يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1008|ئىنكاس: 5

ئىران تىللىرى ۋە پارس تىلى ھەققىدە قىسقىچە بايان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئىران تىللىرى ۋە پارس تىلى ھەققىدە قىسقىچە بايان
ئابدۇمىجىت مۇھەممەت
   پارس تىلى ھىندى ياۋرۇپا تىلى سىستېمىسى ھىندى ئىران تىل تۈ*ركۈمىنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، ئىران تىلى تۈ*ركۈمىدە سۆزلىشىدىغان ئادەملەرنىڭ سانى ھازىر 150-200مىليونغا يېتىدۇ.ئېتنوگرافىيە نۇقتىسىدىن قارىغاندا ھىندى ئىران تىل تۈ*ركۈمىگە كىرىدىغان تىللار 87 خىلدىن ئاشىدۇ. پارس(Persian)تىلىدا سۆزلىشىدىغانلار 53مىليون، پۇشتۇ(Pashto) تىلىدا 40 مىليون، كۇرد(Kurdish) تىلىدا 40 مىليون، لۇرستان(Lurish) تىلىدا 3.3مىليون، بەلىخ(Baluchi) تىلىدا 7 مىليون ئادەم سۆزلەيدۇ. ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك پارس تىلىنى ئورتاق تىل قىلىدۇ.
پروفېسسور پ.و سكجەرۋنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا،  پارس تىلى ئاتالغۇسى قەدىمكى ئىران تىلى تۈ*ركۈمىدىكى بارلىق تىللارنىڭ ئومۇمىي نامى بولۇپ، قەدىمكى ئىران تىلى مىلادىدىن بۇرۇنقى3000-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا مەركىزىي ئاسىيادىكى ھەرقايسى قەبىلىلەر ئىشلەتكەن تىلنى كۆرسىتىدۇ.پارس تىللىق خەلقلەر جۇڭگونىڭ غەربىدىكى زەرەپشان بويلىرىدىن غەربىي ياۋرۇپاغىچە بولغان كەڭرى زېمىنغا تارقالغان. قەدىمكى ئىران تىلى تارىختىن ئاۋۋالقى ھىندى-ئارىئان تىل تۈ*ركۈمىدىن ئاپىرىدە بولغان بولۇپ، قەدىمكى ھىندى ئارىئان تىلىدىن نۇرغۇنلىغان ھىندى-ئىران تىللىرى پەيدا بولغان.  شۇڭا ھىندى- ئىران تىللىرىنىڭ يىغىندىسى «ھىندى ئىران تىل تۈ*ركۈمى» دەپ ئاتالسا، ئىران تىللىرىنىڭ يىغىندىسى«پارس تىلى» دەپ ئاتىلىدۇ. ھازىرقى ئىنگلىزتىلى ئىستېمالىدىكى دۆلەت ئاتالغۇسىنى بىلدۈرىدىغان «ئىران» دېگەن ئاتالغۇنى تۇنجى بولۇپ 1836-يىلى كىرىستىيان لەسسىن(Christian Lassen) ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، كېيىن يەنە بىرقىسىم غەرب ۋە ئىرانلىق فىلولوگلار قوللىنىشقا باشلىغان. ھەتتا 1878-يىلى بىرقسىم تەتقىقاتچىلار« ئىرانۇ-ئارىئان» دېگەن نامنىمۇ قوللانغان.يەنە بىر قسىم تەتقىقاتچىلار ئۆز ئەسەرلىرىدە « ھىندى ئارىئان» دېگەن ئۇقۇمنى ئىشلەتكەن. ئەمما يېقىنقى تەتقىقات ئەسەرلىرىدە ئاساسەن ئىرانىيەن (Eranian) يەنى «ئىران» دېگەن سۆز ئومۇملاشقان.  كېيىن ئىرانلىق تىلشۇناس ئەھمەد ھەسەن دانى(Ahmad Hasan Dani) «ئىرانو-ئارىئان»(Irano-Aryan) ئاتالغۇسىنى قىسقارتىپ «ئىران»دەپ قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلغان. پارس تىلى مۇتەخەسىسى، تىلشۇناس گىلبىرىت لەزارد(Gilbert Lazard) ئۆز ماقالىلىرىدە «Aryan» ئاتالغۇسىنى قوللانغان. گەرچە ھازىرمۇ مۇھەممەد جەفەر قاتارلىق ئاز بىر قىسىم تىلشۇناسلار ئارىئان نامىنى قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلىسمۇ، ئەمما ئىلىم ساھەسىدە ئاساسلىقى «ئىران» دېگەن سۆز ئومۇملاشقان.ئەمما ھازىرقى «ئىران»دېگەن سۆز ھەرگىزمۇ قەدىمكى زامان مەنىسىدىكى ئىران ئېگىزلىكىنى ياكى پۈتۈن پارس خەلقىنى كۆرسەتمەيدۇ.
ئىپتىدائىي ۋە قەدىمكى دەۋر ئىران  تىلى
باشقا ھىندى ئىران تىللىرى بىلەن بىر قاتاردىكى ئىران تىللىرى-ئورتاق ئەجدادى بولغان-ئىپتىدائىي ھىندى ئىران تىلىنىڭ راۋاجى بولۇپ، پۈتۈن ئىلىم ساھەسى «ئىپتىدائىي ھىندى ئىران تىلى- مەركىزىي ئاسىيادا شەكىللەنگەن» دەپ قارايدۇ.بۇ تىلنىڭ ئەسلى مەنبەسى ئاندىرنوۋ مەدەنىيىتى(Andronovo culture) بولۇپ، بۇ مەدەنىيەت مىلادىدىن بۇرۇنقى  2000-يىلى ئەتراپلىرىدا مەركىزىي ئاسىيادىن ھىندى-ئىران زېمىنلىرىغا ئومۇملاشقان. بۇ مەدەنىيەتنىڭ ئېنىق ئورنى مەركىزىي ئاسىيانىڭ غەربىي بۆلىكى بولغان ھازىرقى قازاقىستان زېمىنلىرىغا توغرا كېلىدىغان بولۇپ، روسىيەنىڭ جەنۇبىدىن كاۋكازنىڭ شىمالىغا سوزۇلغان بوز قىرلاردا بۇ تىلغا قېرىنداش باشقا ئېتنىك تىللارمۇ شەكىللەنگەن بولىشى مۇمكىن.ئىپتىدائىي ئىران تىلى- ئىپتىدائىي ھىندى-ئىران تىلى بۆلۈنگەندىن كېيىن شەكىللەنگەن بولۇپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 20-ئەسىرنىڭ(مىلادىدىن بۇرۇنقى 2000-يىلى)دەسلەپكى باسقۇچلىرىدا شەكىللىنىشكە باشلىغان. قەدىمكى ئىران تىللىرى قەبىلىلەر بويىچە پارچىلىنىپ ياۋرۇپانىڭ شەر*قىي جەنۇبىي، ئىران ئېگىزلىكى ۋە مەركىزىي ئاسىيادىكى نۇرغۇن قەبىلىلەرنىڭ تىلىغا ئايلانغان ۋە ئىران تىل ئائىلىسىگە كىرىدىغان نۇرغۇن تارماق تىللارنى شەكىللەندۈرگەن. «ئاۋىستا» دا زورۇ ئاستىر دىنىغا ئائىت بىر قسىم ئىلاھىي يازمىلار ساقلانغان بولۇپ، بۇ يازمىلاردا ساقلانغان تىل ئامىللىرى مەركىزىي ئىران تىل گوروپپىسىغا تەۋە بولۇپ، بۇلاردىن ئاساسەن ئىران تىللىرنىڭ غەربىي جەنۇبى ۋە شەر*قىي شىمال تىل تۈ*ركۈملىرى بولغان سوغدى ۋە ساك(Sakan language (Scythian)) تىللىرى تەرەققىي قىلىپ چىققان. ئانچە ئېنىق بولمىغان ئىران تىللىرى ئىچىدە قەدىمكى مېدىيە تىللىرى بولۇپ، بۇ تىللار مەركىزىي ۋە غەربىي ئىراندا قوللىنىلغان. ھەم مىلادىدىن بۇرۇنقى 700-يىلىدىن 559-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن مېدىيە دەۋرىدە(Median era) ھۆكۈمرانلار تىلى بولغان. ھىردوتۇسنىڭ يازمىلىرىدىكى بىر قسىم يەر ناملىرى ۋە ئادەم ئىسىملرىدىن باشقا، ئاخمانىيلار دەۋرىگە تەۋە بىر قسىم يازما ۋە تاش پۈتۈكلەردە پارس تىلىغا تەۋە بولمىغان بىر قسىم سۆزلەر ئىشلىتىلگەن، بۇلار قەدىمكى مېدىيە  تىلىنىڭ ئامىللىرى دەپ قارالماقتا. شۇڭا بىر قسىم ئالىملار ھازىرقى مەركىزىي ئىران ۋە غەربىي ئىراندىكى دىئالېكتلارنى قەدىمكى مېدىيە تىلىنىڭ قالدۇقلىرى دەپ قاراشماقتا. كېيىنچە كۇرد ۋە پارفىيە دۆلىتىنىڭ تىللىرىمۇ قەدىمكى پارس تىلىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قسىملىرىغا ئايلانغان.
ئوتتۇرا ئەسىر ئىران تىلى
   ئىران تىلشۇناسلىق تارىخىدا مەلۇم بولغان «ئوتتۇرا ئەسىر ئىران تىلى» مىلادىدىن بۇرۇنقى 4-ئەسىردىن باشلىنىپ 9-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملاشقان دەپ قارىلىدىغان بولۇپ، تىلشۇناسلىق ۋە تارىخشۇناسلىق نۇقتىسىدىن بىز بۇ دەۋر تىلىنى غەربىي ئىران تىلى تۈ*ركۈمى ۋە شەر*قىي ئىران تىلى تۈ*ركۈمى دەپ ئىككىگە بۆلىمىز.
غەربىي ئىران تىلى تۈ*ركۈمى پارفىيە(ئارساك پەھلەۋىچىسى) ۋە ئوتتۇرا ئەسىر پارس تىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، باكتېرىيە، سوغدىيانا، خارازىم، ساكىيە ۋە قەدىمكى سىزىيە-ساماتىيانلار شەر*قىي ئىران تىلى تۈ*ركۈمىگە كىرىدۇ. غەربىي ئىران تىلى تۈ*ركۈمىدىكى  ئىككى خىل تىل، تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ناھايىتى يېقىن بولۇپ، بۇلار شەر*قى ئىران تىل تۈ*ركۈمىدىن خىلى زور دەرىجىدە پەرقلەنگەن. ئەكسىچە شەر*قىي ئىران تىل تۈ*ركۈمىدىكى تىللار «ئاۋىستا» تىلىغا يېقىن ياكى يانداشقان بولۇپ، ئۇلار خىلمۇخىل ئارامى(Aramaic)ئېلىپبەلىك يېزىقلاردا يېزىلغان. ئوتتۇرا ئەسىر پارس تىلى (پەھلەۋى تىلى)بولسا ساسانىيلار سۇلالىسنىڭ ھۆكۈمرانلىق تىلى بولۇپ، بۇ  تىل مىلادى 3-ئەسىردىن 10-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە قوللىنىلغان. پەھلەۋى ۋە پارفىيە تىلى ئاساسەن مانى دىنىنىڭ تىل ۋە يېزىقى بولغان.
يېڭى ئىران تىللىرى
   ئەرەبلەرنىڭ ئىراننى ئستىلا قىلىشىغا ئەگىشىپ پارس ئىمپېرىيىسىگە قاراشلىق تىل ۋە دىئالېكتلاردا ناھايىتى مۇھىم بىرقىسىم ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن قەدىمكى پەھلەۋى تىلىدىن پەرقلىنىدىغان يېڭى پارس تىلى شەكىللەنگەن. ھەم «دارى پارس تىلى» نامىدا ئوردا تىلىغا ئايلانغان. «دارى» سۆزى« دەربار (دربار)» سۆزىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، «خانلىق ئوردا، خان جەمەت» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. نۇرغۇنلىغان شائىرلار، تەزكىرىچى تارىخچىلار ۋە ئەدەبىيات ھامىيلىرى بۇ تىلنى بېيىتقان ۋە گۈزەللەشتۈرگەن. مىلادى 875-يىلى سەفەرىيلەر خانلىقى تۇنجى بولۇپ بۇ يېڭى تىلنى رەسمىي ھاكىمىيەت تىلى سۈپىتىدە قوللىنىشقا باشلىغان بولۇپ، غەربىي ئىران دىئالېكتىكىسىنىڭ تەسىرىنى ئاساس قىلغان. قەدىمكى پارس تىلىنىڭ ئەكسىچە دارى تىلى شەر*قىي ئىران تىلى دىئالېكتىكىسىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان.  بۇ يېڭى دىئالېكت ئاساسىدىكى پارس تىلى ئاستا- ئاستا يېڭى پارس تىلىنىڭ ئۆلچىمى بولۇپ قالغان. ئابدۇللا ئىبىن ئەل مۇقەففا(8-ئەسىر) ۋە ئىبىن ئەل نەدىم (10-ئەسىر) قاتارلىق پارس ئالىملىرى دارى لەفزىنى خۇراساننىڭ شەر*قىي ئۆلكىلىرىگىچە كېڭەيتكەن. بۇ چاغلاردا پەھلەۋى ئاتالغۇسى داۋاملىق ئىسفاھان ۋە ئەزەربەيجاننىڭ ئارىلىقىدىكى غەربىي شىمال دىئالېكتىكىسىنى كۆرسىتىدىغان ئاتالغۇ سۈپىتىدە قوللىنىلغان. ھەم بۇ دىئالېكتلار ئۈچۈن «فارىسى»دەپ نام بېرىلگەن. بۇ دەۋر ئەدىبلىرى يەنە «غوزى» نامىدا ئاتالغان يەنە بىر خىل رەسمىي ھۆكۈمەت تىلى بولمىغان بىر خىل غوزىستان تىلىنىڭ غوزىستاننىڭ غەربىي ئۆلكىلىرىدە قوللىنىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. بۇ دەۋردە يەنە ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرىدە ئەرەب رەقىمى قوللىنىلغان بولۇپ، پارس، پۇشتۇ، بەلخ لەفزىلىرى ئاستا-ئاستا يېزىقتا ئەرەب يېزىقىنى قوبۇل قىلىپ،  ئۇنىڭغا بىر قسىم پارسلارغا خاس بولغان ھەرپلەرنى قوشقان. بۇ خىل ئۆزگىرىش تەخمىنەن 8-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، ئوتتۇرا ئەسىر كونا پەھلەۋى يېزىقى ئىشلىتىلىشتىن چۈشۈپ قېلىشقا باشلىغان.ئەرەب ئېلىپبەسى ئىران تىللىرىدا تاكى يېقىنقى دەۋرلەرگىچە قوللىنىلغان بولۇپ، تاجىكلار 1920-يىلى سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن لاتىن يېزىقىنى قوللانغان، 1930-يىلى سوۋېت ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سىلاۋىيان يېزىقى دەپ ئاتالغان كېرىلىك(Cyrillic) يېزىقىغا ئالماشتۇرۇلغان. بۇنىڭ بىلەن پارس تىلى سۆزلىنىدىغان قەدىمكى كەڭرى زېمىنلار بىر قانچە رايۇنلارغا بۆلىۋىتىلگەن. ھەم ئۇلار ئەتراپىدىكى يېڭى قوشنىلىرىنىڭ تەسىرلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئاستا-ئاستا مەلۇم پەرقلەرگە ئىگە بولۇشقا باشلىغان. غەربىي ئىران(غوزىستان) تىللىرى ئەرەب تىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىسا، مەركىزى ئاسىيادىكى پارس تىللىرى تۈ*ركىي تىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ۋە سوغدىيانا، باكتېرىيە تىللىرى تامامەن بۈگۈنكى تۈ*ركمەنىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان تىلى تەرىپىدىن ئاسمىلاتسىيە قىلىنغان. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ھازىرقى سەمەرقەنتنىڭ شەر*قىدىكى زەرەفشان جىلغىسىدا ناھايىتى ئاز بىر قىسىم سوغدىيانلار قىلىپ قالغان. كاۋكاز ۋە بۈگۈنكى شىنجاڭنىڭ جەنۇبى قىسمىدا ئاز بىر قسىم ساكلار(سارىقۇل)لار قىلىپ قالغان.پامىر ئېگىزلىكىدە شەر*قىي ئىران تىلىنىڭ بىر قسىمى بولغان تىل ساقلىنىپ قالغان.
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغىنىدەك، پارس تىلى قەدىمكى زامان پارس تىلى، ئوتتۇرا ئەسىر پارس تىلى ۋە يېڭى دەۋر پارس تىلى دەپ ئۈچ بۆلەككە بۆلىنىدىغان بولۇپ، قەدىمكى زامان پارس تىلى مىلادىدىن بۇرۇنقى 6-ئەسىردىن 4-ئەسىرگىچە بولغان ئاخمانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە قوللىنىلغان تىل بولۇپ، ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى پارس تىلى پەھلەۋى تىلى نامىدا ئاتالغان.ئوتتۇرا ئەسىر پارس تىلى بولسا مىلادى 3-ئەسىردىن 7-ئەسىرگىچە ھۆكۈم سۈرگەن ساسانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدىكى پارس تىلىنى كۆرسىتىدۇ.10-ئەسىردىن ھازىرقى دەۋرىمىزگىچە بولغان پارس تىلى يېڭى دەۋر پارس تىلى دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بۇ تىلدا 10-،11-ئەسىرلەردىن بۇيانقى ناھايىتى ئاز بىر قىسىم سۆزلەر، گرامماتىكىلىق ئىپادىلەشلەردىن باشقا بىرەر كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىشلەر بولمىغان. «قەدىمكى زامان پارس تىلى ئاساسلىقى ئىلاھىيەتشۇناسلىق ۋە دىنىي ئەقىدىلەر تىلى بولغان بولسا، ئوتتۇرا ئەسىر پارس تىلى شېئىرىيەت ۋە مىستىتسىزم تىلىغا ئايلاندى.13-ئەسىر موڭغۇل ئىستىلاسىدىن كېيىنكى يېڭى دەۋر پارس تىلى بولسا ئەجەم دۇنياسىنىڭ (غەيرىي ئەرەب دۇنياسى)نىڭ ھاكىمىيەت، مەدەنىيەت ۋە ئەدەبىيات تىلىغا ئايلاندى. قەدىمكى كونىستانتىنوپۇل(ئىستانبۇل) دىن بىنگالغىچە، مەركىزىي ئاسىيادىن جەنۇبىي ھىندىستانغىچە پارس تىلى نەچچە ئەسىرگىچە يۇقىرى مەدەنىيەت ۋە ئويغىنىش بەلبېغىنىڭ ئىپادىلىگۈچى تىلىغا ئايلاندى».[1][1][1]ئاخمانىيلار ئىمپېراتۇرلىقى دەۋرىدىكى قەدىمكى پارس تىلىدا نۇرغۇنلىغان تارىشا پۈتۈكلۈك يازمىلار ساقلانغان بولۇپ، بۇ يازمىلار ھىندى- ياۋرۇپا تىلى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان سانسىكرىت تىلى ۋە ئاۋىستا تىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.ئاخمانىيلار سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن بۇ تىل تەرەققىي قىلىپ پارس ئۆلكىلىرىدە پەھلەۋى تىلى نامىدا قوللىنىلىشقا باشلىغان. پەھلەۋى تىلى ساسانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئاساسلىق تىل بولۇپ بۇ يېزىقتا نەچچە يۈزلىگەن يازمىلار ساقلانغان.بۇ دەۋردىكى توپلانمىلار ئاساسەن ھېكايەت تۈسىدىكى دىنىي مەزمۇننى ئاساس قىلغان نەسىرىي ئەسەرلەر بولۇپ، فىردەۋسىينىڭ «شاھنامە»سى ئاساسلىق ماتېرىيالدۇر. پارس زېمىنىدىكى ئەرەب ئىستىلاسىدىن كېيىن ئەرەب تىلىدىكى بىلىملەر زۆرۈر مەنبەلەرگە ئايلاندى. بۇ دەۋردە ئەرەب تىلى يالغۇز يېڭى ھۆكۈمرانلىق سىنىپنىڭ تىلى بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە ئەرەبلەر تارقىتىۋاتقان ئسىلام دىنىنىڭمۇ تىلى ئىدى.
   گەرچە بۇ دەۋرلەردە پەھلەۋى تىلى كىشىلەرنىڭ شەخسى تۇرمۇش دائىرىسىدە قوللىنىلغان بولسىمۇ، ئەرەب تىلى بىر يېرىم ئەسىر ھۆكۈمرانلىق چەمبىرىكىنى مونوپۇل قىلىۋالغان ئىدى. ئەرەب ئىسلام مەركىزى ھاكىمىيەت كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا ئەگىشىپ پەھلەۋى تىلىنىڭ يېڭى شەكلى پەيدا بولدى.بۇ يېڭى تىلدا ئەرەب تىلى ۋە ئەرەبچە سۆزلەرنىڭ تەسىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئەسلىدىكى ھىندى-ياۋرۇپا تىل قۇرۇلمىسىدىكى گرامماتىكا تەسىرىگە ئۇچرىمىغان بولسىمۇ ئەمما تولىمۇ ئاددىيلىشىپ كەتكەن ئىدى. مانا بۇ بۈگۈنكى دەۋردە ئىشلىتىلىۋاتقان ھازىرقى زامان پارس تىلى ئىدى. ئەرەب تىلى بىر مەزگىل پارس ئۆلكىلىرىنىڭ ئىلىم تىلى سۈپىتىدە قوللىنىلىۋەردى. شۇ دەۋرنىڭ پىشىۋالىرىدىن ئەبۇ ئەلى ئىبىن سىنا، ئەل برۇنى، ئەل غەزەلى ۋە باشقىلار ئۆز ئىجادىيەتلىرىنى ئەرەب تىلى بىلەن ئېلىپ بارغان ئىدى. ئەرەب ئەدەبىياتىدىكى نۇرغۇنلىغان نامايەندىلەرمۇ ئەمەلىيەتتە پارس زېمىنىدا تۇغۇلغان كىشىلەر ئىدى. كېيىن ئەرەب تىلى دولقۇنىنىڭ پەسىيىشىگە ئەگىشىپ پارس تىلى تېزلىك بلەن تەرەققىي قىلىپ ئۇلۇغ ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ توشۇغۇچىسىغا ئايلاندى.ھەم پارس تىلىنىڭ تەسىرى ئەتراپتىكى قوشنا زېمىنلارغا تارقىلىشقا باشلىدى. ھىندىستاندا پارس تىلى ۋە پارس شېئىرىيىتى بىر مەھەل ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. كېيىنچە مۇغال ئىمپېراتۇر ئەكبەر پارس تىلىنى دۆلەت تىلى قىلىپ، خەلق ئارىسىغا كەڭرى تارقاتتى. نەتىجىدە پارس تىلى بىلەن ھىندى تىلىنىڭ كېسىشمىسى بولغان ئوردۇ تىلى ھاسىل بولدى. ئىراننىڭ غەربىي تەرىپىدە پارس تىلى تۈ*رك تىلى ۋە ئەدەبىياتىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، تۈ*رك نەزمىي ئەسەرلىرى پارس نەزمە ئۇسلۇبىنى ئاساس قىلاتتى.ئۇنىڭدىن شەكىل ۋە ئۇسلۇبلارنى قوبۇل قىلاتتى. نۇرغۇن سۆزلەرنى ئېلىپ ئۆز تىلىنى بېيىتقان ئىدى. پارس تىلىنىڭ تار دائىرىدىكى كۆزگە چېلىقارلىق نەتىجىسى- ئەدەبىي تىلغا ئايلىنالىغانلىقىدا بولدى. پارس تىللىق تۇنجى شائىر رۇداكىي ئىدى.  پارس ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيىتى شېئىرىيەت بولۇپ، تارىخ، جۇغراپىيە، پەلسەپە، دىن ۋە ئېستېتىكا، سىياسىي ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى شېئىرىي شەكىلدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان ئىدى.كلاسسىك پارس شېئىرىيىتى ئاساسەن ھۆكۈمرانلارنى ئۆزىگە ھامىي قىلغان بولۇپ، ئوردا شېئىرىيىتى ئاساس قىلىناتتى. كېيىنچە ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرى ئاستىدا سوفىستىك ئەدەبىيات روياپقا چىقىپ مىستىك شېئىرىيەتنى ھاسىل قىلدى. ھازىرقى پارس تىلى ئىراننىڭ دۆلەت تىلى بولۇپ، ئەزەربەيجان، كۇردىستان، لۇرىستان قاتارلىق كەڭرى جايلارنىڭ ئانا تىلى پارس تىلى بولمىسىمۇ لېكىن بۇ يەردىكى ھەر بىر كىشى پارس تىلىدا سۆزلىيەلەيدۇ. ئافغانىستاندا پارس تىلى دارى تىلى نامىدا ئاتىلىپ پۇشتۇ تىلى بىلەن بىر قاتاردا دۆلەت تىلى سۈپىتىدە قوللىنىلىدۇ. تەربىيە كۆرگەن ھەرقانداق بىر ئافغانىستانلىق ئاساسەن پارس تىلىدا سۆزلىيەلەيدۇ. پارس تىلى تاجىكىستاندا «تاجىك تىلى»دېگەن نامدا ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئېغىزتىلى ۋە ئەدەبىياتى ئوخشاش تىل قۇرۇلمىسىدىن پايدىلانسىمۇ ئەمما يېقىنقى دەۋرلەردە سوۋېت يېزىق ئىسلاھاتىنىڭ تەسىرىدە تاجىكلار سىلاۋىيان يېزىقىنى دۆلەت يېزىقى قىلىپ ئىشلەتكەن. بۇلاردىن باشقا يەنە پاكىستان، ئۆزبېكىستان، ھىندىستان ۋە مەملىكىتىمىزنىڭ تاشقورغان رايۇنىدا يەنە بىرقسىم تاجىكلار ياشايدىغان بولۇپ،  پارس تىلىنىڭ جۇڭگودا يەنى مەركىزىي ئاسىيانىڭ شىنجاڭ رايۇنىدا تارقىلىشى ئۇزاق تارىخىي ئەنئەگە ئىگە بولۇش بىلەنلا قالماستىن بەلكى يەنە كەڭ ئاممىۋىي ئاساسقىمۇ ئىگە.[2][2][2]  شىنجاڭنىڭ پامىر ئېگىزلىكىدىكى تاشقورغان تاجىك ئاپتونۇم ناھىيىسىدە ياشايدىغان تاجىك خەلقنىڭ تىلى بولغان «سەركوھى» تىلى (تاغ ئۈستى) دارى پارس تىلىنىڭ بىر تارمىقى ھېسابلىنىدۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-12 23:15  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2012-4-12 14:42:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالىڭىز «تاجىكام تاجىك تارىخ تور ى» دا جەۋھەر تىمىلار قاتارىدا.  mr--qq ئىسىملىك بىرسى يوللاپتىكەن.
ئۇ يەردە ماقالىڭىز بار ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىز ھەقىچان، بۇ ئۇ يەردىكى ئىنكاسلار.
سامانى تور بەت قۇرغۇچىسى)
فارىس-تاجىك تىلىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار ناھايىتى تەپسىيلى بىرىلىپتۇ، نۇرغۇن يىڭى ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولدۇق، تەشەككۈر!

ئەتىرگۈل:
جەۋھەر مەزمۇنلارنى ئوقۇپ ماھىيەتلىك مەزمۇنلارغا تەشنا دىللىرىمىز تولۇق سۇغۇرۇلدى......يوللىغۇچىىنىڭ مۇشۇنداق نادىر يازمىلارنى كۆچپىلىك ھوزۇرىغا سۇنغان ئەجرىگە تەشەككۇر!

زەرەپشات1:
ياركەنت(يەكەن)نىڭ قەدىمقى نامى ساكارائول بولۇپ، بۇنىڭدىن 3000-4000يىللار ئىلگىرىلا ساكارائولدا شەھەرلەر قورۇلغان، يەكەننىڭ ھازىرقى ساچى  دەپ  خەنزۇچە  ئاتىلىشى بىلەن قەدىمكى شۇ نامىنىڭ مۇئەييەن باغلىنىشى بار. چۈنكى يەكەن دېگەن نام بىلەن خەنزۇچە ساچى دېگەن نامنى سېلىشتۇرساق ھىچقانداق باغلىنىشنى بايقىغىلى بولمايدۇ. ساكارائول دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى ساكلار ئىلى دېگەنلىك بولۇپ، ساك ۋە سۇغدىلار قارا خانىلار سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇيغۇر قەبىلىلىرىگە قېتىلىپ كەتكەن.مەھمۇد قەشقىرىنىڭ تۈ*ركى تىللار دىۋانى ناملىق ئەسىرىدە ياركەنت نامى بىلەن خەرىتىگە ئېلىنغان. بۇ ماقالىدە ساك ۋە سۇغدى تىللىرىنى قەدىمكى ئىران تىلىدىن ئايرىلغانلىقى سۆزلىنىپتۇ. بۇ توغۇردا تېخىمۇ چۇڭقۇ تەتقىقات ئېلىپ بىرىش لايىقكەن،تىما ئىگىسىنىڭ بىزنى قىممەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئەتكىنىگە كۆپ رەھمەت..

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-4-12 23:17:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي، ئەڭ موھىمى ماۋۇ ماقالىنىڭ بەت ھالىتىنى ئۇيغۇچە ئىككى ياقىسى تەڭ ھالىتىدە تەھرىرلىيەلمەي ئىچىم بەك پۇشۇپ كەتتى. بەت ئۈستىدىكى قۇر يۆنىلىشىنى تەڭشەيدىغان يەرگىمۇ ئوڭ سول تەرىپدىنى تەكشى بەلگىلەيدىغان بەلگە بىرىلمەپتۇ. بولسا تەھرىرلەر بۇنىڭغا بىر قاراپ باقسا ياخشى بولاتتى.

ۋاقتى: 2012-4-15 12:56:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ھەقىقىي ئىلمىي قىممىتى بار ئەسەر ئىكەن. مانا، پارس تىلىنى ئاز-تولا بىلگىنىم بىلەن تارىخى توغرىلىق ئىزدىنىپمۇ باقماپتىمەن.  بۇ ئەجرىڭىزدىن جىق نەرسىلەرنى ئىگىلىدىم.
  يازغۇچىلار مۇنبىرىگە كىرگەندىن بۇيان، تۇنجى قېتىم ماڭا ياققان تېما بولدى!  

ۋاقتى: 2012-5-5 15:00:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنەۋۋەر تېمىلىرىڭىز بىلەن قەلب ئاسمانلىرىنى يورۇتتىڭىز. ئەجرىڭىزگە ئاپىرىن!!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-5 19:53:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازنىڭ قەلىب ئاسمىنى مەڭگۈ مىنىڭ پەرۋىش قىلىدىغان گۈلزارىمدۇر.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش