1
ئوت قالىساڭ ئوچاققا،
يۈرەك باغرىم كۆيىدۇ.
كۆيۈپ تۇرۇپ يەنىلا،
يارىم سېنى سۆيىدۇ.
باھار كەلدى كەلمەمسەن،
كۆڭلۈمنى بىر ئالمامسەن.
سېنىڭ ئۈچۈن ساقلىغان،
ياغلىقىمنى ئالمامسەن.
كۈتۈپ كەتتىم بەك ئۇزاق،
قىيناپ كەتتى دەرت پىراق.
مېنى بۇنداق زار قىلماي،
كېلەلمەمسەن پاتىراق.
بۈگۈن تۇمتاق قاراڭغۇ،
ئاي ئەجەپمۇ چىقماپتۇ.
كېلىپ قالغان ئوخشايدۇ،
ئون بەش كۈنلۈك قاراڭغۇ.
چۆچۈپ كەتتىم ئويغىنىپ،
سەن چۈشۈمدىن يۈتكەچكە.
چىرىلدايدۇ توختىماي،
بىر توپ قارا چىكەتكە.
بولۇپ قالدىم خىيالچان،
خىيالىمنى سەن ئالغان.
سۆيدۈم دىگەن سۆزلىرىڭ،
چىقىپ قالدىغۇ يالغان.
باغقا كىرسەم ئېچىلىپ،
كېتىپتىغۇ قىزىل گۈل.
مېنىڭ سۆيگەن يارىمنىڭ،
ئاتى ئىدى لەيلىگۈل.
ئېرىقلاردا سۇ ئاقار،
سۇدا ئوينار بالىلار.
زەپمۇ ئۇزاق بىلىندى،
يارسىز ئۆتكەن بۇ ئايلار.
ئەتە باراي دەپ قويۇپ،
ئۆگۈن بولدى كەلمىدى.
باغرى بەكمۇ تاش ئىكەن،
يار يولىغا زار قىلدى.
تاقىتىم تامان بولدى،
كەلگەنلەردىن سورايمەن.
يەنە مېنى ئالدىساڭ،
قامچا گۈلدە ئۇرىمەن.
2
ئوسما تەرىم يارىمغا،
قويسۇن دىدىم قاشىغا.
ھەسەت قىلسا دوستلىرىڭ،
ئېيتسۇن دىدىم: يارىغا.
چىقىپ قالساق كوچىغا،
قاراشقانلار ھەۋەستە.
پىچىر-پىچىر قىلىشار،
ئارقىمىزدىن بەس-بەستە.
باغدا كاككۇك سايرايدۇ،
زەينىپىنى ئىزدەيدۇ.
ناخشىسىدا يۈرىكىم،
ئۆز يارىمنى كۈيلەيدۇ.
دۇتتارىمنى چالغاندا،
يارىم ئۇسۇل ئوينايدۇ.
قاراپ-قاراپ قالىمەن،
ئويناپ-ئويناپ تويمايدۇ.
2013-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى