يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 753|ئىنكاس: 5

رەھبەرلىك سەنئىتى ( فىليەتون)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
رەھبەرلىك سەنئىتى ( فىليەتون)
شاڭ يۈباۋ
ئابدۇقەييۇم سامساق پاكزات تەرجىمىسى

ئۈچ دېرىكتور ئۆز بۆلۈملىرىگە  قايتىپ يىغىننىڭ روھىنى يەتكۈزۈپتۇ.
ئا دېرىكتور ئۆز بۆلۈمىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، خىزمەتچىلىرىگە :« بۇ يىللىق كىرىم ئانچە ياخشى ئەمەس ، يېڭى يىلدا ھېچقانداق تەمىنات بېرىلمەيدۇ» دەپتۇ.
ھەممە خىزمەتچىلەر دېرىكتور ئالدىدا سالپىيىشىپ ئولتۇرغان بولسا ، كەينىدىن نارازى بولۇشۇپتۇ.
ب درىكتور بۆلۈمىگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن ، خىزمەتچىلىرىگە :« بۇ يىللىق كىرىم ئانچە ياخشى ئەمەس، يېڭى يىلدا ھېچقانداق تەمىنات بېرىلمەيدۇ. يۇقىرىدىن يەنە خادىم  قىسقارتىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى، مېنىڭ كۈچىشىم بىلەن ئاخىرىدا خادىم قىسقارتمايدىغان بولدى.»
خىزمەتچىلەرنىڭ يۈزلىرىدە خوشاللىق ھەم مىننەتدارلىق جىلمىيىپتۇ.
س دېرىكتور بۆلۈمگە قايتقاندىن كېيىن، خىزمەتچىلىرىگە:« بۇ يىللىق كىرىم ئانچە ياخشى بولمىدى، يېڭى يىلدا ھېقانداق تەمىنات بېرىلمەيدۇ، يۇقىرىدىن تېخى خادىم قىسقارتماقچى بولىۋاتىدۇ.» شۇنداق دەپ بولۇپلا ،  س دېرىكتور بېشىنى بۇراپلا چىقىپ كېتىپتۇ.
بارلىق خىزمەتچىلەر بىردىنلا خۇدۇكسىرەپتۇ ۋە شۇ كۈنى كەچ س دېرىكتورغا قىزىل بولاق سوۋغا قىلىشىپتۇ.
مەنبە: فىليەتۇنلار ئايلىق ژورنىلىدىن .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پاكزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-5 01:27  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-6-5 01:21:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلىق ۋاقتىمدا ئوقۇغان «گاۋ يۈباۋ» رومانىنىڭ ئاپتورى- گاۋ يۈباۋ شۇمىكىنە؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-6-5 01:26:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erchin يوللىغان ۋاقتى  2013-6-5 01:21
بالىلىق ۋاقتىمدا ئوقۇغان «گاۋ يۈباۋ» رومانىنىڭ ئاپتور ...

ئەمەس ،ئەمەس ،  ئىسمى خاتا يېزىلىپ قاپتۇ . ئەسلى گاۋ يۈ باۋ ئەمەس ، شاڭ يۈ باۋكەن، كۆز توت بولغان بىلەن چوڭ چاتاق چىقىپتۇ ئەمەسمۇ ، ئۆزگەرتىۋېتەي. ئەرچىنكا. كەچۈرۈڭ.

ۋاقتى: 2013-6-5 10:51:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئىسىل ئەسەركەن...

ۋاقتى: 2013-6-5 12:29:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېزىز مۇئەللىمنىڭ دېگىنى بويىچە  بىر  ئوقۇسام راستكەن، يالغىنى يوق

ۋاقتى: 2013-6-5 15:09:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرمۇشتىكى سەنئەتكارلارنىڭ ئوبرازى ئوبدان يورۇتۇلغان ئەسەر ئىكەن .


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش