بەختىيار يۈسۈپ ۋاسىل 1973-يىلى ئالتاي شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1977-يىلى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە غۇلجا شەھىرىگە كۆچۈپ كەلگەن ۋە قويۇق ئىلىم-مەرىپەت مۇھىتى ئاستىدا ئۆسۈپ يىتىلگەن. 1991-يىلى ئەلا نەتىجە بىلەن «مەركىزى مىللەتلەر ئۈنۋىرسىتىتى»نىڭ تەييارلىق سىنىپىغا قوبۇل قىلىنغان . 1993-يىلى «شىئەن تاشيول قاتناش ئۈنۋىرسىتىتى»غا تەقسىم قىلىنىپ ، ئېقتىساد ئېلمى ئۆگەنگەن. 1997-يىلى مەكتەپ پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭ قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتىغا خىزمەتكە چۈشكەن . ئۇ ھازىر شۇ مەكتەپتە كەسپىي ئوقۇتقۇچى،دۇسسېىنىت بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
بەختىيار يۈسۈپ ۋاسىل 1995-يىلى«ئىلى دەرياسى »ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان«خورلانغان بىر كۈن»،«قول ئېلىشىش»ناملىق ئىككى پارچە ھېكايىسى بىلەن ئەدەبىيات سېپىغا كىرگەن. شۇندىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى گېزىت-ژورناللاردا پوۋىست، ھىكايە ۋە باشقا ژانىرلاردىكى ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان. ئاپتورنىڭ«دەز كەتكەن يۈرەك»، «ئايال ۋە تۇماق»ناملىق ئەسەرلىرى 9-نۆۋەتلىك ،15-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات موكاپاتى»غا نائىل بولغان .
.2003-يىلى«دەز كەتكەن»ناملىق پوۋىست-ھىكايىلەر توپلىمى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان،2013 –يىلى ئاپتۇرنىڭ«ئايال ۋە تۇماق» ۋە «نامسىز خەت»ناملىق ئككى پارچە كىتابى نەشىردىن چىقىش ئالدىدا تۇرىدۇ.ئۇنىڭ قىسمەن ھېكايىلىرى خەنزۇ ۋە قازاق تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان.
ئۇ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ ئەزاسى .