قەشقەرگە كاماندۇرۇپكىغا بېرىپ، كىچىكرەك بىر ئاشپۇزۇلغا كىرىپ قالدىم. مۇلازىمغا لەغمەن بۇيرۇتسام بىر دەمدىلا بىر تەخسە لەغمەننى ئالدىمغا ئەكەلدى. ئالدىمدىكى تاماق ئۈستىلىگە قارىسام ئاچچىقسۇ-لازا يوق ئىكەن. لەغمەنگە ئاچچىقسۇ-لازا سېلىپ يىيىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئادىتىم بولغانلىغى ئۈچۈن مۇلازىمغا -ئاچچىقسۇ-لازا بولسا ئەكىلىپ بىرىڭ- دىدىم .
ئۇ ئۈندىمەي قېشىمدىن كىتىپ قالدى. خېلى ساقلىغان بولساممۇ ئەكەلمىدى. مۇلازىمنى يەنە چاقىرىپ يەنە ئاچچىقسۇ-لازانىڭ گىپىنى قىلدىم. مۇلازىم گەپ قىلماي قېشىمدىن كىتىپ قالدى. لىكىن يەنىلا ئەكىلىپ بەرمىدى. ئالدىمدىكى بىر تەخسە لەغمەن سوۋۇپ،قېتىپ قالدى. ئاچچىغىم كىلىپ مۇلازىمغا ۋاقىرىدىم
-ھەي تاڭجاڭ قېنى مەن سورىغان ئاچچىقسۇ-لازا؟!....
پۇكەيدە ئولتۇرغان ئاشپۇزۇل خۇجايىنى ماڭا بىر قارىۋىتىپ ، مۇلازىمغا ئۈنلۈك ئاۋازدا.
-ھەي شاگىرت....! ... ماڭ جۇگۇ..... ما مىھمانغا ئۇدۇلىمىزدىكى راڭپىزىخانىدىن ئىككى كويلۇق لەڭپۇڭ ئەكىرىپ بەر!....- دىمەسمۇ...........
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تاشيولچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-10 12:33