ياخشى چاغدا چىللاپسەن
ئابلىپىز ئىدىرىس
باھار كەلسە تەنلىرىم يايراپ-شوخلاپ كېتەتتى،
يارىم مېنى بېغىڭغا ياخشى چاغدا چىللاپسەن.
باھار دىگەن چىرايلىق گۈللەر پورەك ئاچقان چاغ،
سۆيۈشۈشكە ئەپلىك دەپ گۈل بېغىڭنى تاللاپسەن.
قوچاقىڭنى كەڭ ئېچىپ قاراپ تۇرغىن يولۇمغا،
تىلەپ تۇرغىن ئېسەنلىك سەپىرىمگە ئۇتۇقلۇق.
سېنى كۆرمەك ئارزۇيۇم شۇ سۆزۈڭگە تەلمۈرگەن،
يانلىرىڭغا بارارغا ئېتىم تەييار توقۇقلۇق.
پىشىپ مەيمۇ باغلىدى بېغىڭدىكى ئۆرۈكلەر،
تاللىغىنە شۇلاردىن مەندەك ئامراق يارىڭغا.
خۇشپۇراقلىق چېيىڭنى دەملەپ قويغىن يالپۇزۇم،
قۇيۇپ بەرگىن بارغاندا ئۇسۇزلۇقۇم قانارغا.
ئىسمىڭ بەكمۇ چىرايلىق ئاڭلىنىدۇ خاسىيەت،
نە خىسلەت بار ئۇنىڭدا ماڭا ئېيتىپ بەرگىنە.
تۈنلىرىمنى يۇرۇتقان ئاي يۈزۈڭنى توسمىغىن،
كۈلسەڭ گۈل-گۈل زىنىقىڭ ماڭا بېقىپ كۈلگىنە.
ياخشى چاغدا چىللاپسەن يارىم مېنى بېغىڭغا،
بەختىمىزگە جۆر بولۇپ بۇلبۇللىرىڭ سايرىسۇن.
بار خۇلقىڭنى چىقىرىپ مەپتۇن قىلغىن ئۆزۈڭگە،
قىيالماستىن يېنىڭدىن قايتىپ كەتكۈم كەلمىسۇن.
2013-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى