ھىجران
زۇلپىيە ئىسرائىلىۋا (سوۋىت ئىتپاقى)
-_ خەمىت ئالىمجاننىڭ يارقىن خاتىرىسىگە
بىر چاغلاردا بىر كونا خاتىرەمدە ساقلىنىپ قالغان يارقىن مىسرالار ئىدى .
كۈز ئاخشىمى ئىدى ،بۇلۇتلۇق ئاخشام ،
ئايدىن ھەم ئاقمايتى كۈمۈش كەبى نۇر ،
سۆلەتلىك تىرەكلەر سېپى خىيالچان ،
ساماغا سۇزۇشقان بېشىنى مەغرۇر .
ياپرىقى سارغايغان گۈللەر ،دەرەخلەر
كۈتتۈم تۇمانلار خىرە باققان چاغ.
ئامرىقىم ،سۆيگۈنۈم جۆنىدى جەڭگە ،
باغرىمغا ھىجراندىن ئۇيىدى بىر داغ .
مەن سۆيگەن دىلدارنىڭ سۆيگەن يۇرتى بار ،
ئەرىك ئۈچۈن ئىشىق دائىم ھىجرانغا رازى .
بۇ ھىجران مەڭگۈ ئەمەس ،ۋىسالى ھەم بار ،
قەھرىتان قىشلارنىڭ بولغاندەك يازى.
_ئۆزبىكچە« يۈزمۇ يۈز » قاتارلىق توپلامدىن تۇردى سامساق ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان«دۇنيا ئەدەبىياتى» 1988-يىل 3-سانىدىن ئېلىندى .