كۆرۈش: 1044|ئىنكاس: 0

قۇربان ئابلىمىت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                                 70DSD)2N~CHXEKS9RS63W89.jpg
    قۇربان ئابلىمىت، 1974-يىلى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ يامانيار يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1993-يىلىغىچە باشلانغۇچ،تولۇقسىز ۋە يېڭىشەھەر ناھىيلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە، 1993-يىلىدىن 1995-يىلىغىچە قەشقەر پىداگوگىكا مەكتىپىنىڭ ئومۇمىي پەن سىنىپىدا ئوقۇغان.1996-يىل 7-ئايداج ك پ نىڭ ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىنغان.1998  -يىلىدىن 2000-يىلىغىچە ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈگىدىن ئۈگۈنۈپ، شىنجاڭ ئۇنۋىرىستىتىنىڭ جۇڭگو تىل-ئەدەبىيات مەخسۇس كۇرسنى،2010 -يىلدىن 2012-يىلغىچە شىنجاڭ ئۇنۋىرىستىتىنىڭ جۇڭگو تىل-ئەدەبىياتىنىڭ تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەن. ھازىر يېڭىشەھەر ناھىيە يامانيار يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە تىل-ئەدەبىيات دەرس ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
   قۇربان ئابلىمىت 1992-يىلى «قەشقەر ئەدەبىياتى»ژۇرنىلىنىڭ 6-سانىدا ئېلان قىلىنغان «تەنھالىق»، «قارچۇقۇمدىن تۆكۈلەر قۇياش» ناملىق ئىككى پەرچە شېئىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت سىپىگە كىرىپ كەلگەن بولۇپ، شۇنىڭدىن بۇيان ھازىرغىچە «تارىم».«تەڭرىتاغ»، «شىنجاڭ مەدەنىيتى»،«شىنجاڭ ياشلىرى»، «تۇرپان»، «قەشقەر ئەدەبىياتى»،«ئاقسۇ ئەدەبىياتى»،«شىنجاڭ گېزىتى»،«ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»،«شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى گېزىتى»... قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا 400 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، ئىككى باللادا، 30  پارچىدىن ئارتۇق نەسىر، 20 پارچىگە يېقىن ئىلمىي ۋە نەزەرىيىۋى ماقالىسى ئېلان قىلىنغان. «گۈزەللىك ناخشىسى ئېيتار ياپراقلار»، «سالام دۇنيا،ئانا تەبىئەت»، «قۇياشتىكى سەككىزىنجى رەڭ»، «ئۆزۈم ھەققىدىكى چۆچەكلەر»، «مەن ۋە سايەم»،  «سەرسان خاتىرىلەر»، «باللىقتىكى دۇنيا»، «ۋاقىت مېنى يېمەكتە»، «چوغنامە»...قاتارلىق ئەسەرلىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشىغا مۇيەسسەر بولغان. 1996-يىلى «قەشقەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا ئويۇشتۇرۇلغان «يۈرەك ناۋاسى» تېمىسىدىكى ناخشا تېكىستلىرى مۇسابىقىسىدە، 2000-يىلى ئويۇشتۇرغان «بىغۇبار دۇنيا » تېمىسىدىكى بالىلار ئەدەبىياتى بەدئىي ئەسەرلەر مۇسابىقىسىدە 3-دەرىجىگە ئېرىشكەن. تۆت پارچە شېئىرى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. ئۇ بۇ يىل «كۈزۈمدىكى كېچە» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى نەشىرگە تاپشۇردى. ئۇ ھازىر «باغدا ئوينايلى» ناملىق بالىلار شېئىرلىرى توپلىمى بىلەن « ۋاقىت مېنى يىمەكتە » ناملىق نەسىرلەر توپلىمى ئۈستىدە ئىشلەۋاتىدۇ.
   ئۇ 2013- يىل شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ ئەزاسى بولغان.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش