يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1174|ئىنكاس: 0

قاھار نىياز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
IMG_1167.jpg    
    قاھار نىياز 1970- يىلى 3- ئايدا كۇچا ناھىيىسىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1988- يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتىنىڭ ئەدەبىيات فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىنغان. 1993- يىلى ئوقۇشىنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ، كۇچا ناھىيىلىك سەنئەت ئۆمىكىگە كەسپىي ئىجادىيەتچىلىككە تەقسىم قىلىنغان. 1997- يىلىدىن 2000-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى ئەدەبىيات فاكولتىتىغا «بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» كەسپى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتا ئوقىغان. 2000- يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىگە يۆتكىلىپ كېلىپ،  «تارىم» ژۇرنىلىدا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. ھازىر «شىنجاڭ سەنئىتى» ژۇرنىلى تەھرىراتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە.
   قاھار نىيازنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى 1985- يىلىدىن باشلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە ھەرقايسى گېزىت-ژۇرناللاردا 50 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە، نەسىر، ئىلمىي ماقالىلىرى ئاپتونوم رايۇنىمىزدىكى تۈرلۈك مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان. كۇچا سەنئەت ئۆمىكىدىكى ۋاقتىدا 40 پارچىدىن ئارتۇق سەھنە ئەسىرىنى سەھنىلەشتۈرگەن. «ئاي گۇۋاھ» ناملىق تېلۋېزىيە تىياتىرى فىلىم قىلىپ ئىشلىنىپ ياخشى تەسىر قوزغىغان. ئۇ ئىلگىرى - ئاخىرى بولۇپ «كۈسەندە نورۇز»،«سەنئەت يۇترىدا باھار»، «ئۈزۈلمەس تارىم»، «شىنجاڭ تېلۋېزىيە ئىستانسىنىڭ 2007- يىللىق قۇربان ھېيتلىق سەنئەت كېچىلىكى» قاتارلىق 10 غا يېقىن چوڭ تىپتىكى بەدىئى سەنئەت فىلىملىرىنىڭ سىنارىيىسىنى يازغان. قاھار نىياز يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىجاد قىلغان 20 پارچىغا يرقىن ئېتوت ئاپتونۇم رايۇنىمىزدىكى تۈرلۈك سەنئەت كېچىلىكلىرىدە ئوينىلىپ تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.بىر قىسىم ئەسەرلىرى«تارىمدىكى ئاي»، «زىمىننىڭ چۈشى» قاتارلىق كوللىكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن. يېقىندا ئۇنىڭ «كۇچادا ئۆتكەن تارىخى شەخسىلەر»، «ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان سەھنە ئەسەرلىرىدىن تاللانما» (باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ يازغان) ناملىق ئىككى كىتابى نەشر قىلىندى.
   قاھار نىياز 1992- يىلدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتونوم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق تىياتىرچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللاسى +300 يىغىش سەۋەبى
كىتاب + 300

باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش