارنى ۋەيران قىلىۋەتكەن. تارىخچىلارنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئەرەب قوشۇنى ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى شىراز شەھىرىگە كىرگەندە بۇ شەھەردىن زور مىقداردىكى پەھلەۋىي يادىكارلىقلىرىنى تاپقان. لەشكەر بېشى بۇ كىتابلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە يوليورۇق سورىغاندا، ئەرەب قوماندانى:« مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئانى كەرىمدىن باشقا كىتابلارغا ئېھتىياجى يوق. بارلىق كىتابلار دەرياغا تاشلانسۇن!» دەپ بۇيرۇق بەرگەن. ئەشۇ خىل ۋەيرانچىلىقلاردىن ئامان قالغان دىنىي، پەننىي، تارىخي ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ئاز بىر قىسمىلا بۈگۈنكىچە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، بۇلاردىن زورۇ ئاستىر مەزمۇنىدىكى «بەنداخىش» ناملىق دىنىي ئىجتىمائىي كىتاب، «دىنكارت» ناملىق زورۇ ئاستىردىنى قائىدە-يوسۇن كىتابى، ساسان خانلىقىنىڭ تارىخىغا ئائىت «ئەردەشىر باباكاننىڭ تەرجىمھالى» ناملىك كىتاب ۋە ساسانىيلار خانى خىسراۋ بىلەن ۋەزىرلىرىنىڭ سۇئال-جاۋابلىرى خاتىرىلەنگەن «خسراۋ ۋەزىرلىرىنىڭ سۇئال جاۋابلىرى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى تىلغا ئىلىش مۇمكىن. بۇلاردىن باشقا پەھلەۋىي تىلىدا مەيدانغا كەلگەن خەلق ئېغىز ئەدەبىيات نەمۇنىلىرى ۋە پەھلەۋىي تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان بىرقىسىم ئەسەرلەرمۇ بولغان. بۇلاردىن «مىڭ بىر كېچە» گە ئاساسلىق ماتېرىيال بولغان «ھەزار ئەپسانە»(مىڭ ئەپسانە)نىڭ ئەرەپ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىسى ساقلىنىپ قالغان. يەنە بۇ ھەقتە «شاھنامە»، «ئاسرىك دەرىخى» ۋە ھىندى سانسكرىت تىلىدىن تەرجىمە قىلىنغان «بەشنامە» قاتارلىقلارنى كۆرسىتىش مۇمكىن.
گۈللەنگەن ۋە بەش ئەسىرگە يېقن ھۆكۈم سۈرگەن پارفىيە سۇلالىسى مىلادىيە 224-يىلىغا كەلگەندە جەنۇبتىكى پارس تىللىق خەلقلەردىن بولغان ئەردەشىر تەرىپىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلانغان بولۇپ، مىلادىيە 224-يىلى تارىختا مەشھۇر بولغان ساسانىيلار سۇلالسى قۇرۇلغان. ساسانىيلارنڭ زېمىنى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ غەربىي جەنۇبىي ۋە ئافغانىستاندىن تارتىپ كافكاز، مىسسوپوتامىيە رايۇنلىرىغىچە سوزۇلغان. ئۇلار غەرب تەرەپتە رىم ئىمپېرىيىسى، كېيىنچە ۋىزانتىيە ئىمپېىرىيىسى بىلەن تۈگىمەس ئۇرۇشلارنى قىلغان بولسا، شەر*ق تەرەپتە بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىۋاستە ئەجدارلىردىن بولغان كۇشانلار، ئېفتالىتلار ۋە تۈ*ركلەر بىلەنمۇ شۇنداق ئۇرۇشلارنى قىلغان. ساسانىيلار سۇلالسى دەۋرىدە ئىران قۇللۇق تۈزۈمدىن تەدرىجىي ھالدا فىئوداللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويدى. كۆپ تەرەپلىمە مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇردى. بۇ ئېمىپېرىيە دەۋرىدە پارس مەدەنىيىتىنىڭ پارلاق يېڭى سەھىپىسى ئېچىلغان بولۇپ، ساسانىيلار ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئەنئەنە، سىمۋۇللۇق بەلگىلەر ۋە يوسۇنلار تاكى ئىسلام دەۋرىگىچە داۋاملاشقان.
ساسانيلار مائارىپقىمۇ ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن. زورۇئاستىر دىنى ساسانىيلارنڭ دۆلەت دىنى بولسىمۇ، خىرىستىيان دىنى، ۋە يەھۇدى دىنىمۇ تەڭلا مەۋجۇت بولغان. مانى دىنى مۇشۇ ئەلنىڭ مىسسوپوتامىيە تەۋەسىدە مەيدانغا كەلگەن. مانا مۇشۇ دەۋردە زورۇئاسىتىر دىنى، نىستۇرىئان دىنى، يەھۇدى دىنى ۋە مانى دىنى ئىراندىن شەر*ققە، ئوتتۇرا ئاسىياغا، ئافغانىستانغا، قۇرىغارغا، موڭغۇل ئېگىزلىكىگە، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تارقالغان. يەنە مۇشۇ دەۋردە سوغدى تىلى –يېزىقى، نىستۇرىئان يېزىقى، مانى يېزىقى قاتارلىق تىل-يېزىقلار شۇ دىنلار بىلەن تەڭ تارقالغان. (داۋامى بار...)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-12 23:10