يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 415|ئىنكاس: 2

مىڭ دوللار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مىڭ دوللار
ئوۋ.خېنرىي (ئامرىكا )
            ئابدۇقەييۇم سامساق پاكزات تەرجىمىسى
   « مىڭ دوللار ،» دېدى ئادوۋكات سوغوقلا . « پۇل مانا .» ئۇ رىچارد ۋورىنغا قىزىقمايتتى ، ھەم ئۇنى ياقتۇرمايتتى.
   رىچارد ۋورىن كۈلۈپ تۇرۇپ نىپىز قاتلانغا پۇلنى ئالدى.« ئاران مىڭ دوللار، قانداق خەجلەش كېرەك، ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنى قىينىدىغۇ. ئەلۋەتتە، مەن ئالىي مېھمانخانىدىن بىرىدە شاھزادىلاردەك بىر قانچە كۈن تۇرالايمەن؛ يەنە ئىش بىجىرىش ئورنۇمدىكى خىزمىتىمدىن ئىستىپا بېرىپ، ئۆزۈم خالىغان ئىشنى قىلالايمەن ــ رەسىم سىزالايمەن، بىر قانچە ھەپتە سىزساممۇ بولىدۇ. لېكىن ، ئۇنىڭدىن كېين قانداق قىلىمەن؟ ئىش بجىرىش ئورنىدىكى خىزمىتىمدىن ئىستىپا بەرسەم ، پۇلنىمۇ خەجلەپ تۈگەتسەم. ناۋادا بۇ پۇلنىڭ سوممىسى ئازراق بولسىدى، مەن بېرىپ ئۆزۈمگە بىر يېڭى چاپان ياكى رادىئو سېتىۋالسام. ياكى بولمىسا، دوسلىرىمنى بىر ۋاق غىزادا مىھمان قىلسام.ناۋادا پۇلنىڭ سوممىسى كۆپرەك بولسىدى، مەن خىزمىتىمدىن ئىستىپا بېرىپ، بېرىپ رەسىمىمنى سىزسام. ئەكسىچە بۇ پۇل ، بىر قارىسا شۇنداق جىق ، بىر قارىسا شۇنداق ئاز.»
   « سىز تاغىڭىزنىڭ ۋەسىيەتنامىسىنى ئاڭلىدىڭىز،» دېدى ئادۇۋكات،« ۋەسىيەتنامىدە ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن مال –مۈلۈكنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغرىسدا ئېنىق ئىزاھات بېرىلگەن. سىزگە شۇنى ئەسكەرتىشىم كېرەك : تاغىڭىز ئېيتقان، سىز پۇلنى خەجلەپ بولغاندىن كېيىن، چوقۇم ماڭا بىر يازمىچە دوكلات تاپشۇرۇپ، پۇلنى قانداق خەجلىگەنلىكىڭىزنى ئېنىق ئەسكەرتىشڭىز كېرەك. بۇ تاغىڭىزنىڭ ۋەسىيىتى، ۋەسىيەتنامىدا يېزىلغان،سىزنىڭ ئۇنىڭ ۋەسىيىتى بويىنچە ئىش قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.»
   « بولىدۇ. مەن شۇنداق قىلىمەن.» دەپ جاۋاپ بەردى ياش يىگىت.
   رىچارد ۋورىن ئىسىملىك بۇ ياش يىگىت ئەسكىمۇ، دۆتمۇ ئەمەس. ئۇنىڭ پەقەتلا ئىش بىجىرىش ئورنىدا ئىشلىگۈسى يوق. ئۇنىڭ ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغىنى رەسساملىق، رەسىمنىمۇ يامان ئەمەس سىزىدۇ، لېكىن رەسساملىققا تاينىپ پۇل يىغىپ بولالمايدۇ. پۇل يىغسىمۇ نېمە پايدىسى؟ قاچانلا بولسۇن، ئۇنىڭ باي  تاغىسى پۇل بەرسىلا ،ئۇ خەجلىۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تاغىسى ئۇنى دائىم :« ئۇ  بىر ئەخمەق، پۇلنى قانداق خەجلەشنى بىلمەيدۇ » دەيتتى.
رىچارد ۋورىن دوستى قېرى بىرىيسېننىڭ يېنىغا كەلدى ، ئۇ گېزىتنى تۇتقىنىچە ئۇخلاپ قالاي دېگەن ئىدى.
«مەن ھېلىلا تاغامنىڭكىدىن كەلدىم،» دېدى رىچارد،«تاغام ماڭا پەقەت مىڭ دوللارلا قالدۇرۇپتۇ، خەجلەپ بولغاندىن كېين ،يەنە ئادۇۋكاتقا پۇلنى قانداق خەجلىگەنلىكىمنى دېيىشىم كېرەك ئىكەن، بىر ئادەمدە ئازمۇ ئەمەس ، كۆپمۇ ئەمەس ،مىڭ دوللار بولغىنىدا ئۇنى قانداق ئىشلىتىش كېرەك ؟»
«مەن تېخى تاغاڭنى بىر باي كىشى، 500مىڭ ئامرىكا دوللىرى بار دەپ ئويلاپتىمەن. »
« ئۇنىڭدا بار ،» دېدى رىچارد،« لېكىن ئۇ ماڭا قالدۇرماپتۇ.ئۇ ھەر بىر مالىيىغا 100دوللار ۋە بىر دانە ئالتۇن ئۈزۈك ، ماڭا مىڭ دوللار قالدۇرۇپتۇ. مېنىڭچە ئۇ قېپقالغان پۇللىرىنى دوختۇرخانا ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئورۇنلارغا قالدۇرغان بولىشى مۇمكىن......    دەپ باقە، مىڭ دوللارغا نېمىلەرنى قىلىش مۇمكىن ؟»
« ئەجەبا ئۇنىڭ پۇلىنى بەرگۈدەك باشقا ئادەىمى يوقمۇ ، ئۇنىڭ باشقا ئۇرۇق –تۇققانلىرى يوقمۇ ؟»سورىدى بىرىيسېن.
رىچارد شۇ ھامانلا جاۋاپ بەرمىدى ،بىر ئازدىن كېيىن :« مارىي خەتتۇن ئىسىملىك بىرى بار ، ئۇ تاغامنىڭ بىر ئاغىينىسىنىڭ قىزى. ئۇ تاغامنىڭ ئۆيىدە تۇرىدۇ، باشقا خىزمەتكەرلارغا ئوخشاشلا، يۈز دوللار ۋە بىر تال ئالتۇن ئۈزۈككە ئېرىشتى. مەنمۇ يۈز دوللار بىلەن بىر دانە ئالتۇن ئۈزۈككە ئېرىشكەن بولسام ياخشى بولاتتى، دوسلىرىم بىلەن ئىشتاھا بىلەن بىر ۋاق غىزالىنىۋالسام ھەممە ئىش ئوڭۇشلۇق بولاتتى. بولدى ، ئەمدى مېنى ئەخمەق دەپ يۈرمىگىن، ماڭا ئېيتقىنا ، بىر ئادەمنىڭ مىڭ دوللار پۇلى بولسا قانداق خەجلىشى مۇمكىن ؟»
قېرى بىرېيسېن كۆزئەينكىنى ئېلىپ سۈرتۈشكە باشلىدى.
«مىڭ دوللار » دېدى ئۇ ، « كۆپ دېيىشكىمۇ ، ئاز دېيىشكىمۇ بولىدۇ.بىراۋ بۇ پۇلنى بىر ئۆي سېتىۋېلىشقا ئىشلىتىدۇ، بىراق كىچىك بىر ئۆي، لېكىن ئۇنىڭغا نىسبەتەن بىر تۇرالغۇ دە. يەنە بىراۋ بولسا  دوختۇردىن بىرنى تەكلىپ قىلىپ ئايالىنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىدۇ.  بۇ پۇل ھەم بىر ئەقىللىق بالىنىڭ بىر قانچە يىل ئۆيدىن بېرىپ كېلىپ ئوقۇشىغا يېتىدۇ. ئەگەر مونتېكارلودا بولسا ، بۇ پۇل سېكونىت ئىچىدىلا قىمماردا  ئۇتتۇرۇلۇپ تۈگەيدۇ. بۇ پوۇلغا چىرايلىق رەسىمدىن بىرنى سېتىۋالغىلى ياكى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ياقۇت كۆزلۈك ئۈزۈكتىن بىرنى سېتىۋالغىلى ، بىر پارچە ئانچە قېلىن بولمىغان كىتاپنىڭ نەشىر ھەققىنى تۆلىگىلىمۇ بولىدۇ.»
«مەن سېنى ماڭا دەرىس ئۆتكىلى ئەمەس، بەلكى سېنى مىڭ دوللارنى قانداق خەجلەشكە بىر يول كۆرسىتەرمىكىن دەپ چاقىرىتقان. ئەگەر سەن بولساڭ، قانداق قىلاتتىڭ ؟»
«سېنىڭ قىلالايدىغىنىڭ پەقەت بىرلا ، ئۇ بولسىمۇ بۇ پۇلنى كەمبەغلدىن بىرىگە ئىئانە قىلىۋېتىش. ئۇ چوقۇم بۇ پۇلنى ئورۇنلۇق يەرگە ئىشلىتىپ ، شۇنىڭدىن بەختكە  ئېرىشىدۇ. سەنمۇ بۇ ئىشتىن كېيىن ئۇنى ئۇنتۇپ ، ئەسلىدىكىنى تۇرمۇشۇڭ بويىنچە ياشاۋېرىسەن. »
رىچارد ۋورىن بىرېيسېننىڭ ئۆيىنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ ئويلاندى:« بۇ پۇلنى پۇل خەجلەشكە ماھىر بىرىگە بەرسەم ، ئۇ شۇنىڭدىن بەختكە چۈمۈلسە. مەن چىرايلىق بىر ئايالغا ياقۇت كۆزلۈك ئۈزۈكتىن بىرنى ئېلىپ بەرسەم. ئاۋۇ تىياتىرخانىدىكى كىلارا رايىن شۇنداق چىرايلىق ،لېكىن ئۇنىڭ تاقىۋالغىنى باھاسى نەچچە مىڭ دوللارلىق ياقۇت كۆز ئۈزۈك ، ئۇ ھەرگىزمۇ بىر تال مىڭ دوللارلىق ئۈزۈكتىن بەخىتكە ئېرىشمەيدۇ.مەن بۇ پۇلنى ئىش بېجىرىش ئورنىدىكىلەرگە بەرسەم بولىدۇ ، لېكىن مەن ئۇلاردىن پۇل بولغان ھامان نېمە قىلىدىغانلىقىنى  سورىغان، ئۇلار بىر قاۋاقخانا ئاچىدىغانلىقىنى ئېيتقان ،بۇ ھەرگىزمۇ پۇلنى ئورۇنلۇق خەجلىگەنلىك ھېساپلانمايدۇ. مەن پۇلنى مەيداندا تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان قارىغۇغا بەرسەم بولىدۇ،بىراق كىشىلەر ئۇنىڭغا ئاز بولمىغان پۇللارنى بەردى، ئۇنىڭ بانكىدا چوقۇم مىڭ دوللاردىن ئوشۇق ئامانەت پۇلى بار، ئۇ بۇ پۇلغا مۇھتاج ئەمەس. »
رىچارد ئاممىۋىي ئاپتۇبۇشتىن بىرىگە چىقتى دە ، ئىش بېجىرىش ئورنىغا قايتتى.
« ماڭا ئېيتىپ بېرىڭ،» سورىدى رىچارد،« تاغام مارىي خەتتۇن خانقىزغا يۈز دوللار ۋە بىر تال ئۈزۈكتىن بۆلەك يەنە باشقا بىر نەرسە قالدۇردىمۇ ؟»
« قالدۇرمىدى.» جاۋاپ بەردى ئادۇۋكات.
رىچارد تاغىسىنىڭ ئۆيىگە باردى ، خەتتۇن خانقىز تېخىچە شۇ يەردە ئىدى. ئۇ ئولتۇرۇپ خەت يېزىۋاتاتتى، رىچاردنىڭ كىرگىنىنى كۆرۈش بىلەنلا ، ئىش قەغىزىنى دۈم قىلۋەتتى ، تېخى قولىنى ئىش قەغەزنىڭ ئۈستىگە قويىۋالغانئىدى.
« مەن بايىلا تېخى ئادۇۋكاتنىڭ يېنىدىن كېلىشىم،»دېدى ئۇ خەتتۇن خانقىزغا،« ئۇ ماتىرياللارنى ۋاراقلىغاچ، ۋەسىيەتنامىدىن باشقا يەنە بىر قوشۇمچە بىر نەرسىنى بايقاپتۇ، ۋەسيەتنامىدىن كېيىن ئويلىنىپ تولۇقلىغىنىكەن. تاغام سىزگە مىڭ دوللار قالدۇرۇپتۇ. مانا پۇل. قېنى ساناپ بېقىڭ ، ساقمىكەن؟»
ئۇ پۇلنى شىرەنىڭ ئۈستىگە قويدى.
«ئوھوي !»دەپ ۋارقىرىۋەتتى ئۇ.
« مېنىڭ ئۈمىدىم.....» دېدى ئۇ ، « مېنىڭچە ......» ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرمىدى، ئەكسىچە قىزغا ــ ئۇنىڭ ئىللىق ھەم ئۇماق چېھرىگە ۋە يەنە بىر جۈپ مۇلايىم كۆزلىرىگە تىكىلدى.ئاندىن بۇ چىرايلىق، ھەقىقەتەنمۇ ھەشەمەتلىك ھۇجرىغا سەپسالدى.ئۇ ئىختىيارسىز ئۆزىنىڭ شەھەردىن يىراق ھەم كونا ئۆيىنى ئېسىگە ئالدى.ئۇنىڭغا توي تەكلىۋىنى قويۇشقا بولمايدۇ،ئۇ بەختكە ئېرىشەلمەيدۇ، ئۇ شۇ زامان كېتىپ قالدى.
رىچارد ئىش بېجىرىش ئورنىغا قايتىپ كېلىپ ، بىر ۋاراق قەغەزگە مۇنۇلارنى يازدى:« ھېچقانداق بىر كىشىنىڭ بۇ پۇلنى ئورۇنلۇق خەجلەپ ھەم ئۇنىڭدىن بەرختكە ئېرىشەلمەسلىكىنى ئويلىىشپ، رىچارد ۋورىن بۇ پۇلنى دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ھەم ئەڭ ئۇماق ئايالغا سوۋغا قىلدى.»
ئۇ ئادۇۋكاتنىڭ يېنىغا كىردى.
«مەن پۇلنى خەجلەپ بولدۇم،»دېدى ئۇ ،«مەن تېخى بىر تال باغاقچىگە پۇلنى قانداق خەلىگىنىمنى يازدىم .......  بۈگۈن ھاۋا نېمىدىگەن ياخشى ، شۇنداقمۇ ؟  نەقەدەر ئىللىق باھار ھە !»
ئدۇۋكات باغاقچىنى ئالمىدى، ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆيىدىن چىقتى. بىر ئازدىن كېيىن ، ئۇ چوڭ بىر ھۆججەتنى  كۆتۈرۈپ كىرىپ كەلدى.
ئۇ دەبدەبىلىك بىلەن :« ۋورىن ئەپەندى ، بۇ بولسا سىزنىڭ تاغىڭىز ماڭا قالغۇرغان ھۆججەت، ئۇ ماڭا تاپىلىغان، مۇبادا سىز مىڭ دوللارنى خەجلەپ بولۇپ ھەمدە يازمىچە دوكلاتتا پۇلنى قانداق خەجلىگىنىڭىزنى دوكلات قىلغاندىن كيېىن، ھۆججەتنى ئاندىن ئوقۇشۇمنى؛ ئەگەر پۇلنى خەجلىگىنىڭىزدىن سىزنىڭ پەم پاراسىتىڭىز ھەم سەخسىيەتسىزلىكىڭىز ئىپادە قىلسا ،ماڭا سىزگە يەنە 100مىڭ دوللار بېرىشىمنى. لېكىن ،ئەگەر سىز پۇلنى بۇزۇپ چاچقان بولسىڭىز، بۇ پۇلنى ئۇنىڭ ئاغىينىسىنىڭ قىزى مارىي خەتتۇنغا بېرىشىمنى ئېيتقان.مەن ھازىرلا سىزنىڭ نېمىلەرنى يازغانلىقىڭىزنى كۆرىمەن.»
ئادۇۋكات باغاقچىنى ئېلىش ئۈچۈن قولىنى ئۇزارتىۋېدى،لېكىن رىچاردنىڭ ھەركىتى ئۇنىڭدىنمۇ چاققان چىقتى، ئۇ باغاقچىنى يانچۇقىغا سېلىۋەتتى.
« بولدى ئوقۇماڭ ، مەن پۇلنىڭ كۆپ قىسمىنى بەيگە مەيدانىدا ئۇتتۇرۋەتتىم، ئېشىپ قالغان قىسمىنى يەپ –ئىچىپ تۈگەتتىم.» دېدى ئۇ.
«بەك ئەخمەقكەنسىز، ياش يىگىت، ھەقىقەتەنمۇ بەك  ئەخمەقكەنسىز!» دېدى ئادۇۋكات ئەپسۇسلانغان ھالدا.
« مەن ۋورىن ئەپەندى بىلەن كۆرۈشىمەن،» دېدى مارىي،« ئۇ مۇشۇ ئىش باشقارمىسىدا خىزمەت قىلىدۇ،ئۇنىڭغا بېرىدىغان بىر پارچە خەت بار ئىدى.»
رىچارد ئۇنىڭ ئىشخانىسىدىن چىقىۋاتقاندا مارىي خەتتۇن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئۇنى ساقلاۋاتقان ئىدى.
«رىچارد،» دېدى ئۇ،« سىز مېنى كۆرگىلى كەلگەندە، مەن سىزگە خەت يېزىۋاتقان. ھازىر مەن خەتنى يېزىپ بولدۇم، ئەڭ ياخشىسى كۆرۈو بېقىڭ.»

قەدىرلىك رىچارد:
        ھازىر تاغىڭىز ئالەمدىن ئۆتتى، مەن خىيالىمغا كەلگەننى ، نېمىنى خالىسام شۇنى قىلسام بولىدۇ. بىلىمەن ، سىز مېنى ئەمرىڭىزگە ئالماقچى، لېكىن توي تەكلىۋى قويۇشنى خالىمىدىڭىز،چۈنكى مېنى بىر نامراتنىڭ ئايالى بولۇپ قېلىشتىن قورقىدۇ دەپ ئويلىىدڭىز. قەدىرلىك رىچارد، مەن قورقمايمەن ــــ ئەگەر سىزمۇ  بىر سىزنى سۆيگەن نامرات ئايال بىلەن توي قىلىشتىن قورقمىسىڭىزلا. مەن بىلىمەن، سىز مېنى ياخشى كۆرىسىز.
          مارىي

« مەن ئاللىقاچان ئادۇۋكاتقا سىزنىڭ نېمە ئىش قىلغانلىقىڭىزنى ئېيتىپ بەردىم،» دېدى مارىي،« شۇڭا ، مەن يەنىلا ئاۋالقىدەكلا نامرات. يۈز دوللاردىن باشقا ،ھېچنېمەم يوق.»

مەنبە: «مىكرو ھېكايىلەردىن تاللانمىلار»دېگەن كىتاپتىن تەرجىمە قىلىندى.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-6-15 17:29:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن تەسىرلىك ھېكايە ئىكەن

ۋاقتى: 2013-6-16 00:43:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىماننىڭ ئەجرىگە تەشەككۈر! ھاياتقا باشقىچە بىر تۇيغۇ بىلەن نەزەر سالسىمۇ بولغۇدەك.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش