كۆرۈش: 1034|ئىنكاس: 0

مۇختار سوپى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
09C34814A33824ED44F2EEA84D9B54D31E125A4AE057F253E4B70808516417D77F5184D301CD81BB.jpg
مۇختار سوپى 1969-يىلى يېڭىسار ناھىيىسىدە تۇغۇلغان، 1975-يىلدىن 1980-يىلغىچە يېڭىسار ناھىيىلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپتە، 1980-يىلدىن 1985-يىلغىچە  يېڭىسار ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان؛ 1985-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكولتىتىغا  ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنىپ، 1990-يىلى 7-ئايدا پۈتتۈرگەن.
ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى يېڭىسار ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىلا باشلانغان بولۇپ، «ۋەتەن سۆيگۈسى» ناملىق شېئىرى 1984-يىلى «قومۇل ئەدەبىياتى»دا ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان «تارىم»، «تەڭرىتاغ»، «شىنجاڭ ياشلىرى»، «تۇرپان»، «كىروران»، «قەشقەر» قاتارلىق ژورناللاردا ۋە بېيجىڭدا چىقىدىغان «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» قاتارلىق خەنزۇچە مەتبۇئاتلاردا ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان. ھازىرغىچە«قۇم قىرغاق» (شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى نەشىرىياتى 2007-يىلى نەشىر قىلغان) ناملىق ھىكايىلەر توپلىمى، «سەن جاھاندا بىر تاللا گۈلۈم» (قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى 2009-يىلى نەشىر قىلغان) ناملىق شېئىرلار توپلىمى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى. ئۇنىڭ «ۋىسالسىز  مۇھەببەت» ناملىق شېئىرى 1992-يىلى «قەشقەر ئەدەبىياتى» ژورنىلى تەرىپىدىن، «يوقسۇل» ناملىق ھېكايىسى 1997-يىلى «كىروران» ژورنىلى تەرىپىدىن مۇكاپاتلانغان.
مۇختار سوپى 1993-يىلدىن تارتىپ شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. ھازىر ئۇ قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئىدارىسىدە ئىشلەۋاتىدۇ.


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش