ئابدۇمىجىت ئىسىملىك بىر قانچە قەلەمكەش بالىلارنى تونۇيمەن. شۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاۋۋال «ساباھى» كېيىن «مۇڭلان» تەخەللۇسى بىلەن ئىجادىيەتلىرى دىققىتىمنى تارتقان بۇ دوستىمىزنىڭ بىر قانچە خىل ژانىردىكى سىناقلىرىنى كۆردۈم. ياشلارنىڭ ئىجادىيەتكە كىرىشىش باسقۇچىدا ئۆزىگە توغرا كىلىدىغان يەنى ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان ژانىرغا كىرىشىشى خۇددى ئېرىقتىكى سۇنى ئېتىزنىڭ توغرا بىر تەرىپىدىن ئېتىزغا باشلىغانغا ئوخشايدىكەن. ئەگەر سىز بۇ سۇنى ئېتىزنى توغرا جايىدىن باشلىيالمىسىڭىز بۇ ئېتىزنى بىر مەزگىلدىن كېيىن چۆنەك، چامما، قۇم بېسىپ قېلىشى مۇمكىن.
ئۈستىدە چوغلانبەگ ئاكام بىلەن غازىكام ئوبدان پىكىر قىپتۇ. مېنىڭمۇ پىكىرىم شۇنىڭغا مايىلراق. ئابدۇمىجىتنىڭ كېيىنكى ئىجادىيەت قەدەملىرىگە يەنىمۇ ئۇتۇقلار يار بولسۇن! ئۇنىڭغا سەمىمىي بىر قەلىب تىلەيمەن!
|