دوستلىرىمغا
ئابلىپىز ئىدىرىس
قۇرۇق تارتىش تالاشتا،
ئىسراپ بولغان بەتلىرىم.
نازۇك دىلغا بىھۇدە،
ئازار قىلغان دەرتلىرىم.
ئېھ! دوستلىرىم، يارەنلەر،
كۆيۈشكەنلەر، جانانلەر.
سىلەر ئۈچۈن جان پىدا،
كويۇڭلاردا ، قەلەندەر.
كۆڭلۈم مېنىڭ پەرىشان،
خار بولماقتا ئەزىز جان.
يۈرەك باغرىم خۇنپارە،
ئاقار يېشىم بولۇپ قان.
جېنىڭلارغا جان بولۇپ،
ماغدۇرۇڭلار نان بولۇپ.
ئاقالىسام بىر ئۆمۈر،
تومۇرلاردا قان بولۇپ.
يەتكۈزدۈم كۆپ مالاللەر،
ياغدۇردۇم كۆپ ئەلەملەر.
دەپ تىلەيمەن بەزىدە،
ماڭا كەلسە ئەجەللەر.
كەتسەم تىزراق پانىيدىن،
ئۇرۇن ئالسام باقىيدىن.
قۇتۇلسامكەن مەڭگۈگە،
تاپا-تەنە ئانىيدىن.
ئويلاپ قالدىم شۇندا مەن،
تۈمەن ھەسرەت تەندە مەن.
يەتمەيدىكەن قۇربىتىم،
بىرقۇل ئاجىز بەندە مەن.
2013-يىلى 6-ئاينىڭ17-كۈنى
كەچ