كۆرۈش: 5023|ئىنكاس: 65

ئايدىڭ ئاخشامدىكى مۇڭلان (33)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  43
يازما سانى: 274
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1676
تۆھپە : 9
توردا: 494
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-23

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 10:43:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



[ئاپتورنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى بايانلىرى] ھاياجىنىنى باسالمىغان لىرىكىلارنىڭ داۋامىغا قويۇپ قويۇلىدىغان ئۈچ تال چېكىتنى بەزىدە بىر پۈتۈن دۇنيادەكلا تەسەۋۋۇر قىلاتتىم. شۇ ئۈچ تال چېكىت ئىچىدىكى بىر پەيت  ئۆزۈمنىڭ 1989-يىلى 29- سېنتەبىر كۈنى يېزىدىكى بىر مېھرىبان شوپۇرنىڭ ئوغلى بولۇپ تۆرەلگىنىمنى بىلگىنىمدە زەرەپشان دەرياسى بويىدىكى ئەشۇ مەھەللىدە يۈزلىرىدىن توپا پۇرقۇپ تۇرىدىغان بارلىق بالىلارغا ئوخشاش بىلگىنىمنى قىلىپ يۈرگەنكەنمەن.  قاچان مەكتەپكە كىردىم، قاچان ئېلىپپە كىتابنى قولۇمغا ئالدىم، ئۇيغۇر يېزىقى كۆزۈمگە گۈل كۆرۈنىدىغان شېرىن كېسەلگە مۇپتىلا بولدۇم. بىر نېمىلەرنى ئوقۇيالىغۇدەك بولغان چېغىمدا ئاكىلىرىمنىڭ تىل-ئەدەبىيات دەرىسلىك كىتابىدىكى ھېكايە، شېئىرلارنى قايتا-قايتا ئوقۇۋېرىپ يادىمۇ بولۇپ كەتكەن ئىكەن. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە چىققىنىمدا تىل-ئەدەبىيات دەرىسلىكىدىكى تېكىسىتلەرنى يېنىش-يېنىش ئوقۇپ بولغاچ دەرىسلەرنى تەھلىل قىلىشىممۇ قىيىنغا چۈشمىدى.
دەرىستىكى تەھلىللىرىم مۇئەللىملەرگە ياراپ قالغان چېغى، مېنى بىر ئىككى قېتىم ماختاپ قويغانمۇ بولدى. كىچىك بالا دېگەن شۇنداق بولمامدۇ؟... شۇنىڭ بىلەن مەندە ئەدەبىيات ھۈجەيرىسى بار چغى دەپ ئويلاپ تىمىشلاپ بىر نېمىلەرنى يېزىپ باقتىم. ساددا ھېسلىرىم بىلەن يانجۇقۇمغا ئۈچ-تۆت تال قەلەمنى قىستۇرۇپ شەھەردىكى كىتابخانىغا كىرگىنىمدە يىغقان پۇللىرىمغا بىر نەچچە پارچە كىتاب سېتىۋېلىپ ئوقۇيدىغانمۇ بولدۇم. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىپ ئۇستازلارنىڭ يېتەكلىشىدە بىر مەھەل پەرۋىشلەندىم.2007-يىلى 1-ئايدا «قەشقەر گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «سەھرا ياشلىرى» دەپ ئات قويۇۋالغان تۆت كۇپېلىت شېئىرىمنىڭ ئېلان قىلىنىشى  بىلەن بۇ كوچىغا بېشىمنى تىققان بولدۇم...
قەشقەردىكى ئىنىستىتۇتنىڭ تىل ئەدەبىيات فاكولتىتىغا ئوقۇشقا بارغاندىن كىيىن ئۇستازلارنىڭ، قەدىمى ئاستانە يەكەندىكى ئۇستازىم ياسىنجان سادىق چوغلان باشچىلىقىدىكى ئەدىب ئاغىلىرىمنىڭ كۆيۈنىشىدە  نەسىر-ھېكايە ئىجادىيىتىگە تېخىمۇ بېرىلىشكە باشلىدىم. مەتبۇئاتلارنىڭ قوللىشىدا بىر قانچە پارچە نەسىرىممۇ ئېلان قىلىندى.
مەكتەپ پۈتتۈرۈپ  ئەل ئارىسىغا كىرىپ ھېس قىلدىمكى، ھەقىقى ھېكايە گۆرۈلدەپ كۆيۈپ تۇرغان مېھىر-مۇھەببەت ئىكەن...
يېزىپ باقتىم، باشقىلارغان يارىسۇن، يارىمىسۇن بىر نېمىلەرنى قىلىپ ئابدۇمىجىت قاھىر مۇڭلاننى ئىزلەپ باقتىم. بەلكىم بىر مەنزىللەردە ئابدۇمىجىت قاھىر مۇڭلان ئۆزىنى تېپىۋالا...


ئابدۇمىجىت قاھىر مۇڭلان نەسر ئىجادىيىتىدە ئىزچىللىقىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان ھەم تور ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان ياش ھەۋەسكار. بىز ئۇنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق، نەتىجە تىلەپ بىر قىسىم نەسىرلىرىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.

ــــ مەسئۇل مۇھەررىردىن



ئارمانىم

(نەسىرلەر)

(1)


قۇشلار كەلسە بولاتتى، ئۇلار ماڭا ناخشا ئېيتىپ بېرىپ ئازاپتىن پۇچىلانغان يۈرىكىمگە شادلىق بەخش ئەتسە، مېنى ھەممىنى قايتىدىن باشلاشقا ئۈندىسە بولاتتى...
ئۇلارنىڭ ناخشىسى شۇنچىلىك مەيۈس، شۇنچىلىك مىسكىن... لېكىن ئۇلارنىڭ ناخشىسىدا قەلىبنى لەرزىگە سالغۇچى، ئۆچكەن ئوتلارنى ياندۇرغۇچى مۇھەببەت بار، ئۇلارنىڭ ناخشىسىدا تىرىك بىر جاننىڭ ئاھۇ-زارى بار، ھەم شۇنداقلا ھاياتلىقنىڭ يارقىن مىلودىيىسى بار... ئۇلارنىڭ ناخشىسى بەئەينى بىر سۆيگۈ لىرىكىسى، ئۇلارنىڭ ناخشىسى ئاشىق ھەققىدە ئېيتىلغان قەسىدە، ھاياتلىق ھەققىدە ئېيتىلغان ھېكمەت، دېڭىزنىڭ تەكتىكگە توختىماي چۆكىۋاتقان غەۋغاس، جانغا ئارام سىم-سىم يامغۇر...
ئۇلار كەلسە بولاتتى...
ئۇلارنىڭ چۇرۇقلاشلىرى مېنىڭ تىنىچ كۆلدەك بۇرۇقتۇرۇم بولۇپ تۇرغان قەلبىمنى تىترەتسە، قاناتلىرى بىلەن يۈزلىرىمگە يەڭگىل ئۇرۇپ مېنى سەگىتىپ قويسا بولاتتى.
ئۇلار ئۇچالايدۇ، قونالايدۇ.
ئۇلار توپ بولۇپ خۇشال يۈرىشىدۇ... ئۇلارنىڭ ئەشۇ چاغدىكى ھالىتى ھەر قانداق بىر روھنى ئاشىقسىزلىقنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، يېڭىچە قىياپەتكە باشلايدۇ، روھلارنىڭ روھىغا يېڭىدىن ئوتلارنى تاشلىيالايدۇ... ئۇلار بەئەينى بىر كۈيچى... بەئەينى بىر سۆيگۈ ئەلچىسى...
ئەنە ئۇلارنىڭ تىۋىشى...
ئۇلار كەلسە بولاتتى، ئۇلار تېزراق كەلسە بولاتتى...


(2)


- يىگىتلەرمۇ يىغلامدۇ؟
مەن بۇ سۆزدىن بىزار!...
بۇ ئالىيجاناپلارنىڭ ـ كۆزىدىن ياش ئاققۇزغان ھەر قانداق بىر يىگىتتكە تىكىلىپ تۇرۇپ قويىدىغان تۇنجى ۋە ئاداققى سۇئالى.
ئۇلارغا شۇنى دېگۈم كېلىدۇ، ئۇلارغا شۇنداق خىتاب قىلغۇم كېلىدۇ:
يىگىتلەرمۇ، ئەركەكلەرمۇ يىغلايدىكەن. ئۇلار بىراۋنىڭ مۇسىبىتىدىن قايغۇرسا ئاشكارە يىغلايدىكەن. ئازاپلانسا، تۇمۇشنىڭ دىشۋارچىلىقلىرىدا چايقىلىپ قالسا پىنھاندا تۇرۇپ شەپىسىز يىغلايدىكەن. كۆزىدىن دەمسىز؟ ياق! يۈرىكىدىن ئۈن-تىنسىز، تىۋىشسىز ياش تۆكىدىكەن...
ئاڭلاڭلار خالايىق!
يىگىتلەرمۇ يىغلايدىكەن...



(3)


مەن ئۇنىڭ باغرىنى يېرىپ چىققىنىمدا ئۇ ئەمدىلا ئۇھ دېگەن تېنىنى ئاران كۆتۈرۈپ، ئەتىراپىمدا پايپېتەك بولۇپ ماڭا «ئېگىلدى»...
مەن ئۆمىلەپ مېڭىشقا باشلىغىنىمدا ئۇ يەنىلا ئەتىراپىمدىن پەرۋانىدەك ئەگىپ كېتەلمەي، ماڭا «ئېگىلدى»...
مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ ماڭدىم، ئۇ يەنىلا مېنى «تە-تە» ئېتىمەن دەپ ماڭا «ئېگىلدى»...
مەن قارىغاي قامىتىگە كىرگىنىمدە، قوللىرىمنى ئارقامغا تۇتۇپ مېڭىپ كەتكىنىمدە ئۇ يەنىلا ماڭا ئېگىلىۋاتقاندەك كۆرۈندى، يىللار تاغلىرى ئۇنى بېسىپ مۈكچەيتىپ يەنە ئەنە شۇنداق ئېگلدۈرۈپ تۇرۇپتۇ. مەن شۇئان ئۇنىڭ ئالدىغا يۈكۈنۈپ ئۇنىڭغا قارىدىم، ئالدىمدا چېھرىگە رەھىمسىز تەقدىر يول-قورۇقلارنى سىزىۋەتكەن، چاچلىرى كۈمۈش رەڭگىدە يالتىراپ تۇرغان پەرىشتە سۈپەت بىر موماي تۇرۇپتۇ...
ئويلىسام ئۇ پۈتكۈل ئۆمرىدە، قۇندۇزدەك قاپقارا چالىرىنى، سۈلكەت-جامالىنى ماڭا، پاقەت ماڭىلا ئىنئام قىپتۇ، ھەئە، ئۇ ھەممە نېمىسىنى ماڭا بېرىۋېتىپتۇ...
مەن ئۇنىڭ تارمۇش قوللىرىغا سۆيدۈم، ئۇ دۇنيادىكى بارچە مۇھەببەتنى يۇغلاپ پېشانەمگە ئاستاغىنا سۆيدى...


(4)


«سەن پەرھات، مەن شېرىن» دېگەن ئىدىڭ سەن يەلكەمگە بېشىڭنى قويۇپ شىۋىرلاپ تۇرۇپ. ئەشۇ گېپىڭنى يەنە ئاڭلىغۇم كەلگەندى، لېكىن سەن ئاللىقاچان ياتنىڭ بېغىغا گۇل بوپ كەتتىڭ...
سەندىن ئۆتۈنەي، ئۇ گەپنى ئوڭۇڭدا دېگىن، ھەرگىزمۇ چۈشۈڭدە ئىسمىمنى زىكرى قىپ سالما، چۈنكى مەن سېنىڭ بەختىڭنى ئۇلۇغ ئاللاھدىن تىلەۋاتىمەن...


(5)


ساختا ئەبەدىيلىكنىڭ ماڭا لازىمى يوق، ماڭا كېرىكى پەقەت دەقىق ئىچىدىكى ھەقىقى سۆيۈشتۇر!...





ئايدىڭ ئاخشامدا

(نەسىرلەر)

(1)


ئايدىڭ دالا ۋە يۇلتۇزلارنىڭ چاراقلاشلىرى سېنىڭ تاتلىق شىۋىرلاشلىرىڭنى ماڭا يەتكۈزۈپ، ماڭا ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرماقتا، مېنى دۇنيادىكى بارچە بەختنىڭ ئېرىشكۈچىسىگە ئايلاندۇرماقتا ئىدى. مەن خىيالى دۇنيانىڭ چاڭگىلىدىن قېچىپ قۇتۇلۇشقا ئامالسىز ئىدىم، خۇددى سەن مېنى سۆيۈشكە تەمشىلىۋاتقاندەك، خۇددى سەن ماڭا ئۆزۈڭنى ئاتىماقچى بولغاندەك، خۇددى سەن ماڭا ئاداققى تىنىقلىرىڭغىچە ھەمراھ بولماقچى بولغاندەك ئادەمنى بىھوش قىلغۇچى تۇيغۇدا تەۋرەنمەكتە ئىدىم. مەن قانچە قىلساممۇ تۇيغۇمنى رېئاللىققا بويسۇندۇرالمايۋاتاتتىم. خۇددى مەن سېنىڭ گۈزەللىك ئۇرغۇپ تۇرغان سىمايىڭ، زەر-نۇر تۆكۈلۈپ تۇرغان ۋىلىقلاپ كۈلۈشلىرىڭگە ئىگە بولۇش ئۈچۈنلا بۇ دۇنياغا تۆرەلگەندەك، خۇددى سەن مەن ئۈچۈنلا يارالغاندەك.....
مەن ئىسمىڭنى چاقىردىم، بەلكىم سەن ئاڭلىمىدىڭ...
مەن يەنە چاقىردىم....
يىراقتىن ئەكس سادالار ئاڭلاندى، بۇ سېنىڭ ئىسمىڭ ئىدى..
ماھىرە..... ماھىرە......


(2)


مۇھەببەت بىر-بىرىگە بولغان ئەقىدە، ئىشەنچ، چىن ھېسياتتىن تۇغۇلىدىكەن. مەن ساڭا شەكىللەنگەن چىن ھېسياتىمنىڭ تۈرتكىسىدە ساڭا ئىشەنچ باغلىدىم، شۇنداقلا ساڭا ئەقىدە قىلماق بولدۇم. بىلگىنكى سەن پەرۋايىڭغا ئىلىپ قويمايدىغان سەھرالىق يىگىتنىڭ كۆڭلىدە شۇنداق بىر مۇھەببەت ئوتى باركى، ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئوت سېنىڭ بىر ئۆمۈر ئۆزۈڭنى ۋە سۆيگۈڭنى ئىللىتىشىڭغا يېتىپ ئاشىدۇ......


(3)


ئۇ يىراقتىن نۇر-زىيالارنى ھەيدەپ چىقىپ كەلدى، كۆزۈمگە شۇنداق بىر نەرسە ئۇرۇندىكى، ئۇنىڭ تەسىرىدىن كۆزۈمنى ئېچىشقا ئامالسىز قالدىم، بەدەنلىرىرىم بوشىشىپ ئىللىق بىر تۇيغۇدا ھاياجانلىنىۋاتاتتىم، ھېسياتىم بىلەن سوقۇشۇپ كۆزلىرىمنى مىڭ تەسلىكتە ئاچتىم، كۆرگىنىم سېنىڭ سۈرئىتىڭ بولدى، سەن ماڭا تەلپۈنمەكتە ئىدىڭ، مەن ساڭا مۇھەببەت ئىلكىدە تىكىلمەكتە ئىدىم.....



روھ ئاۋازى

(نەسىر)  


مەن ئۆزۈمنى پاچاقلاپ تاشلىغان بەتبەختمەن. يۈرىكىمنىڭ ئازاپلىق نىدالىرىغا قۇلاق سالماستىن قومۇرۇپ ئېلىپ، كۆزلىرىمنىڭ مۆلدۈرلەپ، ئاچلىق دەستىدە، مۇھتاجلىق ئىلكىدە قاراپ تۇرغان قەلەندەردەك ھالىتىگە پەرۋامۇ قىلماستىن ئويۇپ تاشلىغان باغرى تاش ئەبلەخمەن.
تىكەنلەر سانچىلىپ رەپتارىنى يوقاتقان يۈرىكىم ماڭا قاراپ كۆز يېشى قىلماقتا، قۇم بارخانلىرى ئارىسىدا نورماللىقىنى يوقاتقان كۆزلىرىم قەيەرلەردىندۇر سۇ ئىزلىمەكتە ئىدى. تەكلىماكاننىڭ بالىياتقۇسىدا ۋاقىتىسىز قېرىپ كەتكەن توغراقلار مېنى قارغىماقتا، لالما ئىتلار جانسىز ئۇستىخنىمنى ئاچكۆزلەرچە غاجىلىماقتا ئىدى.
مەن ھەممىنى بىلدىم..........
قۇملۇقتىن تاراپ قوياش تامان چېچىلغان قان ئىزى، يۇلغۇنلارنىڭ كۆز قارىچۇقىدا قېتىپ قالغان بوۋاقلارنىڭ جەسىتى.... ئەنە قۇملۇق تۇغىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئاچچىق تولغىقىدىن تىترىگەن رەت-رەت تېرەكلەر، خۇش خەۋەر يەتكۈزگىلى ماڭغان مەدىكار تاز....
ھەممىسى ئۆلۈك....پەقەت مېنىڭ لالما ئىتلار ئاشۇرۇپ قويغان پارچە-پۇرات ئۇستىخانلىرىم قۇم بارخانلىرى ئارىسىغا سىڭىپ بارماقتا، كۆزلىرىم مەندىن ئۈمىدىنى ئۈزگىنىچە قۇم ئارىسىغا شۇڭغۇماقتا.......
ئالدىمغا ئۆتكۈر چىشلىرىنى پارقىرتىپ چىقىپ كەلگەن بۆرە، ياق ئۇ بىر بۆرە توپى.....
ئۇلار مېنىڭ ھالىمنى كۆرۈپ مەن بىلەن دوست بولۇشماقچى بولدى. بىر-ئىككى رومكىدىن ئىچىشتۇق. مەن ئۇنىڭغا تاماكا تۇتتۇم. ئۇ مېنىڭ تىتما-تالاڭ بولۇپ كەتكەن ئۆپكەمنى سويۇپ ئېلىپ پالاز قاققاندەك قېقىپ تاشلىدى........
ياق! ئاسماندىن يۇلتۇزلار توروكلاپ تۆكۈلمەكتە، بۆرىلەر قاچماقتا، مەن بىرقات تېرىسى سويۇۋېلىنغان زېمىنغا مەيدە يېقىپ يىغلىماقتىمەن....
قەيەرلەردىن بوۋاقلارنىڭ ئىڭراشلىرى، ساتارنىڭ يېقىملىق كۈيى ئاڭلانماقتا ئىدى.
تەكلىماكان ئۆزىنى ئاپتاپقا سېلىپ بەخۈدۈك ئۇخلاپ ياتاتتى.....




يىغلىما قوزام
  
(نەسىر)



سۆيگۈگە تەلپۈنگەن دىللار، ئازاپلىق كەچمىشلەر، ئىزتىراپلىق دەقىقىلەر، كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان پاجىئەلىك تەقدىر... ھەممىسى ھاياتلىق مۇساپىسىدە ئادەمنىڭ روھى دۇنياسىنى ئىگىلىگۈچى ھېسسى تۇيغۇ شۇنداقلا ئوبىكىتىپ رېئاللىق.
سۆيگۈ رېئاللىققا يۈزلەنگىنىدە رومانتىكىلىقىنى يوقىتىدۇ. ئۇ مەڭگۈ ئادەمنىڭ خىيالى دۇنياسىدا بولۇشى كېرەك.
مېنىڭچە بولغاندا سۆيگۈ ___ روھىيەت ئالىمىدىكى ھېسسى غىدىقلىنىشنىڭ تەسىرىدىن بۇرۇن پارتىلاش ئالدىدا تۇرغان ۋولقان.
سۆيگۈ ___ ھەر-بىر ئىنساننىڭ كەچمىش بېتىگە يازغان فانتازىيە تۈسى قويۇق بىر پارچە گۇڭگا شېئىرى...
سۆيگۈ ___ ئاخىرىغا يەتكىلى بولمايدىغان ئېزىتقۇ جاڭگال....
سۆيگۈ ___ ئەبەدىيلىك ئارىلى تامان پالاق ئۇرغان سال...
سۆيگۈ ___ جۇدالىقنىڭ ئەڭ نازۇك پەيتىدە يۈرەكلەردىن تۆكۈلگەن قانلىق ياش...
مەن ھەممىدىن مەھرۇم! ھەئە، مەن ھەممىدىن مەھرۇم ھالدا قاياققا مېڭىشىمنى بىلەلمەي گاھ چۆكۈپ، گاھ لەيلەپ يۈرگەن كىچىككىنە بىر قولۋاق... ئۈن-تىنسىز ياش تۆكىۋاتقان، ھاياتنىڭ يەڭگىل شىۋىرلاشلىرىغا، جۇدۇنلارنىڭ قاتتىق ھۇشقۇيتىشىغا پەرۋامۇ قىلماستىن ئېزىپ يۈرگەن كىچىككىنە بىر كېمە...
مەن ئۆزۈمگە تەسەللى بەرمەكچى بولىۋاتىمەن. سوغۇقتىن تىترىگەن قوللىرىم بىلەن ئۆز بېشىمنى سىيلاشلىرىم، ئۆز ئەكسىمنىڭ پېشانىسىگە سۆيۈشلىرىم ھەرگىزمۇ مېھرىبان ئانامنىڭ تارمۇشتەك، ئەمما بەكمۇ ئىللىق، ھارارەتلىق قوللىرى بىلەن پېشانەمنى سىيلىغىنىغا، كىشىگە قوياش تەپتى كېلىۋاتقان لەۋلىرى بىلەن پېشانەمگە سۆيۈپ قويۇشىغا ئوخشىمايدۇ. ئەنە، ئانام كەلمەكتە... ئۇ ماڭا تەسەللى بەرمەكتە... ئۇ پېشانەمگە سۆيۈپ تۇرۇپ «يىغلىما قوزام» دەپ ماڭا تەسەللى بەرمەكتە...





قار ئۈستىدە ئولتۇرغان قىز

(نەسىر)


سېنى گۈلۈم دەپ چاقىرغۇم، قار ئۈستىدە يېيىلىپ تۇرغان چاچلىرىڭنى قانغۇچە پۇرىغۇم، مەسۇم يۈرىكىڭنىڭ يەڭگىل سوقۇشلىرىنى، لەۋلىرىڭنىڭ شىۋىرلاشلىرىنى تىڭشىغۇم بار... لېكىن مەن سەندىن تولىمۇ يىراقتا... دېكابىر ئاخشىمىنىڭ مەلۇم بىر پەيتىدە مەن سېنى قانغۇچە خىيال قىلدىم، سەن بىر توپ سەبىئى بالىلار بىلەن قار ئۈستىدە دومىلاپ يۈرگۈدەكسەن، بالىلار سېنىڭ چېھرىڭدىن نۇرلارنى تېرىپ ئاپتۇ، سەنمۇ خۇددى شۇ بالىلارغا ئوخشاش مۇھەببەتتن گۈللەرنى تېرىپ ئاپسەن... ئۇلار سېنىڭ قوينۇڭغا سىڭىپ كەتكۈدەك، سەنمۇ ئۇلارنى مېھرىڭ بىلەن باغرىڭغا باسقۇدەكسەن....
ئاھ خۇدا ! ....
مۇشۇ تاپنىڭ ئۆزىدە مەن راستىنلا ئەشۇ بالىلارنىڭ ئورنىدا بولۇپ قېلىشىمنى تولىمۇ خىيال قىلىپ كەتتىم. چۈنكى شۇندىلا مەنمۇ سېنىڭ باغرىڭغا، مۇھەببەت تۆكۈلۈپ تۇرغان يۈرىكىڭگە تامامەن سىڭىپ كېتەلەيتىم... لېكىن مەن سەندىن ھەم ئۇلاردىن تولىمۇ يىراقتا....
مېنى كەچۈرگىن.... بۇ مېنىڭ ساڭا ھەم تۇنجى ھەم ئاداققى دېگەن سۆزم بولۇپ قالسۇن... ساڭا سۆيگۈ تەپتىدە بىر ئېغىزمۇ سۆزلەپ باقمىغان ئېغىزىم بۈگۈن ماڭا شۇنى ھېس قىلدۇردىكى مەن ساڭا پەقەت مۇشۇ گەپلەرنىلا دېمەكچى.... مېنى كەچۈرگىن...
ھەرگىزمۇ «نېمىشقا بۇنداق دەيسىز؟» دەپ سورىما....
چۈنكى مەن سېنىڭ قار ئۈستىدە ئولتۇرغان ھالىتىڭنى ھۆر - پەرىشتىلەرگە، دۇنيادىكى جىمى گۈزەللىكنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن قار مەلىكىگە ئوخشاتتىم... سېنى ئاخىرقى قېتىم ھەم تۇنجى قېتىم گۈلۈم دەپ چاقىرىشىمغا يول قويغىن...
مەن سېنى ئاداققى نەپسىمدە بولسىمۇ گۈلۈم دەپ چاقىرىۋالغان بولسام...





مەن ئۇنىڭ ئىچىدە

(نەسىر)


گۈللەر بىر پۈتۈن كەچمشىنىڭ تېنىدىن سۇغۇرۇپ چىقتى. مەن ئادەمگە دېكابىرنىڭ سوغۇقىنى ئەسلىتىدىغان رەھىمسىز يامغۇرنىڭ قوينىدىن ئىككى تال ئالمىنى ئاستاغىنا ئۈزىۋالدىم. خۇددى قاغجىراپ كەتكەن ئىرغاي دەرىخىنىڭ قوۋزاقلىرى چاراسلاپ يېرىلغاندەك، ھېسسىيات ئامبىرىغا پاتماي قالغان كىشىنىى يىرگەندۈرىدىغان بوغۇق ھاياجان تەنلەرنى قورۇپ بارغىنىدەك جىمى مەۋجۇداتنىڭ مەيۈس قەلبى تىنىمسىز رېئاللىقتىن يىراقلاپ كەتمەكتە....
مەن ھەممىنى چۈشەندىم. بۇ دۇنيانىڭ گۇڭگا كوچىلىرىدا ئەخمىقانىلارچە سوقۇۋاتقان يالغانچى يۈرەكلەردىن چېچىلىۋاتقان ئوت ئۇچقۇنى، ئۆزىنى كەچمىش تونىغا ئوراپ يوللاردا، بۇلۇتلارنىڭ كۆكسىدە ئاۋايلاپ كىشىلەر ئۆزىنى خۇددى يىراق پىلانىتلاردىن كەلگەن يوچۇن كىشىدەكلا ھېس قىلىشدۇ. ئۇلاردا ئۆز قەلبىگە پاناھ، ئۆز تېنىگە ھارارەت بەرگۈدەك يالقۇن نېمە قىلسۇن؟ ئۇلار پەقەت دۇنيانىڭ رەھىمسىز دىشۋارچىلىقىدا قاتىراپ ئۆز كۆڭلىنى ئەمىن تاپقۇزىشىدۇ....
مەن غالجىر تۈننىڭ قاراڭغۇلىقىدا چۈش قوينىدىن چىقالماي ئۇياق-بۇياققا پىترىماقتىمەن. چۈشلىرىمدىن شۇنداق بىر تۇيغۇلار ئەكىس ئېتىدۇكى، مەن ھامان ئۇنىڭ ئىچىدە، مەن ھامان ئۇنىڭ قات-قېتىدا .....

2011-يىلى 18- نويابىر (قەشقەر )



ئەسلەش

(نەسىر)


ئۇ ھەممىنى ئۇنتۇدى….
سۆيگۈنىڭ گىرۋەكلىرىگە ئەگەشكەن بۇژغۇن كەبى ئاجىز ئېقىنلارنى، خۇددى كۈزنىڭ سېرىق ئاپتاپلىرىدەك مەيۈسلۈكنى، تەنھالىقنى ئەسلىتىدىغان كەڭ كەتكەن دەرەخزارلىقنى، قوياشتىن بالقىپ چۈشكەن تەننى قورۇغۇچى سوغۇق نۇردەك، سېرىق خازانلارنى ئېقىتىپ بارغان كۈز سۇلىرىدەك غەمكىن سۆيۈشۈشنىڭ ئوتلۇق تەمىنى، لەۋلەر جۈپلەشكەندە تەنلەردىن كېلىدىغان كۆيدۈرگۈچ ھارارەتنى ئۇنتۇدى.
قۇشقاچلار ۋىچىرلىشىپ، بەرگىلىرى تۆكۈلگەن گۈللەر يىغلىشىپ ھاياتلىقنىڭ يەنىلا داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ تۇرىۋاتقان بۇ زېمىن خۇددى ماتەم مۇراسىمىدىكى ھازىداردەك مەيۈس، مىسكىن ھالدا يېشىنى تۆكمەكتە.

كۈز... ئۇ مەئىشەتنىڭ چاپقۇنلىرىدا قەددىنى تىك تۇتۇپ ئۆمرىنى داۋام قىلىۋېرىدۇ. كۈز... كىشىلەرگە يېگانىلىقنى يار قىلىدۇ. كۈز رەڭلىك ئەسلىمىلەر ئادەمنىڭ يۈرىكىنى تىلغايدۇ. قاتارلىشىپ تۇرغان چىنار دەرەخلىرىنىڭ قوۋزاقلىرىدىن ئادەملەر شۇنداق بىر ھەقىقەتنى تېرىۋالىدۇكى، ئۇ يىللارنىڭ رەھىمسىز قىستاشلىرىنى، شاماللارنىڭ رەھىمسىزلەرچە قىيناشلىرىنى بىلدۈرىدۇ.
سۆيۈشكەن لەۋلەرنىڭ ئىزى چۈشكەن سېرىق غازاڭلار، كۈز كېچىسىدىكى سوغۇق كارىۋات، تەنلىرى قورۇلغان يالىڭاچ ئايالنىڭ سۈرئىتى...   بۇلارنىڭ ھەممىسى كەچمىش، ھەئە بۇلار كۈز ئايلىرىدا يۈرەكلەرنى يىغلىتىپ بېرىۋاتقان سوغۇق ئەسلىمە.
مانا ئۇ ھەممىنى ئۇنتۇدى. كەچمىشلەرگە يېيىلغان قەترە-قەترە سۆيگۈ ئىزنالىرىنى ئۇنتۇدى.
كۈز... مەن دائىم ئۈن-تىنسىز ياش تۆكىدىغان كۈز...
كۈز... ئۇ كۈلىۋاتقان، ھەممىنى ئۇنتۇغان ھالدا قاقاقلاپ كۈلىۋاتقان كۈز...
ئۇ كۈز ئاخشىمدىكى رېئاللىقنىڭ قېلىن ئەدىيېلىغا ئورالغان قۇچاقلاشلارنى، كۈزنىڭ تېڭىرقاق چاغلىرىدىكى ئوتلۇق سۆيۈشۈشلەرنى ئۇنتۇدى. سۆيگۈمىزنى كۈلرەڭ ھاياتلىقنىڭ يالىڭاچ ئازابىغا باشلاپ قويۇپ، ئېچىرقىغان سۆيگۈ گۈلىمىزنى توزىتىۋەتتى...
ئۇ ئۇنتۇدى، ھەئە، ئۇ ھەممىنى ئۇنتۇدى...







ئانا مېنى باغرىڭغا باس


(نەسىر)


كىچىك چاغلىرىمدا دائىم پېشانەمنى سىيلاپ تۇرۇپ:
- سېنىڭ پېشانەڭ ئوڭ بالام، ئاللاھ ساڭا تۈگىمەس بايلىق، چەكسىز بەخت ئاتا قىلىدۇ – دەيتىڭ ئانا قوياشنىڭ ھارارىتىدەك مېھرىڭ، كىشىگە ئالەمچە مېھرىبانلىقنى ئەسلىتىدىغان كۆز نۇرۇڭ بىلەن.
- بەخت دېگەن نېمە ئانا ؟
- بالام بەخت سېنىڭ كېلەچىكىڭنى گۈللەرگە ئورايدىغان بىر گۈلزارلىق....
- ......
يىللار ئۆتتى ئانا، يىللار پېشانەڭگە قورۇقلارنى سىزدى، بەللىرىڭنى مۈكچەيتتى... مەنمۇ ئەشۇ چاغلاردىكى گۆدەك بالىدىن يېتىشكەن بىر يىگىتكە ئايلاندىم. جاپارلارغا قېتىلدىم، مۈشكۈللەردە يىقىلدىم، يەنە قايتىدىن ئورنۇمدىن تۇردۇم. يۈرىكىم پۈتۈنلەي مۇھەببەتكە ئىنتىلدى، مەن سەن دېگەن بەختنى دۇنيادىكى ماڭا ئەڭ يېقىن قىزدىن تاپماقچى بولدۇم....
قارا ئانا، ئوغلۇڭنىڭ ھالىغا قارا!...
قارا ئانا ئۇنىڭ سۆيگۈ يولىدىكى يېتىرقاشلىرىغا، قارا ئۇنىڭ ئوتلۇق مۇھەببەتكە تەلمۈرۈشلىرىگە....
....
ئانا مەن رېئاللىقنىڭ ھامان غەلبە قىلىدىغانلىقىغا ئىشەندىم. سۆيگۈنىڭ دەھشەتلىك بورانلىرىدىن ھېس قىلغانلىرىم مانا مۇشۇلاردىن ئىبارەت بولدى ئانا....
سەن مېنى «پېشانەڭ ئوڭ بالام، ساڭا ئاللاھ بەخت ئاتا قىلىدۇ» دېگەن ئىدىڭ، مانا قارا ئانا، يۈدۈپ يۈرگىنىم بىر توقام ئازاپتىن باشقا ھېچنىمە ئەمەس....
جېنىم ئانا، قەدىردانىم ئانا... مېنى باغرىڭغا باسساڭ، ماڭا كىچىكىمدىكى ئەشۇ گەپلەرنى يەنە  بىر قېتىم مۇھەببەت بىلەن بېشىمنى سىيلاپ تۇرۇپ دېگەن بولساڭ.....




قارنىڭ كۆكسىگە يېزىلغان خەتلەر

(نەسىر)


دېرىزە ئەينەكلىرىگە تىنىمسىز ئۇرۇلىۋاتقان سوغۇق قار خۇددى مېنىڭ يۈرىكىمگە يېغىۋاتقاندەك، خۇددى مېنىڭ ئەشۇ چاغلاردىكى رەھىمسىز كەچمىشلىرىمنى قەستەن يادىمغا سالماقچى بولغاندەك، خۇددى ماڭا يېڭى بىر باھارنى ئاتا قىلماقچىمۇ بولىۋاتقاندەك بىر خىل قورقۇنىچلۇق ھەم شېرىن تۇيغۇدا قار كۆمگەن كىچىككىنە مەستخۇش مەنزىرىگە قاراپ ئولتۇرۇپتىمەن. كېچىدىن بېرى مېنى قىيناپ كېلىۋاتقان قاپقاراڭغۇ چۈش قوينىدىن تۇيۇقسىز قېچىپ كەلگىنىمدە، تەبىئەتنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان ھاياجانلىق مىنۇتلىرى مېنى تەگسىز خىياللار قوينىغا ئاستا-ئاستا غەرق قىلماقتا... خۇددى ئاياللارنىڭ  نازۇك كۆكسىدەك كۆرۈنىدىغان ئاپئاق قار ماڭا تۇرمۇشنىڭ ئاخىرى يوق دىشۋارچىلىقلىرى ھەم سۆيگۈنىڭ ئەڭ يۈكسەك پەلىسىنى ئەسلەتمەكتە... ئېنىقكى بۇ مەندىكى ئازغۇن تۇيغۇ...
ياق، ئۇنداق بولماسلىقى كېرەك ئىدى، ئەشۇ ئاخشامدىكى سېنىڭ مېنى«يۈرىكىمنىڭ يارىسى، كۆزۈمنىڭ قارىسى» دېگىنىڭ ھېلىمۇ ئېسىمدە، ساڭا ئاللاھ نامىدىن قەسەم قىلىمەنكى راستىنلا سېنى سېغىنىۋاتىمەن، ھېلىقى كونا جايدىكى ياغاچ ئورۇندۇققا يۆلىنىپ قانچىلىغان رەھىمسىز قار كېچىسىنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزىۋەتكىنىمگە، بىر مېنىڭ ئاجىز يۈرىكىم، بىر ئاللاھ گۇۋاھ....
شۇكۈنلەردىن باشلاپلا سېنىڭ ئوتلۇق نەپەسلىرىڭ شاماللارنىڭ نازۇك قولى ئارقىلىق مېنىڭ ئەتىراپىدا ھىدلىماقتا، لېكىن سەن ھېچنىمىدىن خەۋەرسىز ھالدا سىرىتتىكى جېدەللەپ يېغىۋاتقان قارغا پەرۋامۇ قىلماستىن تاتلىق چۈشلەر ئىچىدە ھاياجانلىق مىنۇتلارنى ئۆتكۈزمەكتە ئىدىڭ...
سېنى سېغىنىۋاتىمەن، ئەگەر بۇ گېپىم يالغان بولسا ماڭا مىڭ بىر ئۆلۈم بولغاي...
قارا، كۆزلىرىڭنى يىرتىپ ئېچىپ بولسىمۇ قارىغىن، سىرىتتا قار يېغىۋاتىدۇ، ئۇ بىزگە قايتىدىن ھاياتلىق بەرمەكچى بولىۋاتىدۇ...
ئاڭلاۋاتامسەن؟ قارنىڭ يەڭگىل شىۋىرلاشلىرىنى، باغرى قانمايۋاتقان كائىناتقا «مەن كەلدىم» دەپ پىچىرلاشلىرىنى....
كۆرىۋاتامسەن؟ قارنىڭ خۇددى سۆيگۈدىن مەسىتخۇش بولغان ئاشىقتەك ھاياجانلىنىۋاتقىنىنى، پۈتۈن جاھاننى سوغۇق ئارىلاشقان ئوتلۇق مۇھەببەتكە چۈمكەۋاتقىنىنى....
سەن مېنى ئۇنۇتتۇڭ، ياق! سەن ھەممىنى ئۇنۇتتۇڭ، سەندە ئاشۇ تەلۋە ھېسياتتىن ئەسەرمۇ قالمىدى... لېكىن مەن يەنىلا دېرىزە تۈۋىدە ئاچچىق ئىسنى ئازاپلىرىمغا قوشۇپ سۈمۈرۈپ، سىرىتتكى مەۋجۇتلۇقتىن قانغۇچە ھوزۇرلىنىۋاتىمەن...
قارا... قار كۆمدى... قارا... قارلار دېرىزەمدىن مۇھەببەت بولۇپ ئېقىپ كىردى...

2011-يىلى 6-دېكابىر
سەھەرنىڭ قارغا چۈمكەنگەن مىنۇتلىرىدا




يۇرتۇمدىكى قار

(نەسىر)


چەكسىز ئۈمىد ۋە ئىشەنچكە تولغان قەدەملىرىم بىلەن مەھەللەمدىكى ئەشۇ چىغىر يولدا ئاياغ ئاستىمدا ماڭا مېھىرلىك ھەم نەشتەردەك كۆزلىرىنى تىكىپ تۇرغان قارلارنى دەسسەپ غىچىرلىتىپ كېتىپ بارىمەن، تۇيغۇمدا سەھرا، رېئاللىقىمدا قارغا چۈمكەلگەن ئاپئاق ھەم پاك بىر زېمىن....
بۇ يەردە مېنىڭ غۇبارسىز بالىلىق چاغلىرىم، رەھىمسىز سوغۇقلاردا تەمتىرەپ، مۆدۈرۈپ يۈرۈپ ئوقۇپ يۈرگەن ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىم ئۆتكەن...
بۇ يەردە... بۇ يەردە مېنىڭ مۇھەببەت قوينىغا ئاستاغىنا شۇڭغۇغان رومانتىك مىنۇتلىرىم، قىزلارنىڭ ئۆيىنىڭ ئۆگزىسىگە چالما تاشلاپ يۈرىيدىغان كەپسىز ياشلىقىم، توغىرىسىنى ئېيىتقاندا گۈلخان كەبى كۆيۈپ تۇرىدىغان ئاساۋ ئاتتەك چاغلىرىم ئۆتكەن...
بۇ يەردە مەن ھاياتلىق بەتلىرىمگە گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلارنى، مۇھەببەتنىڭ توومۇرلانى ئېرىتكۈچى ھېسسى تۇيغۇلىرىنى، ياشلىقىمنىڭ سەرسان ھەم مۇھەببەتلىك كەچمىشلىرىنى يازغان...
بۇ يەردە ساقىلىغا ئاق كىرگەن چاللارنىڭ قەلبىدىكى كىرسىز ھاياجانلارنى، رەھىمسىز يىللارنىڭ قىيناشلىرىدا تاۋلانغان، يىللار پېشانىسىگە قورۇقلارنى سىزغان گۈلگۈن چىراي مومايلارنىڭ ئاپئاق چاچلىرىدىكى پاك مېھىرنى كۆرگىلى بولىدۇ...
بۇ يەردە قۇشلارنىڭ سايراشلىرنى، توپاقلارنىڭ مۆرەشلىرىنى، ئېشەكلەرنىڭ ئەسەبىيلەرچە ھاڭراشلىرىنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ...
بۇ يەر مانا مۇشۇنداق سۆيۈملۈك، بۇ يەر مانا مۇشۇنداق ئۇلۇغ...
ھەممە ياق ئاپاق قارغا چۈمكەنگەن، خۇددى تويى بولىدىغان جۇۋاندەك ياسانغان ئېتىزلار، جانىۋارلار چالغان ئاتاكى كانىيىغا جۆر بولۇپ رەتلىك سەپكە تىزىلغان قېرى تېرەكلەر، يوللاردا قىيغىتىپ غەلۋە قىلىشپ يۈرگەن ئۇششاق بالىلار، قۇلاقچىسىنى قېقىشتۇرىۋاتقان پېشقەدەم ئوۋچى، ئېشىكىنى ئاياپ ئاستا كېتىپ بارغان دېھقان بوۋاي.....
ئەنە ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھاياتىنىڭ يېڭى بىر چۈمپەردىسىنى ئاچماق بولۇپ مىدىراپ يۈرۈشمەكتە، ئۇلار يېڭى بىر كەچمىشكە بەت ئاچماقتا، ئارزۇلىرىنىڭ يېڭى بىر مەۋسۇمدىكى ئەكسىنى خۇش كۈلكىلىرى بىلەن كۈتمەكتە... مەن « باغرىڭغا باس ئوغلۇڭنى يۇرتۇم » دېگىنىچە ئاپپاق قارغا كۆكسۈمنى ياقماقتىمەن....

2011-يىلى 31- دېكابىر
سەھرايى قىيامەت ــــ چارەك


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abdurexit eli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-4 10:57  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  66
يازما سانى: 727
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1988
تۆھپە : 3
توردا: 1481
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 10:55:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مۇڭلاننىڭ بىر ئىزىدا توختاپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن

ھايات ـ ھەربىر نەپەس ئۈچۈن ھېساپ بىرىشتۇر
ئالاقە مەنزىلى: 5951-7971-137
كوت-كوت نۇمۇرۇم: 1499827437

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  59
يازما سانى: 672
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2072
تۆھپە : 0
توردا: 497
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 11:00:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەسىرلەرنى ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم ئاپتۇرنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيىتىگە تېخىمۇ ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن..

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  343
يازما سانى: 535
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1610
تۆھپە : 2
توردا: 337
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 11:06:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇمىجىتنىڭ نەسىرلىرى ،لىرىكا كۈچلۇك،ئوبرازى يارقىن،تۇيغۇدىكى سەكرەتمە ئىزچىللىقا ئىگە ئىكەن،
   يىگىتلەر نىڭ كۆزيېشى شۇنداق پىنھان بولسۇن ئىنىم! يىگىتلەردىكى كۈچ -قۇدرەت،ئاجايىباتلارغا تولغان سېھىر-كارامەت ئەشۇ پىنھانلىق ئىچىدە  تويۇنۇپ  ماڭىدۇ،
     سىزگە بەركەتلەر يار بولسۇن ئىنىم!

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  228
يازما سانى: 1725
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 3969
تۆھپە : 3
توردا: 600
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-22

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 11:15:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

يامان كۆرمەڭ مېنى دوستلار ،ئىگەمنىڭ بىر قۇلىدۇرمەن ،
كىشى قەدرىمنى بىلمەيدۇ،ۋەتەننىڭ گۆھىرىدۇرمەن.

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  228
يازما سانى: 1725
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 3969
تۆھپە : 3
توردا: 600
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-22

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 11:15:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

يامان كۆرمەڭ مېنى دوستلار ،ئىگەمنىڭ بىر قۇلىدۇرمەن ،
كىشى قەدرىمنى بىلمەيدۇ،ۋەتەننىڭ گۆھىرىدۇرمەن.

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  262
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1407
تۆھپە : 0
توردا: 527
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-22

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 11:19:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنىمىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيىتىگە تېخىمۇ ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن. سىزگە بەركەتلەر يار بولسۇن ئىنىم!


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  130
يازما سانى: 522
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1209
تۆھپە : 0
توردا: 400
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-4-24

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 11:42:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مۇڭلاننىڭ شېئىرلىرىدىن كۆرە نەسىرلىرىگە باشتىن ئاخىر دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن. ئۇنىڭدا  خۇرۇچى شېئىردىن ئېلىنغان تىل بار. شۇڭا بۇ يولدا داۋاملىق ماڭسىكەن دەيمەن.
  نەسىر شېئىر يېزىشتىن قىيىن بىر ئىجادىيەت ژانېرى، ئۇنىڭدا ئىجادىيەتچى قانچىكى ئەتراپلىق بىلىم ۋە ئۇچۇر، كۈزىتىش ئىقتىدارىغا ئېگە بولسا شۇنچىكى ئۆزىدىن ئېتىلىپ چىقىپ كېتەلەيدۇ.

  ئىشلىرىڭ ئۇتۇقلۇق بولسۇن، ئېنىم!

قەلبىمدە بىر دېڭىز بار، مەڭگۈ قۇرىماس!
jallat ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  698
يازما سانى: 508
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 3470
تۆھپە : 0
توردا: 1691
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-8-14

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 12:34:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇڭلاننىڭ ئىجادىيەتلىرىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىڭ ئوزلىكسىزلىك قاسراق تاشلىشىنى ئۇمىد قىلىمەن .ئىجادىيتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن

زاماندىن قالغىنى پەقەت بىر سەنەم، سۆيگۈ ئىستەپ سۈيىمەن سۆيسەم . ياشاشنى مەنىسىز دېگەنلىرىڭدە، ﯲﻟﯜﻡ ﺋﯩﺴﺘﻪﭖ ...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  333
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 724
تۆھپە : 0
توردا: 100
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-22

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 12:39:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇڭلاننىڭ تونۇشتۇرۇلغىنىدىن شۇنداق سۆيۈندۈم، ئىشلىرىڭ ئۇتۇقلۇق بولغاي دوستۇم.

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 3401
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 15363
تۆھپە : 5
توردا: 806
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-21

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 12:57:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1503
يازما سانى: 587
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2031
تۆھپە : 5
توردا: 435
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-14

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 17:17:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىنداشلىرىمنىڭ ئىلھام-مەدەتلىرىگە رەھمەت...

ساختا ئەبەدىيلىكنىڭ ماڭا كېرىكى يوق، ماڭا كېرىكى دەقىق ئىچىدىكى ئوتلۇق سۆيۈشتۇر.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  201
يازما سانى: 319
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 848
تۆھپە : 5
توردا: 325
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-21

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 17:54:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«روھ ئاۋازى»ىڭنى يەنىمۇ قويىۋەت... مۇرادىڭ نېمە؟
روھنى پاك قىلغان ئادەم مۇرادىغا يەتكەي. («قۇرئان كەرىم»، ‹شەمس› سۈرىسى، 9-ئايەت)

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 460
تۆھپە : 0
توردا: 61
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 18:25:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qasimjanosman يوللىغان ۋاقتى  2013-6-4 11:42
مەن مۇڭلاننىڭ شېئىرلىرىدىن كۆرە نەسىرلىرىگە باشتىن ئ ...

غازى ئىنىم تولىمۇ مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىنكاس يىزىپتۇ،ھەۋەسكار ئۈچۈن ئۆزىگە ماس كىلىدىغان ژانېرنى تاللاش ھەممىدىن موھىم،ھىلى ئۇ،ھىلى بۇ ژانېردا يورغىلىسا بىر باشقا چىقماق تەس،مەنمۇ مۇڭلان ئىنىمغا نەسىر بەك ماس كىلىدۇ دەپ قارايمەن.(ئىلگىرىمۇ بىر نەچچە پارچە نەسىرىنى ئوقۇپ شۇنداق تۇيغۇغا كەلگەنىدىم) ئىنىمنىڭ باسقان قەدەملىرىگە مۇۋەپىقىيەت تىلەيمەن،تىخىمۇ تىرىشقىن!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  355
يازما سانى: 434
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1411
تۆھپە : 0
توردا: 218
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 18:33:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«روھ ئاۋازى»ىڭنى يەنىمۇ قويىۋەت... مۇرادىڭ نېمە؟
روھنى پاك قىلغان ئادەم مۇرادىغا يەتكەي. («قۇرئان كەرىم»، ‹شەمس› سۈرىسى، 9-ئايەت)

بۇ كەڭ دۇنيا مەن ئۇچۈن بولدى دەۋزەخ،
ياش گۇلۈمنى خازان قىلدى قانخور ئەبلەخ

                                  _ ل،مۇتەللىپ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش