تېنچ قويغۇم يوق
ئابلىپىز ئىدىرىس
تېنچ قويغىن دەيسەن ئەزىزىم،
سېنى پەقەت تېنچ قويغۇم يوق.
بۇ سۆزۈمدىن رەنجىدىڭ بەلكىم،
قويۇپ قويسام قىينار يالغۇزلۇق.
قوياي دەيمەن قورقىمەن ئەمما،
سېنى پەقەت يۈتتۈرۈپ قويغۇم يوق.
نىچۈن مەندىن رەنجىدى كۆڭلۈڭ،
سوراپ سەندىن بۇنى بىلگۈم يوق.
تاپىمەن دەيسەن ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ،
بۇنىڭغا ئەسلا ئىشەنچىممۇ يوق.
كەچۈر گۈلۈم، كەچۈرگىن مېنى،
سېنى پەقەت تېنچ قويغۇم يوق.
تېنچ دىگەن يالغۇزلۇق بولۇر
يالغۇزلۇقتىن ئارام تاپقان يوق.
ھەر ئويغا كېلىپ ھەر ئىشنى قىلۇر،
ھېلى قويغان ھېلى ئەستە يوق.
شۇنداق تۇرسا كۆڭۈل ئارامىڭ،
سېنى پەقەت تېنچ قويغۇم يوق.
نىمە ئىش قىلساڭ يېنىمدا قىلغىن،
شۇندا كۆڭلۈم تۇرار ئاندىن توق.
نەرسىلەرنى بۇزۇپمۇ چاققىن،
قاپاق تۈرۈپ رەنجىشىممۇ يوق.
ئاران تاپتىم بەختىمنى جېنىم.
سېنى پەقەت قولدىن بەرگۈم يوق.
2013-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى