ھۆسەن روزى تىرىك 1943-يىلى 27-ئىيۇل قاراشەھەر ناھىيەسىدە قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1960-يىلى قاراشاھار دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىنى پۈتۈرگەندىن كېيىن خوشۇت، باغراش ناھىيەلىرىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1982-يىلى شىنجاڭ رادىيۇ – تېلۋېزىيە ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ تىل – ئەدەبىيات كەسپىنى پۈتتۈرگەن. ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ «ئالى ئوقۇتقۇچى»لىق ئۇنۋانىغا ئىگە. ھازىر پېنسىيەدە.
ھۆسەن روزى تىرىك 1960-يىلى «تارىم» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «گۈزەل بوستان ياسايمىز» ناملىق شىئېرى بىلەن ئىجادىيەتكە كىرىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ھازىرغىچە 500 پارچىدىن ئارتۇق شىئېر، داستان، باللادا، ھېكايە، پوۋېست قاتارلىق تۈرلۈك ژانىرلاردىكى ئەسەرلىرى ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان. ھازىرغىچە «كۈمۈش قەترىلەر» (باشقىلار بىلەن بىرلىكتە)، «شائىرلىق كوچىسىدىن تەرمىلەر» ناملىق شىئېرلار توپلاملىرى،«نىقاپلانغان قاتىللار» ھېكايە – پوۋېستلار توپلىمى، «ئۇ دۇنيادىن كەلگەن ئادەم» ناملىق ئىككى توملۇق رومانى، «قارياغاچقا ياماشقان خىياللار» پوۋېستلار توپلىمى قاتارلىق كىتاپلىرى نەشر قىلىنغان. بىر قىسىم ئەسەرلىرى 3-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»، بالىلار ئەدەبىياتى بويىچە «غۇنچە» مۇكاپاتى ۋە بايىنغولىن ئوبلاستى بويىچە «مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتى» قاتارلىق ئەدەبىي مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.
ھۆسەن روزى تىرىك 1987-يىلىدىن بۇيان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.