ئىبراھىم نىياز
ساڭا قاراپ كۈلۈپ تۇرار يۈرىكىم
شېئىر يازدىم ساڭا قاراپ بۈگۈنمۇ ،
چاچلىرىڭغا خىيالىمدەك يۆگىشىپ .
دۇنيا دىگەن كۈلۈپ تۇرغان بىر قۇياش ،
ياشاپ كەلدىم نۇرلىرىڭغا ئەگىشىپ .
قۇياشمىدۇ كۈلۈپ تۇرغان كۆزلىرىڭ ،
ئوماققىنا نۇر ياغماقتا ھېلىھەم .
ئاشىق بولدۇم نۇرلىرىڭغا ئاشۇنداق ،
ئاشىق بولدى نۇرلىرىڭغا ھۈجەيرەم .
ئاناڭ سېنى تۇغقانمىدى ئەي ، گۈزەل !
قۇياش چاچقان نۇر - زىياغا بۆلىنىپ .
ئەگەر نۇردىن يارالغىنىڭ راست بولسا ،
سېنىڭ ئۈچۈن كېتەي نۇرغا ئايلىنىپ .
قۇياش دېگەن كۈلۈپ تۇرغان ھەقىقەت ،
قۇياش دېدىم كۆزلىرىڭنى پەرىشتەم .
شېئىر يازغۇم كېلەر ساڭا بىردىنلا ،
ئېشىپ ئاشۇ ھەقىقەتكە ئىشەنچەم .
ساڭا قاراپ كۈلۈپ تۇرار يۈرىكىم ،
ماڭا قاراپ سۆزلەپ تۇرار كۆزلىرىڭ .
ھېكمەت بولۇپ ئېقىپ كىرەر شۇررىدە ،
كۆزلىرىڭدە ماڭا قىلغان سۆزلىرىڭ .
ياشاپ كەلدىم ھوزۇرۇڭدا بەختلىك ،
سۆيگۈ دېگەن ئارغامچاڭدا باغلىنىپ .
سۈرگەن شېرىن خىيالىممۇ سېنىڭدۇر ،
سۆيدۈم سېنى ھەقىقەتكە ئايلىنىپ .
|