مۇھەممەدئىمىن ئابلىز، گۇما ناھىيەسىنىڭ موكۇيلا يېزىسىدىن. 90-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىزنى ئۆز يۇرتىدا ئوقۇغان. 2008-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە بېيجىڭ لو خې ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇغان، ھازىر جياڭسۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېلىكتىرون ئۇچۇر قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتىدا ئوقىماقتا.
مۇھەممەدئىمىن ئابلىز 2011-يىلى 11-ئايدا «جۇڭگو مائارىپ گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «دېھقان دادام» ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەن، ئەسەرلىرى «شېئىرىيەت»،«مىللەتلەر ئەدەبىياتى»،«غەرب» قاتارلىق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان. «قايتىش» ناملىق شېئىرلار توپلىمى 2012-يىلى 2- ئايدا جۇڭگو تارىخ - مەدەنىيەت نەشرياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغان.
ئۇ ھازىر جوڭگۇ شېئىرىيەت ئىلمىي جەمئىيىتى ۋە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتنىڭ ئەزاسى.