ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلا ئەزىزىم
ئابلىپىز ئىدىرىس
بىرەلمەيمەن ساڭا تەسەللى،
يىغلىشىڭدىن توسمىسۇن ھېچكىم.
يامغۇر كەبى تۆكۈلسۇن دەردىڭ،
ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلا ئەزىزىم.
ئەگىپ يۈرەر يېنىڭدا ھىجران،
سېنى قىيناش مەقسىتى دائىم.
ئازاپ تارتىپ يۈرمىگىن بۇنداق،
ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلا ئەزىزىم.
ئاۋازىڭنى قويۇۋېتىپ ئەركىن،
ئىچ-ئىچىڭگە تىنما دىلبىرىم.
يۈرەك باغرىڭ بولمىسۇن يارا،
ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلا ئەزىزىم.
قانات قېقىپ خىيال قۇشلىرىڭ،
مەن تەرەپكە ئۇچىدۇ جېنىم.
ياستۇقۇڭغا قويۇپ بېشىڭنى،
ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلا ئەزىزىم.
كۈندە يۈرۈپ كىرپىكلىرىڭ نەم،
چۈشلىرىڭدە كۆرۈندۈم بەلكىم.
سېغىنىشتا ئۆتىسەن زار بوپ،
سېغىنغاندا يىغلا ئەزىزىم.
ئورنۇم يوق قەلب خانەڭدە،
دەپ ئويلىما ھەرگىز گۈزەلىم.
چىن پۈتمىسەڭ سۆزۈمگە ئەگەر،
يۈرىكىمدىن تىڭشا ئەزىزىم.
2013-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى