ئىككى تەن
ئوكتاۋىيو پاز
يۈزمۇيۈز قارىشىپ تۇرغان ئىككى تەن
بەزەن چاغدا تۈن دېڭىزىنىڭ
ئىككى دولقۇنىغا قالىدۇ ئوخشاپ
يۈزمۇيۈز قارىشىپ تۇرغان ئىككى تەن
بەزەن چاغدا تۈن چۆلىدىكى
ئىككى تاشقا قالىدۇ ئوخشاپ
يۈزمۇيۈز قارىشىپ تۇرغان ئىككى تەن
بەزەن تۈندە چىرمىشىپ كەتكەن
ئىككى يىلتىزغا قالىدۇ ئوخشاپ
يۈزمۇيۈز قارىشىپ تۇرغان ئىككى تەن
بەزەن تۈندە چاققان چېقىندەك
ئىككى تىغقا قالىدۇ ئوخشاپ
يۈزمۇيۈز قارىشىپ تۇرغان ئىككى تەن
بەزەن كۆكتىن ئۈزۈلۈپ چۈشكەن
ئىككى يۇلتۇزغا قالىدۇ ئوخشاپ
|