يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 570|ئىنكاس: 4

قەلىپ قانچە چوڭ بولسا، سەھنە شۇنچە كەڭ بولىدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
         قەلب قانچە چوڭ بولسا، سەھنە شۇنچە كەڭ بولىدۇ

                                 گۈزەلنۇر ھېيت تەرجىمىسى

دۇنيادا ئىككى ئىش بەكمۇ قىيىن، بىرسى باشقىلارنىڭ پۇلىنى ئۆز چۆنتىكىگە سېلىش، يەنە بىرسى ئۆز كۆز قارىشى ھەم ئىدىيەسىنى باشقىلارغا مەجبۇرى تېڭىش. بىزدە پۇل كەمچىل، ئەمەلىيەتتە كەم بولۇۋاتقىنى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش قارىشى، تەپەككۇر ئېڭىمىزدىكى جاھىل، قاتمال، مۇتەئەسسىپلىك نامراتلىقنىڭ مەنبەسى، ھەر قانداق ھەقىقەت ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، ھەر قانداق ئارتۇقچىلىق ۋاقىتلىق بولىدۇ. بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا مال-دۇنيا كەمچىل ئەمەس، كەمچىل بولۇۋاتقىنى ئۇنى بايقايدىغان قاراش! تونۇشنىڭ ئۆزگىرىشى، ماددىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، ئۆزگەرگىنى ماددىغا بولغان تونۇشى، تونۇش ئادەمنى ئۆزگەرتىدۇ، ئادەم بولسا رېئاللىقنى ئۆزگەرتىدۇ.
ئادەم ئۈچۈن ئەخلاق-پەزىلەت، ئىدىيە-كۆز قاراش ئىنتايىن مۇھىم .بالىلارنىڭ نامرات بولۇشى ئاتا-ئانىدىكى خاتالىق، چۈنكى ئاتا-ئانا بولغۇچى بالىلارنىڭ ئۆسۇپ يېتىلىش باسقۇچىدا ئۇلارغا توغرا بولغان قىممەت قارىشى، كىشىلىك قاراشنى كۆرستىپ بەرمىگەن. ئاتا-ئانىنىڭ تەپەككۇر قىلىش، تەربىيەلەش ئۇسۇلى بالىلارنىڭ كىشىلىك ھاياتىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى! ئاتا-ئانىدا قانداق ئېتىقاد بولسا، بالىلاردا شۇنداق قاراش بولىدۇ، ئاتا-ئانىنىڭ ھەرىكىتى قانداق بولسا، بالىلارنىڭ ئادىتى شۇنداق بولىدۇ.
ئاتا-ئانىنىڭ ئادىتى قانداق بولسا، بالىلارنىڭ خاراكتېرى شۇنداق بولىدۇ. ئاتا-ئانىنىڭ خاراكتېرى بالىلارنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ. ئاتا-ئانىنىڭ سۆز-ھەرىكىتى، ئىدىيە-قارىشى، بالىلارنىڭ خاراكتېرى تەپەككۇر، ئادىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. خاراكتېر كىشىلىك ھاياتقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ناچار بولغان ئادەتلەرنى ۋاقتىدا توسۇپ، تۈزەتمىسە، كىشلىك ھاياتنىڭ نىشانىنى ئۆزگەرتىدۇ. ئادەم ئادەتتە يېتىلىپ بولغان ئادىتىنى تەستە ئۆزگەرتىدۇ. ئۇزاق مۇددەت شەكىللەنگەن ئادەت، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىنى توسۇپ-چەكلەپ تۇرىدۇ. شۇڭا ئۆز كۆز قارىشىمىزنى ئۆزلۈكسىز يېڭىلاپ تۇرىشىمىز، ھەمدە كونا قاراشلارنى چۆرۈپ تاشلىشىمىز كېرەك. توغرا بولغان ئېتىقاد تەپەككۇرنى بەلگىلەيدۇ. ئىلغار بولغان تەپەككۇر روھى ھالەتنى بەلگىلەيدۇ. ياخشى بولغان، ئاكتىپ روھى ھالەت ھەرىكەتنى بەلگىلەيدۇ. پەقەت تونۇشنى ئۆزگەرتكەندىلا تەقدىر بىلەن كۈرەش قىلغىلى بولىدۇ. ئەگەر مەلۇم ئىشنى ئۆزگەرتىشكە ئامال بولمىسا، ئۆزىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ، ئەگەر باشقىلارنى قايىل قىلالمىسىڭىز ئۇنداق بولسا ئامال قىلىپ ئۆزىڭىزنى قايىل قىلىڭ، ئەگەر تاغدىن ئۆتكىلى بولمىسا تاغنى ئايلىنىپ ئۆتۈڭ. تەقدىر ئۈستىدىن غالىب كېلىش ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كۈچلۈك ئىرادىگە تايىنىش كېرەك. غەلىبە قازانغۇچىلارنىڭ غەلىبە قازىنىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب-ئۇلارنىڭ ئىقىدارى بىلەن مۇناسۋەتلىك بولماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ كۆز قارىشى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر.
ئىدىيە كۆز قارىشىڭىز قانچە ئىلغار بولسا، شۇنچە يىراققا يۈرۈش قىلالايسىز، ئالدىڭىزنى، يولىڭىزنى توسۇپ تۇرغىنى ئېگىز تاغ-دەريا بولماستىن، ئاياق ئاستىڭىزدىكى ئۇششاق قۇم زەررىچىلىرى خالاس! ئەگەر سىز دائىم بىر نەرسىگە ئېسلىۋالسىڭىز ۋە شۇ نەرسىگە ئېرىشىش كويىدا بولسىڭىز، نەتىجىدە ئېرىشىدىغىنىڭىز شۇ نەرسە بولىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭدىن ۋاز كەچسىڭىز، باشقا تاللاش پۇرسىتىگە ئېرىشىسىز. كونا قاراشقا قىيالمىسىڭىز، يېڭى قاراشلار بارلىققا كەلمەيدۇ. بۇ دۇنيادا ئىككى ئىشنى نەتىجىلىك قىلىش بەكمۇ قىيىن. بىرى باشقىلارنى ئۆزگەرتىش، يەنى بىرى ئۆزىنى ئوزگەرتىش؛ ئالدىنقىسىنى يەنى باشقىلارنىڭ  ئۆزگىرىشىنى  تەلەپ قىلىش ئىنتايىن ئازاپلىق ئىش، ئۆزىنى ئۆزگەرتىش ئىنتايىن كۆڭۈللۈك ئىشتۇر. باشقىلارنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك. تەقدىرنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، ئاۋۋال تونۇشنى ئۆزگەرتىش كېرەك. تونۇش بولغان ئادەت، يول، كۈنلەردە مەڭگۈ ئازاب بولمايدۇ. تەپەككۇرنى، ئادەتنى، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، نادان، ئەقىلگە سىغمايدىغان، خاتا قاراشلاردىن ۋاز كېچىش كېرەك.
قەلبىمىز قانچە چوڭ بولسا، كىشىلىك ھاياتىمىزدىكى سەھنە شۇنچە كەڭرى بولىدۇ. ھاياتىمىزدا قىلالمايدىغان ئىش يوق، پەقەت ئۇنى ئۇتۇقلۇق تاماملاشنى تەھلىل قىلىدىغان ئىدىيە يوق. بىز ئۆزگەرتكىلى بولىدىغان ھەممىنى ئۆزگەرتىشىمىز، ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغانلىرىغا ماسلىشىشىمىز كېرەك. سىز يول تاپالمىسىڭىز بۇ يولنىڭ يوقلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. سىز كېلەچەكتە نېمىگە ئېرىشىشنى ئويلاشتىن ئاۋۋال، ھازىر نېمىدىن ۋاز كېچىشنى بىلىشىڭىز كېرەك، بۈگۈنكى خىزمەتلەردىكى، تۇرمۇشتىكى خاتالىق، ئوڭۇشسىزلىقنىڭ ھەممىسى ۋاقىتلىق؛ قارا بۇلۇت قۇياشنى مەڭگۈ تۇسۇپ قالالمايدۇ. تەقدىرنىڭ سىزنى چوڭقۇر ھاڭغا تاشلىۋەتكەن ۋاقتى دەل سىزنىڭ كىشىلىك ھاياتتىكى بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىۋاتقان ئېسىل ۋاقتىڭىزدۇر، شۇڭا ھەربىر قەدەمنى پۇختا ئېلىشىڭىز كېرەك.
بىرەر ئىشنى قىلشنى خالىساق ھامان ئامال تېپىلىدۇ، ناۋادا بۇ ئىشنى قىلشىنى خالىمىساق سەۋەب تېپىلىدۇ! ئۇتۇق ئارتۇقچىلىقنىڭ نامايەندىسى، مەغلۇبىيەت بولسا يېتەرسىزلىكنىڭ يىغىندىسى، تۇرمۇشىمىزدا بەزى ئىشلارنى ياخشى كۆرسەك ئۇنىڭدىن ھوزۇر ئېلىشىمىز، ياخشى كۆرمىسەك ئۇنىڭدىن يىراق تۇرىشىمىز، يىراق تۇرالمىساق، ئۇنى ئۆزگەرتىشىمىز، ئۆزگەرتەلمىسەك ئۇنى قوبۇل قىلشىمىز كېرەك. باشقىلار قارىشىڭىزنى قوبۇل قىلمىسا ئۇلاردىن ئاغرىنماسلىقىڭىز كېرەك، ۋاقىت ئۇلارغا ھەممىنى چۈشەندۈرىدۇ، نەتىجە ئۇلارغا ھەممىنى ئىسپاتلاپ بىرىدۇ. رېئاللىقنى ئۆزگەرتىشكە ئامالسىز قالسىڭىز، تونۇشىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ. ئىشنى ئۆزگەرتىشكە چارە تېپىلمىسا، پوزىتسىيەنى ئۆزگەرتىش كېرەك. باشقىلارنىڭ تونۇشىنى ئۆزگەرتىشكە ئامال بولمىسا، ئۆزىمىزنىڭ قارىشىنى ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك، شامالنىڭ يۆلۈنىشىنى ئۆزگەرتكىلى بولمىسا، يەلكەننى ئۆزگەرتىشىمىز، ھاۋارايىنى ئۆزگەرتەلمىسەك، كەيپىياتىمىزنى تەڭشىشىمىز كېرەك.
رېئاللىقنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئۆزگىرىشىنى ئويلايدىكەنمىز ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك. ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتكەندىلا، رېئاللىق ئاندىن ئۆزگىرىدۇ. ئادەمنىڭ ئەڭ چوڭ دۇشمىنى باشقىلار بولماستىن ئەكسىچە دەل ئۆزىدۇر. ئادەم ئۆزى ئۈستىدىن غالىب كەلگەندىلا بارلىق قىيىنچىلىق ئۈستىدىن غالىب كېلەلەيدۇ.

<<پىسخىكا  ۋە ساغلاملىق>> ژۇرنىلىنىڭ 2010-يىللىق 7-ساندىن تەرجىمە  قىلىندى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   گۈزەلنۇر ھېيت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-12 21:11  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-6-13 10:14:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2013-6-13 16:06:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىمنىڭ ئەسىرى ئىكەنلىكىنىمۇ ئەسكەرتىپ قويۇڭ، تەرجىمە ئىشلىرىغا سىڭدۇرگەن ئەجرىڭىز مول مېۋە بەرگۈسى!

ۋاقتى: 2013-6-23 14:56:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام ھەدە ، تەرجىمە ئەسەرلىرىڭىزنى  ئىلان قىلدۇرمامسىز ؟

ۋاقتى: 2013-11-19 18:46:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقىقەتەن بىر كۆرۈپ چىقىشقا ئەرزىيدىغان ياخشى ماقالىكەن، ئەجرىڭىزگە رەھمەت

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش